شى جىنپىڭ 5 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو ـ ئامېرىكا دوست شەھەرلەر يىغىنىغا خەت ئەۋەتتى

日期:2023年11月04日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى تېلېگراممىسى11 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 5 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو ـ ئامېرىكا دوست شەھەرلەر يىغىنىغا خەت ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسى خەلق ئارىسىدا، كۈچ مەنبەسى خەلقلەر دوستلۇقىدا. دوست ئۆلكە ـ ئىشتات ۋە دوست شەھەرلەر جۇڭگو ـ ئامېرىكا خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە. 1979 ـ يىلى تۇنجى قوشماق دوست شەھەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا 284 قوشماق دوست ئۆلكە ـ ئىشتات ۋە دوست شەھەر مۇناسىۋىتى ئورناتتى. 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ دوست ئۆلكە ـ ئىشتاتلىرى ۋە دوست شەھەرلىرى زىچ ھەمكارلىشىپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ـ ئامېرىكا دوست شەھەرلەر يىغىنى جۇڭگو ـ ئامېرىكا يەرلىكلەر ئالاقىسىدىكى مۇھىم مېخانىزم بولۇپ، قۇرۇلغاندىن بۇيان جۇڭگو ـ ئامېرىكا دوست شەھەرلەر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، دوست شەھەرلەر ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن پائال رول ئوينىدى. يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ داۋاملىق جۇڭگو ـ ئامېرىكا يەرلىكلەر ئالاقىسىدىكى كۆۋرۈك بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆلكە ـ ئىشتاتلىرى، شەھەرلىرىنىڭ بىپايان تىنچ ئوكياندىن ھالقىشىغا كۈچ قوشۇپ، ئورتاق ھالدا جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

5 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو ـ ئامېرىكا دوست شەھەرلەر يىغىنى شۇ كۈنى جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ سۇجوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، باش تېمىسى «يېشىل شەھەرنى ئورتاق بەرپا قىلىش، خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش» بولۇپ، جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى بىلەن جياڭسۇ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئورتاق مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن.