شى جىنپىڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى، كېنىيە زۇڭتۇڭى، نىگېرىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بىلەن كۆرۈشتى

日期:2023年10月19日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار شۈ كې، جاڭ شياۋ) 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى فېرناندېس بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئارگېنتىنا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىزنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىمىزدە، جۇڭگو - ئارگېنتىنا مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. جۇڭگو بىلەن ئارگېنتىنا ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشتىن ئىبارەت تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان. جۇڭگو تەرەپ ئارگېنتىنا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ئارگېنتىنا مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى جەنۇب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىدا ئۈلگە تىكلەشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئارگېنتىنانىڭ ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە مۇقىملىقىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، ئارگېنتىنا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئارگېنتىنانىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى خالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئارگېنتىناغا بېرىپ مەبلەغ سېىلشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ.

شى جىنپىڭ ئارگېنتىنانىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقانلىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئارگېنتىنا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدە ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب رايونىنىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى ئىزچىل قوللايدۇ، ئارگېنتىنا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب رايونىدىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرى قۇرۇلۇشى ۋە جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

فېرناندېس مۇنداق بىلدۈردى: ھەقىقىي دوست باشقا كۈن چۈشكەندە سىنىلىدۇ. ئۆتكەن بىرنەچچە يىلدا، مەيلى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى، ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئاپىتى ياكى پۇل مۇئامىلە، ئىقتىسادىي قىيىنچىلىق ئالدىدا بولسۇن، جۇڭگو ئارگېنتىنا خەلقىگە قىممەتلىك ياردەم قولىنى سۇنۇپ كەلدى، ئارگېنتىنا تەرەپ بۇنىڭدىن چوڭقۇر تەسىرلەندى، قەلبىدە چىڭ ساقلايدۇ. جۇڭگو ئارگېنتىنانىڭ ھەقىقىي دوستى. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق مۇھىم تەشەببۇس دۇنياغا ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە مۇھىم پۇرسەت يارىتىپ بەردى، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە ئادىللىقى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە تەڭداشسىز مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى، ئارگېنتىنا تەرەپ بۇنى تامامەن قۇۋۋەتلەيدۇ، پائال قوللايدۇ. ئارگېنتىنا تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىقتىساد - سودا، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئارگېنتىنا بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە يېڭى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئارگېنتىنا تەرەپ لاتىن ئامېرىكىسى - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى ۋە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدىكى ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار شۈ كې، چېن شۈ) 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن كېنىيە زۇڭتۇڭى رۇتو بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كېنىيەنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇپ، ئۆزئارا قوللاپ كەلدى، بىر - بىرىگە ئىشىنىدىغان ياخشى دوستلار، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان ياخشى ھەمراھلار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن كېنىيە مومباسا - نايروبى تۆمۈريولى، مومباسا نېفىت پورتى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم تۈرلەرنى ھەمكارلىشىپ يولغا قويدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى كېنىيەدە چېچەكلەپ مېۋە بېرىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - كېنىيە مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ، كېنىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ كېنىيەنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئۆز ئالدىغا ئىزدىنىشىنى قوللايدۇ، كېنىيە تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا قەتئىي قوللاشنى خالايدۇ. كېنىيە تەرەپنىڭ ئافرىقىنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا يەتكۈزۈش «يېشىل يولى» قاتارلىق سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش تەدبىرلىرى ۋە سۇپىلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، جۇڭگو بازىرى ۋە ئېچىۋېتىش پايدىسىدىن بەھرىلىنىپ، كېنىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ خاس، ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنى جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگو تەرەپ تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىسىنىڭ كېنىيەگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشكە مەدەت بېرىپ، كېنىيەنىڭ يېشىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. ئىككى تەرەپ كۇڭزى شۆيۈەنى، لۇبەن ھۈنەرخانىسى قاتارلىق سۇپىلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، يەرلىكلەرنىڭ ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. كۆپ تەرەپلىك ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك.

رۇتو مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. كېنىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ كەلدى. بولۇپمۇ رەئىس شى جىنپىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن بۇيان، كېنىيە جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقتىن كۆپ نەپكە ئېرىشتى. مومباسا - نايروبى تۆمۈريولى قاتارلىق مۇھىم تۈرلەر كېنىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇردى. ئىشىنىمەنكى، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى سەككىز تۈرلۈك ھەرىكەت يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كېنىيە بىلەن ئافرىقىنىڭ سانائەتلىشىش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىسادنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ. كېنىيە تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ھەققانىي مەيدانىنى قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىيات تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك ئېلىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېنىيە - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ۋە ئافرىقا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار شۈ كې، لىن مياۋمياۋ) 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن نىگېرىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى شېتىما بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل مېنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىمنىڭ 10 يىللىقى، شۇنداقلا مېنىڭ ئافرىقىغا قارىتا چىن، سەمىمىي سىياسەت قوللىنىش ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىمنىڭ 10 يىللىقى. 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى، زور بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك تۈرلەر ئارقا - ئارقىدىن پۈتتى. جۇڭگو بىلەن نىگېرىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىدىكى يارقىن نۇقتىلار گەۋدىلىنىپ، تۆمۈريول، پورت، ئېلېكتىر ئىستانسىسى، خەۋەرلىشىش تايانچ تورى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم ھەمكارلىق تۈرلىرى ئارقا - ئارقىدىن پۈتۈپ، ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. جۇڭگو تەرەپ نىگېرىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق تىرىشىپ، جۇڭگو - نىگېرىيە، جۇڭگو - ئافرىقا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، نىگېرىيە بىلەن ئافرىقىنىڭ سانائەتلىشىش ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن نىگېرىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئۆزئارا نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇردى. ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنيا ئالدىدا، جۇڭگو - نىگېرىيە ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشكە ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئېھتىياجلىق. جۇڭگو تەرەپ نىگېرىيەنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، نىگېرىيە تەرەپ بىلەن ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىدىكى خادىملار بېرىش - كېلىشىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ نىگېرىيەنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، نىگېرىيە تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنى دېموكراتىيەلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

شېتىما مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيمەن. نىگېرىيە بىلەن جۇڭگو ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولىدىغان، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان ياخشى دوستلار، جۇڭگو نىگېرىيە قاتارلىق ئافرىقا دۆلەتلىرىگە باشتىن - ئاخىر ھۆرمەت قىلىپ كەلدى ۋە باراۋەر مۇئامىلىدە بولدى، ئەزەلدىن ھاكاۋۇرلۇق قىلمىدى، ئافرىقا خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ۋە تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللاپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپنىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن بىر قاتار مۇھىم يەرشارىۋى ھەمكارلىق تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىغا ھەم نىگېرىيەنىڭ تەرەققىياتىنى قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە، نىگېرىيە ۋە ئافرىقىنىڭ سانائەتلىشىش مۇساپىسىگە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. نىگېرىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، قەتئىي تەۋرەنمەي بىر جۇڭگو سىياسىتىگە ئەمەل قىلىدۇ، نىگېرىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە راۋاجلىنىشىغا قەتئىي كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نىگېرىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار شۈ كې، جى نىڭ) 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى كەچتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيا نۇرغۇن يەرشارىۋى تەھدىت ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى، خەلقئارا جەمئىيەت جەزمەن ئىتتىپاقلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، تەرەققىيات مەسىلىسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. مېنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمدىكى مەقسەت تۈرلۈك يەرشارىۋى خىرىسلارغا قول تۇتۇشۇپ تاقابىل تۇرىدىغان توغرا يولنى تېپىش؛ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇمدىكى مەقسەت تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچلەرنى مۇجەسسەملەپ، توپلاپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىغا كۈچ قوشۇپ، ھەرقانداق دۆلەتنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويماسلىق.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 10 يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن ئەمەلىي نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلۈپ، جۇشقۇن ئىلگىرىلەيدىغان ھاياتىي كۈچ نامايان قىلىندى. ئادەم سەمىمىي، سادىق بولسىلا باشقىلارنى تەسىرلەندۈرەلەيدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش كەڭ قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن يەر شارىۋى ئاممىۋى مەھسۇلات ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق سۇپىسىغا ئايلاندى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان مۇھىم ھەمراھ. جۇڭگو تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاپپاراتى بىلەن بىرلىكتە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ھەمدە باش كاتىپ گۇتېررېسنىڭ خىزمىتىنى قوللايدۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاپپاراتى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچىللىك ۋە دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

گۇتېررېس مۇنداق بىلدۈردى: تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۇل ئەسلىھە ۋە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش جەھەتتە ئاجىز ۋە ئادىل بولمىغان ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە سىستېمىسى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي رېئاللىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، جىددىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشنى ئىنتايىن مۇھىم ۋە ئۈنۈملۈك يول بىلەن تەمىنلەپ، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلەپ بەردى. رەئىس شى جىنپىڭ 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە ئېلان قىلغان سەككىز تۈرلۈك ھەرىكەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە نىشانىغا تامامەن ئۇيغۇن، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە پايدىلىق. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپچىللىكنى قەتئىي قوغدىغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ چوڭ يەرشارىۋى تەشەببۇسنى قوللايدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا قەتئىي كۈچ چىقىرىدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.