شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى شولىز بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى

日期:2023年11月04日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرياڭ يىجۈن) 11 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ گېرمانىيە زۇڭلىسى شولىز بىلەن سىنلىق ئۇچرىشىش ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ـ گېرمانىيە مۇناسىۋىتى ئىككىنچى 50 يىلغا قەدەم قويدى. جۇڭگو ـ گېرمانىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلاردىن بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىش، بىر ـ بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش روھىغا ئەمەل قىلىپ ئورتاق ئالغا ئىلگىرىلىدى، ئارتۇقچىلىقلارنى قوبۇل قىلىپ، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش پوزىتسىيەسى بىلەن ئورتاق ئۆسۈپ يېتىلدى، بۇ، جۇڭگو ـ گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدا ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلىشىدىكى قىممەتلىك تەجرىبە بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ قەدىرلىشى ۋە ۋارىسلىق قىلىشىغا ئەرزىيدۇ. جۇڭگو ـ گېرمانىيە ھەمكارلىقى ئېچىۋېتىلگەن، ئەمەلىي، شۇنداقلا ئۈزلۈكسىز بېيىغان ۋە تەرەققىي قىلغان. ھازىر، جۇڭگو ـ گېرمانىيە سودىسى مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىش قىزغىنلىقى يۇقىرى بولۇۋاتىدۇ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقى تېخىمۇ مۇقىم، ساغلام، تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولۇشقا يۈزلەندى. ئىككى دۆلەت كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش سۆھبىتى ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورناتتى، تېزدىن تۇنجى قېتىملىق سۆھبەتنى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ كىلىماتنى قوغداش، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش، مۇھىتنى تۈزەش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ياشلار، يەرلىكلەر، دوست شەھەرلەر ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، خادىملارنىڭ بېرىش ـ كېلىشىگە تېخىمۇ كۆپ قولايلىق يارىتىپ بەرسە بولىدۇ. جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇۋاتىدۇ. يېقىندا، جۇڭگو چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشقا دائىر 24 ماددىلىق سىياسەت ـ تەدبىرنى ئېلان قىلدى، مەن 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە ياسىمىچىلىق ساھەسىدىكى تاشقى مەبلەغ ئىجازىتى چەكلىمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، چېگرا ھالقىغان مۇلازىمەت سودىسى ۋە مەبلەغ سېلىشنى يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق مۇھىم تەدبىرلەرنى جاكارلىدىم، بۇ، جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ زور پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ. 130دىن ئارتۇق گېرمانىيە كارخانىسى 6 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدۇ، بۇ، گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا تاشلىغان ئىشىنىش بېلىتى. گېرمانىيە تەرەپنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ گېرمانىيەگە بېرىپ ھەمكارلىشىشىدىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو ـ گېرمانىيە ھەمكارلىقى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا غايەت زور يوشۇرۇن كۈچنى قويۇپ بېرىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر خەلقئارا ۋەزىيەتتە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، جۇغراپىيەلىك توقۇنۇش كەسكىنلىشىۋاتىدۇ، ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشى ئاجىز بولۇۋاتىدۇ، سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرى قايتا باش كۆتۈرۈۋاتىدۇ. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە ئوخشاشلا مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتلەر، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى خەلقئارا تەرتىپ ۋە كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداپ، يەرشارىۋى خىرىسقا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو ـ ياۋروپا مۇناسىۋىتى دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قوغدىشى، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئەرزىيدۇ. جۇڭگو ياۋروپانى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى ۋە كۆپ قۇتۇپلىشىشتىكى مۇھىم بىر قۇتۇپ دەپ قارايدۇ. گېرمانىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بازارلاشتۇرۇش ۋە ئادىللىق پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئادىل بازار رىقابىتى ۋە ئەركىن سودىنى قوغدىشى، يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

شولىز مۇنداق بىلدۈردى: بۇلتۇر 11 ـ ئايدا مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي جۇڭگودا زىيارەتتە بولدۇم، بىز چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. بىر يىلدىن بۇيان، يېڭى بىر نۆۋەتلىك گېرمانىيە ـ جۇڭگو ھۆكۈمەتلەر ئارا كېڭىشىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، ھەرقايسى قاتلام، دەرىجە بويىچە سۆزلىشىش، ئالماشتۇرۇش تېز ئەسلىگە كەلدى، ئىقتىساد ـ سودا مۇناسىۋىتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، ھەمكارلىق تۈرلىرى سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى، گېرمانىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تېخىمۇ كۆپ ئىمكانىيەت ۋە كەڭ ئىستىقبال نامايان بولدى. گېرمانىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى گېرمانىيە تەرەپ ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. گېرمانىيە تەرەپ ئىككى دۆلەتنىڭ ياخشى مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، گېرمانىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. گېرمانىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ۋىزا بېرىش ۋە خادىملارنىڭ بېرىش ـ كېلىشى جەھەتتە ئۆزئارا قولايلىق يارىتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. گېرمانىيە تەرەپ ياۋروپا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ پائال تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شولىز گېرمانىيە تەرەپنىڭ پەلەستىن ـ ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى ۋە ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدىكى قارىشىنى تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مەيلى پەلەستىن ـ ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى بولسۇن ياكى ئۇكرائىنا كىرىزىسى بولسۇن، نېگىزدىن ھەل قىلىش ئۈچۈن، خەۋپسىزلىك مەسىلىسى ئۈستىدە تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلىنىپ، ئورتاق بولغان، ئۇنىۋېرسال بولغان، ھەمكارلىشىدىغان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تەڭپۇڭ، ئۈنۈملۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان خەۋپسىزلىك رامكىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا توغرا كېلىدۇ. باشقا دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىك بوشلۇقىنى قىسىپ، بىر تەرەپنى بىر تەرەپلىمە قانات ئاستىغا ئېلىپ، يەنە بىر تەرەپنىڭ ھەققانىي ئىلتىماس ـ تەلىپىگە سەل قاراش ئوخشاشلا رايون تەڭپۇڭسىزلىقىنى پەيدا قىلىپ، توقۇنۇشنىڭ كېڭىيىپ دەرىجىسىنىڭ ئېشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا توقۇنۇشنى مۇرەسسە قىلىش، جىددىيلىكنى پەسەيتىشكە كۈچ چىقىرىپ، رايون تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رول ئوينىشى كېرەك.

ۋاڭ يى ئۇچرىشىشقا قاتناشتى.