شى جىنپىڭ گىرېتسىيە زۇڭلىسى مىتسوتاكىس بىلەن كۆرۈشتى

日期:2023年11月04日
来源:天山网
【字体:

11 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن گىرېتسىيە زۇڭلىسى مىتسوتاكىس بىلەن كۆرۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىخۇاڭ جىڭۋېنفوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 11 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرياڭ يىجۈن) 11 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن گىرېتسىيە زۇڭلىسى مىتسوتاكىس بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ـ گىرېتسىيە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان ۋە مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرىدىغان، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان ھەمراھلار. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگو ـ گىرېتسىيە مۇناسىۋىتى باشتىن ـ ئاخىر ساغلام تەرەققىي قىلدى، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلاندى. جۇڭگو تەرەپ گىرېتسىيە بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى قەدىرلەيدۇ، گىرېتسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ـ گىرېتسىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭىچە دەۋر نۇرىنى چاقنىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ۋە مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش جۇڭگو ـ گىرېتسىيە مۇناسىۋىتىدىكى ئىككى چوڭ رىشتە. يېقىندا، گىرېتسىيە ھۆكۈمىتى يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەرنى 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىشقا ئەۋەتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو تەرەپ گىرېتسىيە تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قاتناش، كېمىسازلىق، ئېنېرگىيە، خەۋەرلىشىش، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېشىل ئىقتىساد، رەقەملىك ئىقتىساد، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق پۇرسىتىنى كېڭەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پىرائېئۇس پورتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك، مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو كارخانىلىرىنى گىرېتسىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ، گىرېتسىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، گىرېتسىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو ـ گىرېتسىيە مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش مەركىزى، مەدەنىي قەدىمىي دۆلەتلەر مۇنبىرى قاتارلىق ئادىمىيەت مېخانىزمىنى قوللايدۇ، گىرېتسىيە تەرەپ بىلەن مائارىپ، مەدەنىيەت، پەن تەتقىقات، ساياھەت، ياشلار قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ئالاقە، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. جۇڭگو ـ ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى جۇڭگو ـ ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقلىرىنىڭ بەخت ـ سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو ـ ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىياتى مۇستەقىل ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ بىلەن بىللە، توغرا بولغان ئۆزئارا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى ئورتاق تونۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئومۇميۈزلۈك قوزغىتىشنى خالايدۇ. گىرېتسىيەنىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن ئىجابىي رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مىتسوتاكىس مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2019 ـ يىلى گىرېتسىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقى گىرېتسىيە خەلقىنىڭ ھېلىھەم ئېنىق ئېسىدە. شۇنىڭدىن كېيىن، گىرېتسىيە ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ كەلدى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى، پىرائېئۇس پورتى تۈرى گىرېتسىيە ـ جۇڭگو ھەمكارلىقىدىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىدىغان مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگە بولۇپ قالدى. گىرېتسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، يوشۇرۇن كۈچنى يەنىمۇ قېزىپ، كېمىسازلىق، سۇ تىرانسپورتى، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ گىرېتسىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىنىڭ گىرېتسىيەگە بېرىپ ساياھەت قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ. گىرېتسىيە بىلەن جۇڭگو ئوخشاشلا مەدەنىي قەدىمىي دۆلەتلەر، گىرېتسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن خادىملارنىڭ بېرىش ـ كېلىشىنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گىرېتسىيە ـ جۇڭگو مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش مەركىزىنى ئورتاق ياخشى باشقۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى تەشەببۇس قىلىپ، تېخىمۇ ئىناق، تەڭپۇڭ بولغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. گىرېتسىيە تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ خەلقئارا، رايون ئىشلىرىدا ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. گىرېتسىيە ياۋروپا ـ جۇڭگو ھەمكارلىقىدىكى كۆۋرۈك بولۇشنى خالايدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو باراۋەر ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش روھى بويىچە تامامەن قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشالايدۇ، گىرېتسىيە ياۋروپا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا داۋاملىق تۈردە پائال تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.