يولداش لى كېچياڭنىڭ جەسىتى 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى كۆيدۈرۈلىدۇ

日期:2023年11月03日
来源:天山网
【字体:

​تيەنئەنمېن قاتارلىق جايلاردا بايراق يېرىم چۈشۈرۈلۈپ تەزىيە بىلدۈرۈلىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، كۆزگە كۆرۈنگەن پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەشھۇر رەھبىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 17 - نۆۋەتلىك، 18 - نۆۋەتلىك، 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ سابىق زۇڭلىسى يولداش لى كېچياڭنىڭ جەسىتى 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى بېيجىڭدا كۆيدۈرۈلىدۇ.

يولداش لى كېچياڭنىڭ جەسىتى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى مەخسۇس ئايروپىلاندا شاڭخەيدىن بېيجىڭغا مۇھاپىزەت قىلىنىپ يۆتكەپ كېلىندى.

يولداش لى كېچياڭغا تەزىيە بىلدۈرۈش ئۈچۈن، 11 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، پايتەختتىكى تيەنئەنمېن، شىنخۇامېن، خەلق سارىيى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايلار، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى، ھەرقايسى چېگرا پورتلىرى، تاشقى دېڭىز ۋە ھاۋا پورتلىرى، جۇڭگونىڭ چەت ئەلدىكى ئەلچىخانا - كونسۇلخانىلىرىدا بايراق يېرىم چۈشۈرۈلۈپ تەزىيە بىلدۈرۈلىدۇ.