شى جىنپىڭ ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن سۆھبەتلەشتى

日期:2023年10月19日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، جاڭ شياۋ) 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ھەم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھىندونېزىيە مەن «21 - ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تۇنجى قېتىم تەشەببۇس قىلغان جاي. 10 يىللىق مېھنەت مول مېۋە بەردى، جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيە ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەۋزەللىكلەر ئارقىلىق ئۆزئارا تولۇقلاپ، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە غايەت زور بەخت - سائادەت ئېلىپ كېلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش خەلقئارا ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم ئۈلگىسى بولۇپ قالدى. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە ھىندونېزىيە بىلەن بىرلىكتە زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ئۆزئارا قوللاپ، جۇڭگو - ھىندونېزىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، بىر - بىرىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، گۈللىنىشىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، خەلقئارا ۋە رايون تىنچلىقى ھەم گۈللىنىشى ئۈچۈن تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيە بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە داۋاملىق تۈردە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكى ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ھازىر بار بولغان مېخانىزمدىن ياخشى پايدىلىنىپ ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا قول تۇتۇشۇپ ياخشى مېڭىشىنى خالايدۇ. جاكارتا - ۋەنلۇڭ گاۋتيېسى جۇڭگو بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىدىكى «ئالتۇن خەتلىك داڭلىق ماركا»، جۇڭگو تەرەپ ھىندونېزىيە بىلەن بىللە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، كېيىنكى يۇقىرى سۈپەتلىك يۈرۈشتۈرۈش - تىجارەتنى ياخشى قىلىپ، جاكارتا - ۋەنلۇڭ گاۋتيېسى ئىقتىساد بەلبېغىنى يېتىشتۈرۈشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «رايون ئۇنىۋېرسال ئىقتىساد كارىدورى» ۋە «ئىككى دۆلەت قوش كەسىپلەر باغچىسى» قۇرۇلۇشىنى بىرلىكتە ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئالاقىدار جايلار ۋە كارخانىلارنىڭ ھىندونېزىيەنىڭ يېڭى پايتەختى، شىمالىي كالىمانتان سانائەت باغچىسى قاتارلىق مۇھىم تۈرلەرنى ئېچىش - قۇرۇشقا قاتنىشىشىنى قوللايدۇ، ھىندونېزىيەنىڭ ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى داۋاملىق كۆپەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يورۇقلۇق ۋولت، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر ھەمكارلىقىنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى، نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلارنى ئازايتىش، تېببىي دورا، سەھىيە ھەمدە مائارىپ، مەدەنىيەت، ساياھەت، ياشلار قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ زىچ ھەمكارلىشىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ مەركەزلىك ئورنىنى قوغداپ، ئوچۇق رايونچىلىقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئۆزگىرىشىنى ھەمكارلىشىپ ئالغا سىلجىتىپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغدىشى كېرەك.

جوكو مۇنداق بىلدۈردى: ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى مەن چېڭدۇدا رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدا يەنە پائال ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى. جاكارتا - ۋەنلۇڭ گاۋتيېسىدا مۇشۇ ئايدا قەرەلىدە ئىش تاماملىنىپ، رەسمىي قاتناش باشلاپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلىدۇ. مەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى كۆز قارىشى ۋە پىكرىنى تامامەن قۇۋۋەتلەيمەن. ھىندونېزىيە جۇڭگونى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى دەپ قارايدۇ، جۇڭگو بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ زىچ مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىپلا قالماي، يەنە رايون تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھىندونېزىيە جۇڭگو بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىسىنىڭ ھىندونېزىيەنىڭ يېڭى پايتەختى ۋە شىمالىي كالىمانتان سانائەت باغچىسى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، «رايون ئۇنىۋېرسال ئىقتىساد كارىدورى» ۋە «ئىككى دۆلەت قوش كەسىپلەر باغچىسى» قاتارلىق مۇھىم تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگوغا قارىتىلغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، توكلۇق ئاپتوموبىل، پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ھىندونېزىيە رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار مۇھىم تەشەببۇسلارنى ئالقىشلايدۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ ھىندى ئوكيان - تىنچ ئوكيان رايونى ئارزۇسىنى «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، رايوننىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى بىرلىكتە جاكارتا - ۋەنلۇڭ گاۋتيېسىدا رەسمىي قاتناش باشلاپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈش يوپۇقىنى ئاچتى ھەم «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق خىزمىتى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىش، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېزىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە نامراتلارنى ئازايتىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، تەكشۈرۈش - كارانتىن قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولدى.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ھىندونېزىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلىدۇ.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا جوكو ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، جوكوغا ھەمراھ بولۇپ جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

سەي چى، ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.