شى جىنپىڭ سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ بىلەن كۆرۈشتى

日期:2023年10月19日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، چېن شۈ) 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچ بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سېربىيە جۇڭگونىڭ جانجىگەر دوستى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىش سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ دوستانە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسى دەپ ئاتالدى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، ئەمەلىي ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ۋە كەڭلىكى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، سۈپىتى ۋە ئۈنۈمى سىجىل ئۆستى. بۇلتۇر 2 - ئايدا بىز جۇڭگو - سېربىيە بىۋاسىتە ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىش، ئىككى تەرەپ ئەركىن سودا كېلىشىمىنى كېڭىشىپ ئىمزالاش توغرىسىدا ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇش ئەمەلىيلەشتى، بۇ جەزمەن يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - سېربىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئىككى تەرەپ جۇڭگو - سېربىيە مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەرنى قەتئىي قوللىشى، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزى تاللىغان تەرەققىيات يولىنى قەتئىي قوللىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ سېربىيەنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، سېربىيە تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللاشتۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، جۇڭگو - سېربىيە ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىگە ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ۋېنگىرىيە - سېربىيە تۆمۈريولىنى ئورتاق ياخشى قۇرۇپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، خېگاڭ - سىمېدېرېۋو پولات زاۋۇتى قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئۈنۈمىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، رەقەملىك ئىقتىساد، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ھەمكارلىق يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى پائال قېزىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت، مائارىپ، ساياھەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن سېربىيەنىڭ جانجىگەر دوستلۇقىنى يېڭى دەۋردە قايتىدىن جۇلالاندۇرۇشى كېرەك.

ۋۇ چىچ مۇنداق بىلدۈردى: مەن زور كۆلەمدىكى ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلدىم، بۇ، سېربىيە تەرەپنىڭ جۇڭگوغا بولغان ھۆرمىتى، دوستانىلىقى ۋە ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. سېربىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى تۈرلۈك سىناقلارغا بەرداشلىق بەردى، سېربىيە تەرەپ جۇڭگوغا قارىتىلغان دوستلۇق سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگوغا ئالاقىدار بارلىق مەسىلىلەردە جۇڭگو بىلەن بىر سەپتە تۇرىدۇ، بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. بىز سېربىيە بىلەن جۇڭگونىڭ جانجىگەر دوستلۇقىدىن پەخىرلىنىمىز. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر سېربىيەگە ھۆرمەت قىلدى ۋە باراۋەر مۇئامىلە قىلدى، سېربىيە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە، ۋاقتىدا قىممەتلىك مەدەت بەردى. جۇڭگونىڭ ياردەم بېرىشى ۋە ھەمكارلىشىشى سېربىيە ئىقتىسادىنىڭ ياخشى تەرەققىياتنى ساقلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقىمىزگە غايەت زور بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەت مەزگىلىدە ئىككى تەرەپنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى قاتارلىق ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالايدىغانلىقىدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم، بۇ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچىدۇ. سېربىيە تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا داۋاملىق پائال قاتنىشىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەرىكەت پىلانى، كەسىپ ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى چۈشىنىش ئەسلەتمىسى، ئەركىن سودا كېلىشىمى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

سەي چى، ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.