جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

日期:2023年10月29日
来源:天山网
【字体:

​«يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا دائىر بىرقانچە سىياسەت - تەدبىر توغرىسىدىكى پىكىر»نى قاراپ چىقتى​

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 10 - ئاينىڭ 27 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشقا دائىر بىرقانچە سىياسەت - تەدبىر توغرىسىدىكى پىكىر»نى قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. شەرقىي شىمال رايونىنىڭ بايلىق شارائىتى بىر قەدەر ياخشى، كەسىپ ئاساسى بىر قەدەر پۇختا، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ئۆزگىچە، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. بۇ يىل شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش يېڭى مۇھىم پۇرسەتكە توغرا كەلدى، بىرقاتار قوللاش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ يولغا قويۇش يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشەنچنى چىڭىتىپ، شەرقىي شىمالنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شەرقىي شىمالنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، ئىمكانىيەتلىك سىجىل گۈللىنىش يېڭى يولىدا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: شەرقىي شىمالنىڭ دۆلەتنىڭ «بەش چوڭ بىخەتەرلىك»ىنى قوغداشتىكى مۇھىم بۇرچىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپە ۋە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، قوللاش سالمىقىنى زورايتىش بىلەن ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچنى قوزغىتىشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شەرقىي شىمالنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تىرەكلىك رولىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى پائال يېتىلدۈرۈپ، تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۈچەيتىش كېرەك. زامانىۋىلاشقان چوڭ يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئاشلىقنى ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق ھوسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئېكولوگىيەنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، يېشىللىقنى كۆپەيتكەنلىك ئەۋزەللىكنى كۆپەيتكەنلىك، ئورماننى قوغدىغانلىق بايلىقنى قوغدىغانلىق دېگەن ئىدىيەنى تۇرغۇزۇپ، ئورمان ئىقتىسادى، قار - مۇز ئىقتىسادىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، شىمالدىكى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ئېلېكتىر، يادرو ئېلېكتىر قاتارلىق پاكىز ئېنېرگىيەلەرنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ئېلېكتىر، ئوت ئېلېكتىر، يادرو ئېلېكتىرنى زاپاس ساقلاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇش كېرەك. چېگرا رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى پىلانلاش، ئورۇنلاشتۇرۇش، قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خاس كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈپ خەلقنى بېيىتىش، چېگرا رايوننى مۇقىملاشتۇرۇش، مۇستەھكەملەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاساس مائارىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، شەرقىي شىمالدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇشىغا بولغان قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، نوپۇسنىڭ ئومۇمىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈپ، نوپۇسنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئارقىلىق شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تىرەك بولۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پارتىيە رەھبەرلىكىنى يېڭى دەۋردە شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى ساھەلىرى، ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، شەرقىي شىمال رايونىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىيات ئارقىلىق تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە ھەم ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ھەم ئورتاق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشى، ھەم خاس ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ئالاقىدار تەرەپلەر قاراتمىلىقى كۈچلۈك قوللاش سىياسەتلىرىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، ماسلاشتۇرۇش - مۇلازىمەت قىلىش ۋە ھەيدەكچىلىك قىلىش - تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئەھۋاللارنى ۋاقتىدا ئىز قوغلاپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ شەرقىي شىمالنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىشى كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.