شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەتلەشتى

日期:2023年10月19日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، لو شىن) 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ ئۇدا ئۈچ قېتىم «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشقانلىقى رۇسىيە تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى قوللايدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. رۇسىيە جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم ھەمراھى. جۇڭگو - رۇسىيە شەرقىي لىنىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قاتارلىق چوڭ - چوڭ ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ ھەم ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق رايون ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ، جۇڭگو - موڭغۇلىيە - رۇسىيە تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى تۈرىدە بالدۇرراق ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، «تۈمەن چاقىرىملىق چاي يولى» چېگرا ھالقىغان ساياھەت ھەمكارلىقىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو - موڭغۇلىيە - رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تۇتاشتۇرۇلغان تەرەققىيات يولى قىلىپ بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەڭگۈ ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ، دوستانە ئۆتىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋاقىتلىق تەدبىر ئەمەس، بەلكى ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان. كېلەر يىلى جۇڭگو - رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، تارىخىي چوڭ يۈزلىنىشنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، مەۋقەنى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە قويۇپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە خەلقىنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىغان مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىشىنى، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - رۇسىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ھەمكارلىقىنى پائال ئېچىپ، 2024 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە بولغان جۇڭگو - رۇسىيە مەدەنىيەت يىلىنى پۇرسەت بىلىپ، تېخىمۇ كۆپ مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىندا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تارىخىي خاراكتېرلىك ئەزا كۆپەيتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش ئىشەنچىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپنىڭ كېلەر يىلى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ قازان ئۇچرىشىشىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ، رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدىكى ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ھەمدە يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو - رۇسىيە ئىككى دۆلەت ھەمدە رايون ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

پۇتىن 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلىدى، ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ 10 يىل ئىلگىرى ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىپ، دۇنيا ئېتىراپ قىلغان مۇھىم خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلات بولۇپ قالدى. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇنبەرنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا قىلغان ئاساسىي مەقسەت نۇتقىغا يۈكسەك باھا بېرىمەن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكىنى ئالقىشلايمەن، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئۇلۇغ ئىشتا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتنىڭ قولغا كەلتۈرۈلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ھەم تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل 3 - ئايدا رەئىس شى جىنپىڭ رۇسىيەدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، بىز نۇرغۇن مۇھىم مەسىلە توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردۇق، ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇش ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈۋاتىدۇ. خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھۆكۈمىنى تولۇق دەلىللىدى. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئىچىدىكى ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قەتئىي قوغداپ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. دۇنيادا بىرلا جۇڭگو بار، تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، رۇسىيە تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، رۇسىيە - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.

ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى يەنە پەلەستىن، ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

سەي چى، ۋاڭ يى سۆھبەتلىشىشكە قاتناشتى.