​پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى كەڭ توپلاپ، ئىجادىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى كەڭ مۇجەسسەملەش كېرەك

日期:2023年10月22日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ ياۋروپا - ئامېرىكا ساۋاقداشلار جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى​

پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى كەڭ توپلاپ، ئىجادىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى كەڭ مۇجەسسەملەش كېرەك

​ۋاڭ خۇنىڭ تەبرىكلەش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

تەبرىك خەت

ياۋروپا - ئامېرىكا ساۋاقداشلار جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقى پەيتىدە، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ياۋروپا - ئامېرىكا ساۋاقداشلار جەمئىيىتى(چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇقلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى)نى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، كەڭ چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلار ۋە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلار خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللايمەن!

ياۋروپا - ئامېرىكا ساۋاقداشلار جەمئىيىتى پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئاممىۋى، ئالىي مەلۇمات، بىرلىك سەپ خاراكتېرىگە ئىگە خەلق تەشكىلاتى، قۇرۇلغان 110 يىلدىن بۇيان، چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش بايرىقىنى باشتىن - ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، كەڭ چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، خەلققە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى. يېڭى مۇساپىدە، ياۋروپا - ئامېرىكا ساۋاقداشلار جەمئىيىتى سىياسىيۋىلىق، ئىلغارلىق، ئاممىۋىلىقنى كۈچەيتىپ، چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىختىساسلىقلار ئامبىرى، تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىش ئاقىللار ئۆمىكى، خەلق ئىچى دىپلوماتىيەسىدىكى جەڭگىۋار قوشۇن بولۇشتەك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك ۋە تەشكىلىي قۇرۇلۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى كەڭ توپلاپ، ئىجادىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى كەڭ مۇجەسسەملىشى كېرەك. كەڭ چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىش دەۋر دولقۇنىغا ئاتلىنىپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا كۈچ قوشۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇشتا كىشىلىك ھاياتنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ

2023 - يىلى 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسىياۋروپا - ئامېرىكا ساۋاقداشلار جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خەت ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ياۋروپا - ئامېرىكا ساۋاقداشلار جەمئىيىتى (چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇقلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى)نى قىزغىن تەبرىكلىدى، كەڭ چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلار ۋە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلار خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: ياۋروپا - ئامېرىكا ساۋاقداشلار جەمئىيىتى پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئاممىۋى، ئالىي مەلۇمات، بىرلىك سەپ خاراكتېرىگە ئىگە خەلق تەشكىلاتى، قۇرۇلغان 110 يىلدىن بۇيان، چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش بايرىقىنى باشتىن - ئاخىر ئېگىز كۆتۈرۈپ، كەڭ چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، خەلققە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، ياۋروپا - ئامېرىكا ساۋاقداشلار جەمئىيىتى سىياسىيۋىلىق، ئىلغارلىق، ئاممىۋىلىقنى كۈچەيتىپ، چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىختىساسلىقلار ئامبىرى، تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىش ئاقىللار ئۆمىكى، خەلق ئىچى دىپلوماتىيەسىدىكى جەڭگىۋار قوشۇن بولۇشتەك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك ۋە تەشكىلىي قۇرۇلۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن جاھاندىكى ئىختىساسلىقلارنى كەڭ توپلاپ، ئىجادىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى كەڭ مۇجەسسەملىشى كېرەك. كەڭ چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەننى سۆيۈپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىش دەۋر دولقۇنىغا ئاتلىنىپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا كۈچ قوشۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا تۈرتكە بولۇشتا كىشىلىك ھاياتنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ياۋروپا - ئامېرىكا ساۋاقداشلار جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى 10 - ئاينىڭ 21 - كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ياۋروپا - ئامېرىكا ساۋاقداشلار جەمئىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 110 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس تەبرىك خېتى ئەۋەتىپ، ياۋروپا - ئامېرىكا ساۋاقداشلار جەمئىيىتىنىڭ پائال تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، ياۋروپا - ئامېرىكا ساۋاقداشلار جەمئىيىتىنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ، كەڭ چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلارغا سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. بىز چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇشىمىز كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى دەۋر ئىختىساسلىقلارنى چاقىرىدىغان ھەم ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرىدىغان ئۇلۇغ دەۋر، كەڭ چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۇنيادا بىلىم ئېلىش، جۇڭخۇادا ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە كىشىلىك ھاياتنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ۋەتەننى سۆيۈش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى ئاڭلىق ھالدا ۋەتەننىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، خەلقنىڭ تارىخ يارىتىش كۈرىشىگە سىڭدۈرۈپ، تولۇپ تاشقان ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقى بىلەن ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشى، خەلققە مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. ئۆزىگە ئىشىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش ئىرادىسىنى تىكلەپ، توختىماي ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش شىجائىتىنى چىڭىتىپ، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئىشەنچىنى ئاشۇرۇپ، ئىشەنچ، ئېتىقادنى چىڭىتىش ئارقىلىق ئالغا ئىلگىرىلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇشى كېرەك. يول ئېچىپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دادىللىق بىلەن ئالدىنقىلاردىن ئېشىپ كېتىش، دادىللىق بىلەن دەۋرنى يېتەكلەش، دادىللىق بىلەن دۇنياۋى مۆجىزە يارىتىشتەك ئۇلۇغۋار ئىرادە بىلەن جەسۇرانە ھالدا بىرىنچى بولۇشقا تىرىشىپ، تېخىمۇ قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق مىللەتنى گۈللەندۈرۈش زور ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئېلىشى كېرەك. ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگو بىلەن چەت ئەلنىڭ دوستانە ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۆۋرۈك، ۋاسىتە بولۇپ، ئىچكى جەھەتتە يېتەكلەش، تاشقى جەھەتتە ئالاقە باغلاش ئەۋزەللىكى ئارقىلىق تاشقى ئالماشتۇرۇش، ئالاقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ياۋروپا - ئامېرىكا ساۋاقداشلار جەمئىيىتى پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىيلىق، ئىلغارلىق، ئاممىۋىلىقنى كۈچەيتىپ، چەت ئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىختىساسلىقلار ئامبىرى، تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىش ئاقىللار ئۆمىكى، خەلق ئىچى دىپلوماتىيەسىدىكى جەڭگىۋار قوشۇن بولۇشتەك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەڭ چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلارنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ ياخشى ئۇيۇشتۇرۇشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى شى تەيفېڭ يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ياۋروپا - ئامېرىكا ساۋاقداشلار جەمئىيىتىنىڭ جەمئىيەت باشلىقى دىڭ جۇڭلى دوكلات بەردى.

جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، جەمئىيەت باشلىقى ياڭ ۋەنمىڭ خەلق تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن تەبرىك سۆزى قىلدى، ياۋروپا - ئامېرىكا ساۋاقداشلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو پەن - تېخنىكا داشۆسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن مۇدىرى پەن جيەنۋېي چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلارغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى، جۇڭگودا تۇرۇشلۇق بىرقىسىم ئەلچىخانىلارنىڭ دىپلوماتىيە ئەمەلدارلىرى، ياۋروپا - ئامېرىكا ساۋاقداشلار جەمئىيىتىدىكى ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقانلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.