شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ نوۋوئانىڭ ئېكۋادورنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

日期:2023年10月27日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 10 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ داننېل نوۋوئاغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئېكۋادور جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئېكۋادور لاتىن ئامېرىكىسىدىكى مۇھىم دۆلەت. جۇڭگو بىلەن ئېكۋادور دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 43 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر قويۇق ئالاقىلىشىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، ئەنئەنىۋى دوستلۇق كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. مەن جۇڭگو ـ ئېكۋادور مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، سايلانغان زۇڭتۇڭ نوۋوئا بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو ـ ئېكۋادور ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.