شى جىنپىڭ ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان بىلەن كۆرۈشتى

日期:2023年10月19日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۈن يى، لو شىن) 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ۋېنگىرىيە زۇڭلىسى ئوربان بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ۋېنگىرىيە ئەڭ بۇرۇن يېڭى جۇڭگونى ئېتىراپ قىلغان ھەم يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - ۋېنگىرىيە مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى. ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى نەتىجىلىرى مول بولدى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى مول مەزمۇنلۇق بولدى، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ياخشى ھەمكارلاشتى، بولۇپمۇ قول تۇتۇشۇپ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا تاقابىل تۇردى، بۇ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇردى. ۋېنگىرىيە تەرەپ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگوغا قارىتىلغان دوستلۇق سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ كەلدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى پائال قوللىدى، زۇڭلى ئوربان ئۇدا ئۈچ قېتىم «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتناشتى، مەن يۈكسەك ئالقىشلايمەن. جۇڭگو تەرەپ ۋېنگىرىيە تەرەپ بىلەن داۋاملىق ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇپ، كېلەر يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو - ۋېنگىرىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - ۋېنگىرىيە دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتۈشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ۋېنگىرىيە تەرەپ بىلەن پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تاللىغان تەرەققىيات يولىنى ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن ۋېنگىرىيەنىڭ «شەرققە ئېچىۋېتىش» ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ۋېنگىرىيە - سېربىيە تۆمۈريولىنى قەرەلىدە پۈتكۈزۈپ قاتناش باشلاشنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو - ياۋروپا سودا ئەشيا ئوبوروتى ھەمكارلىق باغچە رايونىنى ياخشى قۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئۇچۇر پەن - تېخنىكىسى، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ۋېنگىرىيەنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا تەسىس قىلغان مەدەنىيەت مەركىزى سۇپىسىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىككى دۆلەت تىل ئوقۇتۇشىغا ئىلھام بېرىپ، جۇڭگو - ۋېنگىرىيە ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، جۇڭگو تەرەپ ۋېنگىرىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، جۇڭگو - ياۋروپا مۇناسىۋىتىنى پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

ئوربان مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىۋاسىتە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشىدا، ۋېنگىرىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياخشى تەرەققىياتنى ساقلاپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشى ۋە ھەمكارلىشىشى، جۈملىدىن ۋېنگىرىيە - سېربىيە تۆمۈريول قۇرۇلۇشى ۋېنگىرىيەنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرى سۈردى. ۋېنگىرىيە تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنىڭ دۇنياغا زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىگە، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشىنىدۇ، ۋېنگىرىيە تەرەپ قەتئىي قوللايدۇ ھەم داۋاملىق ئاكتىپ قاتنىشىدۇ. ھازىرقى مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە، ۋېنگىرىيەنىڭ ۋېنگىرىيە - جۇڭگو دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىش ئىرادىسى قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ، داۋاملىق جۇڭگونىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئىشەنچلىك دوستى ۋە ھەمراھى بولىدۇ. ۋېنگىرىيە تەرەپ ھەر قانداق ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش ۋە ئاتالمىش «خەۋپ - خەتەرنى تۈگىتىش» ئۇسۇلىغا قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىقتىساد - سودا، سېلىنما، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ۋېنگىرىيە تەرەپ ئوتتۇرا، شەرقىي ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىقىنى داۋاملىق پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ياۋروپا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.