شى جىنپىڭ چىلى زۇڭتۇڭى بورىچ بىلەن سۆھبەتلەشتى

日期:2023年10月19日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار سۈن يى، جى نىڭ) 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ھەم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن چىلى زۇڭتۇڭى بورىچ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: چىلى يېڭى جۇڭگو بىلەن تۇنجى بولۇپ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلىتى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشىدىكى باشلامچى. جۇڭگو بىلەن چىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر مۇقىم، ساغلام تەرەققىياتنى ساقلىدى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە ئەمەلىي بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو بىلەن چىلى ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ياخشى دوستلاردىن، تەرەققىياتنى ئورتاق كۆزلەيدىغان ياخشى ھەمراھلاردىن بولۇپ قالدى. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو تەرەپ چىلى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، جۇڭگو - چىلى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر بايان قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن چىلى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىدىيەسى بىر - بىرىگە تۇتاشقان بولۇپ، باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. ئىككى تەرەپ داۋاملىق تۈردە بىر - بىرىنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللىشى، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە قەتئىي قوللىشى كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق يىرىك پىلانىنى ئىمزالاشنى پۇرسەت بىلىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىپ، ئىقتىساد - سودا، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ئەنئەنىۋى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پاكىز ئېنېرگىيە، رەقەملىك ئىقتىساد، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى يېتىشتۈرۈپ، چىلىنى جۇڭگو بىلەن لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشىدىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ چىلى تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، نامراتلىقنى تۈگىتىش، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش، مۇھىت قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇللاردىن تەڭ بەھرىلىنىشنى خالايدۇ، چىلىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە خاس تاۋارلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى قارشى ئالىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنى چىلىنىڭ زور تۈر قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىغا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ، چىلى تەرەپ بىلەن جۇڭگو تىل - يېزىقى ئوقۇتۇشى ۋە يەرلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ، جۇڭگو - چىلى مۇناسىۋىتىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ. ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە باشلامچى بولۇش كېرەك. جۇڭگو بىلەن چىلى ئوخشاشلا يەرشارىۋى جەنۇب دۆلەتلىرى، جۇڭگو تەرەپ چىلى تەرەپ بىلەن بىللە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدە ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى، ھەمكارلىشىشىنى قوغداپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىك ۋە ئەركىن سودىنى قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، چىلى تەرەپنىڭ جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە جۇڭگو − لاتىن ئامېرىكىسى ۋە كارب دۆلەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى مۇنبىرى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشقانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، چىلى تەرەپنىڭ ئىلگىرىكىدەكلا جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشتا ئۆزگىچە تەسىرىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

بورىچ مۇنداق بىلدۈردى: مەن 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ھەم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەنلىكىمدىن ئىنتايىن شەرەپ ھېس قىلىمەن. چىلى لاتىن ئامېرىكىسى - جۇڭگو مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىدا نۇرغۇن بىرىنچىلەرنى ياراتتى، چىلى تەرەپ بۇنىڭدىن چەكسىز پەخىرلىنىدۇ. چىلى تەرەپ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىدىن يۈكسەك زوقلىنىدۇ، جۇڭگونىڭ نامراتلارنى ئازايتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە قايىل ھەم ئۇنى تەبرىكلەيدۇ، چىلى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى قاتارلىق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە جۇڭگونىڭ خالىس ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ. چىلى تەرەپ باشتىن - ئاخىر بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىپ، داۋاملىق تۈردە تۈرلۈك سورۇنلاردا جۇڭگو تەرەپنى قەتئىي قوللايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى جۇڭگونىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىدىن كەلگەن، باراۋەر ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى مۇھىم سۇپا ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم پۇرسەتكە ئايلاندى، چىلى تەرەپ بۇنىڭغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ ھەم داۋاملىق پائال قاتنىشىدۇ. چىلى تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ ئويلىشىدۇ ۋە پىلانلايدۇ، بۇ قېتىمقى زىيارەتنى پۇرسەت بىلىپ، مۇھىت قوغداش، نامراتلارنى ئازايتىش، ئېنېرگىيە، پەن - تېخنىكا، كانچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ چىلىغا بېرىپ مەبلەغ سېلىش، ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، چىلى - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت يېڭى باسقۇچقا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى قارشى ئالىدۇ. چىلى تەرەپ جۇڭگونىڭ «ئومۇميۈزلۈك ۋە تەرەققىي قىلغان تىنچ ئوكيان ھالقىغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» ۋە «رەقەملىك ئىقتىساد ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»گە ئەزا بولۇشىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ ئەمەل قىلىپ كەلگەن تىنچ دىپلوماتىيە سىياسىتىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپ رامكىسى ئىچىدىكى ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يەرشارىۋى جەنۇب دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. چىلى جۇڭگونىڭ لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىدىكى تۈگۈنگە ئايلىنىپ، لاتىن ئامېرىكىسى - جۇڭگو مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇش، كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىش، رەقەملىك ئىقتىساد، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، تاموژنا تەكشۈرۈش - كارانتىن قىلىش، يېزا ئىگىلىكى، جەنۇبىي قۇتۇب، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار ھەمكارلىقى قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن چىلى جۇمھۇرىيىتىنىڭ قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا بورىچ ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، بورىچقا ھەمراھ بولۇپ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

سەي چى، ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.