شى جىنپىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى زۇڭلىسى ماراپى بىلەن كۆرۈشتى

日期:2023年10月19日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۈن يى، لىن مياۋمياۋ) 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ھەم رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى زۇڭلىسى ماراپى بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى ئەڭ بۇرۇن يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ بىرى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 47 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كۈنسېرى پىشىپ يېتىلدى، مۇقىملاشتى. جۇڭگو تەرەپ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە ئالاقىدار ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە جۇڭگو تەرەپنى قەتئىي قوللىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ. جۇڭگو تەرەپمۇ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى بىلەن ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ھەمكارلىق ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش چۈشىنىش ئەسلەتمىسى ۋە ھەمكارلىق يىرىك پىلانىنى ئىمزالىغان تۇنجى تىنچ ئوكيان ئارال دۆلىتى بولۇپ، مورېسبى پورتى مۇستەقىللىق چوڭ يولى، بۇتۇكا مەكتىپى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىدا پائال ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشىدا باشلامچىلىق، ئۈلگىلىك رول ئوينىدى. جۇڭگو تەرەپ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى بىلەن داۋاملىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئېلىپ كەلگەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، بېلىقچىلىق، پاكىز ئېنېرگىيە، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ سانائەتلىشىش ۋە زامانىۋىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو چوڭ - كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشىدا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرىدۇ، قوشنا دۆلەتلەر بىلەن ئىناق ئۆتۈشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ تىنچ ئوكياندىكى ئارال دۆلەتلەرگە قىلغان ياردىمى جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى بولۇپ، ئوچۇق - يورۇق، سەمىمىي، شەخسىيەتسىز. جۇڭگو تەرەپ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىگە ياردەم بېرىشتە قوشۇمچە سىياسىي شەرت قويمايدۇ، باشقىلارنى چەتكە قېقىش خاراكتېرلىك ھوقۇقنى كۆزلىمەيدۇ، باشقىلارغا زورلاپ تاڭمايدۇ، قۇرۇق ۋەدە بەرمەيدۇ، تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ ئارزۇسى ۋە ئەمەلىي ئېھتىياجىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىدۇ. جۇڭگو تەرەپ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ. جۇڭگو تەرەپ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رول ئوينىشىنى قوللايدۇ، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى بىلەن مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدە ئالاقىلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

ماراپى مۇنداق بىلدۈردى: پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى بىلەن جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ دوستلۇق ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، چەت ئەلدىكى جۇڭگولۇقلار ئىككى دۆلەتنىڭ كۈچلۈك ئادىمىيەت ۋاسىتىسى بولۇپ، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2018 - يىلى پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىدە زىيارەتتە بولۇشى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. جۇڭگو پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىگە خالىس ياردەم بېرىپ، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى خەلقىگە غايەت زور بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى. پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى خەلقى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قالتىس دۇنياۋى رەھبەرلىك ئىقتىدارىغا ئىنتايىن قايىل، جۇڭگونىڭ پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىگە باشتىن - ئاخىر باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مۇستەقىللىقىگە تولۇق ھۆرمەت قىلغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە جەزمەن ھۆرمەت قىلىنىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، دۇنيا ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى جۇڭگو بىلەن داۋاملىق بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسىدىكى ھەرقايسى ساھەلەر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى ۋە جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىدۇ.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى مۇستەقىل دۆلىتىنىڭ قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

سەي چى، ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.