شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن كۆرۈشتى

日期:2023年10月19日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارسۈن يى، چېن شۈ) 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ساغلام، مۇقىم، ھاياتىي كۈچكە تولغان جۇڭگو - قازاقىستان مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىگە پايدىلىق، شۇنداقلا رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا پايدىلىق. جۇڭگو تەرەپ قازاقىستان تەرەپنىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو - قازاقىستان ئىككى تەرەپ ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ئىدىيەسىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 10 يىل ئىلگىرى، مەن قازاقىستاندا تۇنجى قېتىم «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ قازاقىستان تەرەپ بىلەن بىرلىكتە سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىدىكى نۇقتىلىق تۈرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ قازاقىستاننىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېشىل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىپ، يېشىل ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تۆمۈريول يۈك تىرانسپورت كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان خەلقئارا تىرانسپورت لىنىيەسىدىن پايدىلىنىشنى زورايتىپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ توشۇش كۈچى، كۆلىمى ۋە ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، يېڭى ھەمكارلىق ئېشىش نۇقتىسىنى بەرپا قىلىپ، «رەقەملىك يىپەك يولى» قۇرۇلۇشىنى «رەقەملىك قازاقىستان» ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات، رايون - بۆلەك زەنجىرى قاتارلىق رەقەملىك تېخنىكىلارنى ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو - قازاقىستان ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى پات ئارىدا كۈچكە ئىگە بولىدۇ، كېلەر يىلى جۇڭگودا قازاقىستان ساياھەت يىلى ئۆتكۈزۈلىدۇ، ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە يەرلىكلەر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، لۇبەن ھۈنەرخانىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت رايى، خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ تاشقى كۈچلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، قازاقىستان تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، قازاقىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتىلىك خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىنى قوللاپ، بۇ تەشكىلات ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

توقايېف مۇنداق بىلدۈردى: مەن تەكلىپ بىلەن 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. قازاقىستان رەئىس شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى تۇنجى ئوتتۇرىغا قويۇلغان جاي، تۇنجى كۈنىدىن باشلاپلا قازاقىستان تەرەپ قەتئىي قوللىدى ھەم پائال قاتناشتى. 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو يەرشارى بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى، «بىر بەلباغ بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، قازاقىستان تەرەپ بۇ قېتىمقى باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ چوقۇم تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ ۋە ئىشىنىدۇ! بۇلتۇر 9 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ قازاقىستاندا مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، قازاقىستان - جۇڭگو مەڭگۈلۈك ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. ئىككى تەرەپنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو قازاقىستاننىڭ مەڭگۈ ئىشىنىدىغان دوستى ۋە ھەمراھى. قازاقىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، قازاقىستان - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئالتۇن 30 يىلىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. قازاقىستان تەرەپ جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردا ئادىل مەيداندا چىڭ تۇرغانلىقى ۋە پائال رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىغا، جۈملىدىن ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

سەي چى، ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى.