​يولداش لى كېچياڭ ۋاپات بولدى

日期:2023年10月29日
来源:天山网
【字体:

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى گوۋۇيۈەن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ قايغۇلۇق خەۋىرى

​يولداش لى كېچياڭ ۋاپات بولدى

يولداش لى كېچياڭنىڭ ھاياتى ئىنقىلابىي ھايات، كۈرەشچان ھايات، شانلىق ھايات، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ھايات، كوممۇنىزم ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلىغان ھايات.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى قايغۇلۇق ھالدا شۇنى جاكارلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، كۆزگە كۆرۈنگەن پىرولېتارىيات ئىنقىلابچىسى، سىياسىيون، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەشھۇر رەھبىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 17 - نۆۋەتلىك، 18 - نۆۋەتلىك، 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ سابىق زۇڭلىسى يولداش لى كېچياڭ يۈرەك كېسىلى تۇيۇقسىز قوزغىلىش سەۋەبىدىن، پۈتۈن كۈچ بىلەن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي، 2023 - يىلى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سائەت 0دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە شاڭخەيدە 68 يېشىدا ۋاپات بولدى.

يولداش لى كېچياڭ، 1955 - يىلى 7 - ئايدا تۇغۇلغان، ئەنخۇي دىڭيۈەندىن. ئۇ ياش - ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن باشلاپلا پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈپ، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈپ، خەلقنى قىزغىن سۆيۈپ، قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، ئالغا بېسىشقا ئىنتىلگەن. 1974 - يىلى 3 - ئايدىن باشلاپ ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ فېڭياڭ ناھىيەسى دامياۋ گۇڭشېسى دۇڭلىڭ دادۈيىدە ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىدە ئىشلىگەن، 1976 - يىلى 5 - ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرگەن، 1976 - يىلى 11 - ئايدىن 1978 - يىلى 3 - ئايغىچە ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ فېڭياڭ ناھىيەسى دامياۋ گۇڭشېسى دامياۋ دادۈيى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1978 - يىلى 3 - ئايدىن 1982 - يىلى 2 - ئايغىچە بېيجىڭ داشۆنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى بولغان. 1982 - يىلى 2 - ئايدىن باشلاپ، يولداش لى كېچياڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بېيجىڭ داشۆ ئىتتىپاق كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى مەكتەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى، قوشۇمچە مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى بولغان، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ كاندىدات شۇجىسى بولغان، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، قوشۇمچە مەملىكەتلىك ياشلار بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مەملىكەتلىك پىيونېرلار خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1993 - يىلى 3 - ئايدىن باشلاپ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ 1 - شۇجىسى، قوشۇمچە جۇڭگو ياشلار سىياسىي شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى، 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولغان. ئۇ پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىنى ئويلىشىپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلغان. 1998 - يىلى 6 - ئايدىن باشلاپ، يولداش لى كېچياڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خېنەن ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇۋەققەت ئۆلكە باشلىقى، ئۆلكە باشلىقى بولغان، ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى بولغان، ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. ئۇ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كۈرەش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۆلكە بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە تەرەققىيات ئورتاق تونۇشىنى شەكىللەندۈرۈپ، سانائەتلەشتۈرۈش، شەھەر - بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىللە، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، خېنەننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا تېز تەرەققىياتنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولغان. 2004 - يىلى 12 - ئايدىن باشلاپ، يولداش لى كېچياڭ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ لياۋنىڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى بولغان، ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى بولغان. ئۇ شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش ۋە دېڭىز بويىنى ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت قوش پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، «بەش نۇقتا بىر لىنىيە»دىن ئىبارەت دېڭىز بويى ئىقتىساد بەلبېغىنى بەرپا قىلىپ، مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن كەپىلىك رايونلارنى ئۆزگەرتىش، «ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلە»لەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەم تەشكىللەپ يولغا قويغان، لياۋنىڭ كونا سانائەت بازىسىنى گۈللەندۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولغان. 2007 - يىلى 10 - ئايدا، يولداش لى كېچياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 17 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 2008 - يىلى 3 - ئايدا، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولۇپ، گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي خىزمىتىگە مەسئۇل بولغان، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، مالىيە، دۆلەت زېمىن بايلىقى، مۇھىت قوغداش، قۇرۇلۇش، سەھىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولغان. ئۇ خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى تېزلىتىش، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، ئېنېرگىيە تېجەپ بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ۋە ئېكولوگىيە - مۇھىت قوغداشنى ئالغا سىلجىتىش، تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ھەمكارلىشىپ ياخشى ئىشلىگەن. ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، ئاساسىي قاتلامنى كۈچەيتىش، مېخانىزم بەرپا قىلىشنى داۋالاش ئىسلاھاتى خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، داۋالاش سۇغۇرتىسى، تېببىي دورا، داۋالاشتىن ئىبارەت «ئۈچ چاقلىق قوزغىتىش»قا تۈرتكە بولغان. كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. مۇھىت قوغداش يېڭى يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، تەرەققىيات داۋامىدا قوغداش، قوغداش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرغان. 2012 - يىلى 11 - ئايدا، يولداش لى كېچياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا يەنە بىر قېتىم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 2013 - يىلى 3 - ئايدا، 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا، ئۇ گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىلىقىغا تەيىنلەنگەن، شۇ ئايدىن باشلاپ گوۋۇيۈەن پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. چىگىش، مۇرەككەپ بولغان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى ۋەزىيىتى ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ماكرولۇق تەڭشەش ۋە تىزگىنلەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئالدىن تەڭشەش، مىكرو تەڭشەشكە ئەھمىيەت بەرگەن، نىشانلىق تەڭشەش ۋە تىزگىنلەشكە ئەھمىيەت بەرگەن. «ئالاقە تورى +» ھەرىكىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، يېڭى - كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىنى تېزلەتكەن. سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتقان. ھۆكۈمەتنىڭ فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، تىرىشىپ خەلق رازى بولىدىغان قانۇنچىل ھۆكۈمەت، يېڭىلىق يارىتىشچان ھۆكۈمەت، پاك ھۆكۈمەت ۋە مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇشقا تۈرتكە بولغان. 2017 - يىلى 10 - ئايدا، يولداش لى كېچياڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 - ئومۇمىي يىغىنىدا يەنە بىر قېتىم مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 2018 - يىلى 3 - ئايدا، 13 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا، ئۇ يەنە بىر قېتىم گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىلىقىغا تەيىنلەنگەن ھەم گوۋۇيۈەن پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى بولغان. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۇنيا ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ تېز ئۆزگىرىشى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ زەربىسى، دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلىشى قاتارلىق كۆپ خىل سىناقلار ئالدىدا، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، «ئالتىنى مۇقىملاشتۇرۇش»، «ئالتىگە كاپالەتلىك قىلىش» خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىقنى قوغداشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىچكى ئۈنۈملۈك ئېھتىياجنى پائال كېڭەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۈرۈشۈشىنىڭ مۇۋاپىق ئارىلىقتا بولۇشىنى ساقلاپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقا تايىنىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولغان. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسقا كاپالەتلىك قىلىش، تۆۋەن چەكنى ساقلاش، ئادىللىقنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسەت يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كاپالەتلىك تۇرالغۇ تەمىناتىنى كېڭەيتكەن. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملىگەن ۋە كېڭەيتكەن. سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولغان.

گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى بولغاندىن كېيىن، يولداش لى كېچياڭ يەنە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ گوۋۇيۈەن شەرقىي شىمال رايونى قاتارلىق كونا سانائەت بازىسىنى گۈللەندۈرۈش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، گوۋۇيۈەن غەربىي قىسىم رايونىنى ئېچىش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، دۆلەت پەن - تېخنىكا، مائارىپ رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، دۆلەت كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش ھەم ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى قوشۇمچە ئۆتىگەن، پەن - تېخنىكا، مائارىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت قوغداش ۋە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، غەربىي قىسىمنى كەڭ ئېچىش قاتارلىق ساھەلەرگە نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن كېيىن، يولداش لى كېچياڭ مەركەز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، زور ئىجابىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولغان. يولداش لى كېچياڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ئىسلاھاتى يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئويناش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۈنۈملۈك بازار بىلەن ياراملىق ھۆكۈمەتنىڭ تېخىمۇ ياخشى بىرىكىشىگە تۈرتكە بولغان. ئۇ ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى ئۆزگەرتىش ۋە مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، مالىيە - باج، پۇل مۇئامىلە، مەبلەغ سېلىش، پەن - تېخنىكا قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كەڭ دائىرە، تېخىمۇ كەڭ ساھە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىكى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغان. يولداش لى كېچياڭ خەلق ئاممىسىغا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، تۇرالغۇ، داۋالىنىش، ياشانغانلار كۈتۈنۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى گەۋدىلىك قىيىنچىلىقىنى ياخشى ھەل قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى تۆۋەن چېكىنى پۇختا كاپالەتلەندۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرغان.

2023 - يىلى 3 - ئايدىن باشلاپ، يولداش لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىمىگەن. رەھبەرلىك ئورنىدىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئۇ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىنى قەتئىي ھىمايە قىلىپ ۋە قوللاپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قەتئىي قوللىغان.

يولداش لى كېچياڭنىڭ ھاياتى ئىنقىلابىي ھايات، كۈرەش قىلغان ھايات، شانلىق ھايات، جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلغان ھايات، كوممۇنىزم ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلىغان ھايات. ئۇنىڭ ۋاپاتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئۈچۈن زور يوقىتىش. بىز قايغۇنى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىنقىلابىي روھى، ئالىيجاناب پەزىلىتى ۋە ئېسىل ئىستىلىدىن ئۆگىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، بىر مەقسەتتە بولۇپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

يولداش لى كېچياڭ مەڭگۈ ھايات!