10-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 0دە ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونىدىكى قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە سۇ توختايدۇ

日期:2023年10月25日
来源:天山网
【字体:

مەنبە: ئالقاندىكى ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى گو جۈنگې خەۋىرى) مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇشلارغا ماسلىشىش ئۈچۈن، 10-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 0:00 دە، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونىدىكى قىسمەن يول بۆلەكلىرىدە ئاھالىلەرنىڭ سۇ ئىشلىتىشى تەسىرگە ئۇچرايدۇ.

10-ئاينىڭ 24-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى سۇچىلىق گۇرۇھىدىن ئىگىلىشىچە، دوستلۇق گۇرۇھىنىڭ ئەسلىدىكى يوۋخاۋ بەيشېڭسۇ بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا لىنىيەسىنى ئۆزگەرتىپ كۆچۈرۈش قۇرۇلۇشىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، 10-ئاينىڭ 25-كۈنى سائەت 0دىن 10-ئاينىڭ 26-كۈنى سائەت 12گىچەخۇاڭخې يولى، ياڭزىجياڭ يولى، دوستلۇق جەنۇبىي يولى، لەنشيۇيۈەن غەربىي كوچىسى بويىدىكىلەر سۇ توختاشنىڭ تەسىرىگەئۇچرايدىكەن.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، چاڭجياڭ يولى، شىخۇڭ يولى، ئالتاي يولى، غەربىي شىمال يولى، خېيلۇڭجياڭ يولى، دوستلۇق شىمالىي يولى، قاراماي غەربىي يولى بويىلىرىدىكىلەرئىشلىتىدىغان سۇنىڭ بېسىمى تۆۋەنلەيدىكەن.

ئۈرۈمچى سۇ ئىشلىرى گۇرۇھى لىنىيە بويىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ئالدىن زاپاس سۇ ئېلىۋېلىشىنى ئەسكەرتىدۇ. ئەگەر ھاۋا رايى ئۆزگىرىشى ياكى ئالاھىدە ئەھۋالغا يولۇققاندا، سۇ توختىتىش ۋاقتى ئۇزارتىلىدۇ.