«شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

日期:2023年10月24日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت ـ ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت ـ ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

ئاساسىي قاتلام كۈچەيسە دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ، ئاساسىي قاتلام تىنچ بولسا جاھان تىنچ بولىدۇ. پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ۋە دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىغا بەخت يارىتىشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ھەر تەرەپلىمە ئىدارە قىلىش، مەنبەدىن ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتىنىڭ ئىدارە قىلىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق ئىدارە قىلىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان شەھەر ـ يېزا ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، مەھەللىلەرنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئامما خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، جەمئىيەت تىنچ، تەرتىپلىك بولغان ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈردى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئۆزى ئىدارە قىلىش، قانۇن ئىدارە قىلىش، ئەخلاق ئىدارە قىلىش بىرلەشتۈرۈلگەن شەھەر ـ يېزا ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەممە كىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى بولغان، ھەممە كىشى مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان، ھەممە كىشى بەھرىلىنىدىغان جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

«بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» يەتتە مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن، جەمئىي 216 بۆلەك بايان بار بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنىدىن 2023 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 21 ـ كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدىكى دوكلاتى، سۆزى، ئىزاھاتى، تەبرىك خېتى، جاۋاب خېتى، يوليورۇقى قاتارلىق 130 پارچە مۇھىم ھۆججەت ـ ئەسەرلىرىدىن ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى قىسمەن بايانلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.