ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى-لوياڭ-باڭكوك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدۇ

日期:2023年10月18日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ) خەينەن ئاۋىياتسىيەسى ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى قارمىقىدىكى ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى پائال ئېچىپ، 11-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى-لوياڭ-باڭكوك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىشنى پىلانلىدى.


ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى 11-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئۈرۈمچى-لوياڭ-باڭكوك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدۇ.

ما يۈۋېي فوتوسى

ئۈرۈمچى-لوياڭ-باڭكوك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۈرۈمچىدىن تايلاندقا ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئېچىشى ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتچى ئايروپىلان نومۇرى UQ2641/2 بولۇپ، ھەر چارشەنبە كۈنى بىر قېتىم ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىدۇ، بوئىن 800-737 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ئۇچىدۇ. بېرىش مۇساپىسىدە نۆۋەتچى ئايروپىلان سائەت 12دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىدىن ئۇچۇپ، سائەت 16دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە لوياڭغا يېتىپ بارىدۇ، سائەت 21دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە لوياڭدىن ئۇچۇپ، ئەتىسى سەھەر سائەت 2دە باڭكوكقا يېتىپ بارىدۇ؛ قايتىش سەپىرىدە نۆۋەتچى ئايروپىلان سەھەر سائەت 3تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە باڭكوكتىن ئۇچۇپ، سائەت 7دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە لوياڭغا يېتىپ بارىدۇ، سائەت 21دە لوياڭدىن ئۇچۇپ، سەھەر سائەت 1دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىدۇ.

بۇ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشى ئۈچ جاينىڭ مەدەنىيەت، ساياھەت، ئىقتىساد، سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى چوڭقۇر ھەمكارلىقىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئۈرۈمچى، لوياڭ ۋە ئەتراپتىكى يولۇچىلارنىڭ تايلاندنىڭ باڭكوكقا بېرىپ داكا قىلىپ ساياھەت قىلىشى ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇشىنى قولايلىق ھاۋا يولى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغاندەسلەپكى مەزگىلدە، ئۈرۈمچىدىن باڭكوكقا بارىدىغان تاق يۆنىلىشلىك بېلەت باھاسى 1880 يۈەندىن، باڭكوكتىن ئۈرۈمچىگە كېلىدىغان تاق يۆنىلىشلىك بېلەت باھاسى 1770 يۈەندىن، لوياڭدىن باڭكوكقا بارىدىغان تاق مۇساپىلىك بېلەت باھاسى 900 يۈەندىن، باڭكوكتىن لوياڭغا كېلىدىغان تاق مۇساپىلىك بېلەت باھاسى 870 يۈەندىن باشلىنىدىكەن (يۇقىرىقى باھالار يېقىلغۇ ماي ۋە باج ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ).

ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى شىنجاڭدىكى تىرانسپورت كۈچى سېلىنمىسىنى داۋاملىق ئاشۇرۇپ، ئايروپىلان ئەترىتىنىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇۋاپىق پەيتتە ئوتتۇرا ئاسىيا، غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا ئۇچىدىغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچىدۇ.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى