باش شۇجىنىڭ قەلبىدىكى تۈمەن چاقىرىملىق چاڭجياڭ دەرياسى خەرىتىسى

日期:2023年10月18日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى لىن خۇي، خۇاڭ يۆ

كۈز پەسلىدىكى چاڭجياڭ دەرياسى ھەيۋەتلىك ئۆركەشلەيتتى.

جياڭشىدىكى جيۇجياڭ دەرياسى بويىدا تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالغاندا، جيۇجياڭدىكى چاڭجياڭ چوڭ كۆۋرۈكى چاڭجياڭ دەرياسىنى جەنۇبتىن شىمالغا توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، ئاپتوموبىللار توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى؛ دەريادا يۈك پاراخوتلىرى ئۈزۈلمەي ئۆتۈشۈپ، گۈدۈك ئاۋازى ياڭراپ، «ئالتۇن سۇ يولى»دا ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولغانىدى.

جۇڭچيۇ، دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشتىن كېيىنكى تۇنجى ھەپتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقان جياڭشى ئۆلكىسىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈشتە بولدى. تۇنجى بېكەتتە دەريا ـ كۆللەر بىلەن ئورالغان جيۇجياڭ شەھىرىگە كېلىپ، مەدەنىيەت تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، دەريا قىرغاق لىنىيەسىنى تىزگىنلەش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش ئەھۋالىنى كۆردى.

«چاڭجياڭ دەرياسى بويىغا يېقىنراق بېرىپ سۇنى كۆرۈپ باقايلى!» سىم ـ سىم يامغۇردا، باش شۇجى دەريا بويىدىكى پىيادىلەر يولىدىن پەلەمپەينى بويلاپ مېڭىپ دەرياغا ئەڭ يېقىن جايغا كېلىپ، ئۆركەشلەۋاتقان دولقۇنلارغا قۇلاق سالغاچ ئۇزاققىچە تۇرۇپ، يىراققا نەزەر سالغىنىچە چوڭقۇر ئويغا چۆمدى.

تۈمەن چاقىرىملىق چاڭجياڭ دەرياسىغا باش شۇجى باشتىن ـ ئاخىر ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. بۇ قېتىمقى جياڭشى سەپىرىدە، باش شۇجى مەخسۇس چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. بۇ ھەم پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 4 ـ قېتىم چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنى ئېچىشى.

چاڭجياڭ دەرياسىنى نېمە ئۈچۈن يەنە كۆرگىلى باردى؟

«چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي قىسىمغا توغرىسىغا يېيىلغان، جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرىدۇ، ئۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ يېشىل تەرەققىي قىلىشىدىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرىدىغان ئاساسىي تومۇر، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئاساسىي قوشۇن. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئورنى مۇھىم، بۇرچى زور. بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۈندە خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى مۇھىتىدا چوڭقۇر ھەم زور ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىزلىكى يەنىمۇ گەۋدىلىنىۋاتىدۇ.» باش شۇجىنىڭ بۇ سۆزلىرى بۇ قېتىمقى سەپەرنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى نامايان قىلىپ بەردى.

جۇڭگو زېمىنىغا نەزەر سالساق، ئۇزاققا سوزۇلغان شەرقىي قىسىم دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى خۇددى كۈچ توپلاپ كىرىچى چىڭ تارتىلغان ئۇزۇن ياغا ئوخشايدىغان بولۇپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى دەل ئاشۇ كۈچ توپلاپ تەق بولغان ئۇچلۇق يا ئوقى ئىدى. يا ئوقىنىڭ كۈچ ـ قۇۋۋىتى ۋە ئېنېرگىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم. بۇ جاي پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نوپۇس كۆلىمى ۋە ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ مەركىزى بۇ يەردە، ھاياتىي كۈچى بۇ يەردە.

پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى قانداق قىلغاندا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى تىرەك بولالايدۇ ۋە مۇلازىمەت قىلالايدۇ؟ بۇ ھەيۋەتلىك تۈمەن چاقىرىملىق چاڭجياڭ دەرياسى خەرىتىسى قانداق قىلغاندا يېڭى تارىخىي شان ـ شەرەپنى نامايان قىلالايدۇ؟

تۈمەن چاقىرىملىق چاڭجياڭ دەرياسى خەرىتىسى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ سىمفونىيەسى.

جيۇجياڭدا، باش شۇجى ئالايىتەن جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى جيۇجياڭ شۆبە شىركىتىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. «ئىككى يۆنىلىش بويىچە كۆرىمەن، بىرى قوغداش ئەھۋالى، يەنە بىرى تەرەققىيات ئەھۋالى».

ئىلگىرى بىرمەھەل، «خىمىيە سانائىتى دەريانى قورشىۋېلىش» تىپك ۋەكىللىكىدىكى ئېكولوگىيەگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش مەسىلىسى چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ باش ئاغرىقى بولۇپ قالغانىدى. 2016 ـ يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى ئاچقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خېلى ئۇزاق بىر مەزگىلدە، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان ئورۇنغا قويۇپ، كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇپ، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق كېرەك.

«چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى چاڭجياڭ دەرياسى سەۋەبىدىن گۈللەنگەن. چاڭجياڭ دەرياسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتساق، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىدىن قانداقمۇ سۆز ئاچقىلى بولىدۇ؟»

بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى بىر تەرەپتىن چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى يۈكسەك مۇئەييەنلەشتۈردى، يەنە بىر تەرەپتىن چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىرقى چاڭجياڭ دەرياسىنى پەقەت «ئېغىر كېسەلدىن ئەمدىلا ساقايدى» دېيىشكە بولىدۇ، «بىردەم تۇتۇپ، بىردەم بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا، سەللا ياخشىلانسا يەنە باشقىچە ئويدا بولۇشقا بولمايدۇ».

ئۇ بىر ئىچكى ماتېرىيالىدا ئىنكاس قىلىنغان ئەھۋالنى مىسال قىلىپ مۇنداق دېدى: ھازىر چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىدىكى قىسمەن رايونلاردا ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش جەھەتتە ئۈچ «غەلىتە ئەھۋال» ساقلانماقتا − يېشىل قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى يېشىل بولماسلىق، مۇھىت قوغداش قۇرۇلۇشى مۇھىتنى قوغدىماسلىق، ئېكولوگىيەلىك سۇ قويۇپ بېرىش ئېكولوگىيەلىك بولماسلىق.

شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتىنى قوغداش ۋە ئۇنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش سان ئۆزگىرىشىدىن سۈپەت ئۆزگىرىشىگە ئۆتۈشتەك ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرماقتا.

«چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىدىكى كەسىپلەرنىڭ ھەممىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپى بويىچە، چاڭجياڭ دەرياسىنى ياخشى قوغداپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق يولىدا مېڭىشى كېرەك» دېدى باش شۇجى تاپىلاپ.

كەڭ كۆلەمدە ئېچىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق تەرەققىي قىلدۇرماسلىق دېگەنلىك ئەمەس. باش شۇجىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، «كەڭ كۆلەمدە ئېچىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق» قالايمىقان ئاچماسلىق، تۆۋەن سەۋىيەدە ئاچماسلىق، يىرىك ئۇسۇلدا ئاچماسلىق، بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك ئاچماسلىق بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتىن ئىبارەت.

قوغداش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا قوغدىغاندا، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى بايلىققا ئايلاندۇرۇش، ئېكولوگىيە بايلىقىنى ئىقتىسادىي بايلىققا ئايلاندۇرۇش يولى جەزمەن ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ.

تۈمەن چاقىرىملىق چاڭجياڭ دەرياسى خەرىتىسى ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ يۇغۇرۇلۇشى.

جىڭدېجېن خۇمدانغا مىڭ يىل ۋارىسلىق قىلىپ كەلدى. ئەينى يىللاردا، ماھىر ھۈنەرۋەنلەر بۇ كىچىك شەھەردە پىشۇرغان نەپىس فارفور بۇيۇملار چاڭجياڭ ئېقىنى، پوياڭخۇ كۆلىنى بويلاپ، دەريا ـ دېڭىزلارغا يەتكۈزۈلۈپ، «يۇرت ـ يۇرتلاردىن ئۆتۈپ، چەت ئەللەرگىچە توشۇلغان.» بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يەردە ساپال ۋە فارفور بۇيۇملار بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار 100 مىڭدىن ئاشىدۇ، ئۇلار توپا ۋە ئوت ناخشىسى ئىچىدە تارىخىي ئەسلىمىلەر ۋە شەھەرنىڭ يىلتىز تومۇرىنى ساقلاپ كەلدى.

لاي چەيلەش، لاي يۇغۇرۇش، راسلانمىنى شەكىلگە كىرگۈزۈش، راسلانمىنى قېلىپقا سېلىش، راسلانمىنى سىلىقلاش، راسلانمىنى بوياش، ئېماللاش، سىلىقلاش... باش شۇجى فارفور ياساش ھۈنەر ـ سەنئىتىنى ئەستايىدىل كۆزدىن كەچۈرۈپ، ساپال ۋە فارفور بۇيۇملار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسلىرىنىڭ ماھارىتى ۋە ھۈنەرۋەن روھىنى، ھەمدە مىڭ يىللىق فارفور بۇيۇملاردا داۋاملىشىپ كەلگەن مەدەنىيەتنى يۈكسەك ئالقىشلىدى.

ساپال ۋە فارفور بۇيۇملار مەدەنىيىتىدىن باشلاپ سۆزلەپ، باش شۇجى يېقىندا ئېچىلغان مەملىكەتلىك تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتى يىغىنى ئۈستىدە توختالدى، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى تىلغا ئالدى. «تۆت چوڭ مەدەنىيلىك ئىچىدە، پەقەت جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىلا ئۈزۈلۈپ قالمىدى. خەت يەنىلا ئىلگىرىكى خەت، ئادەملەرمۇ ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلدى، يەنە نۇرغۇن ۋارىسلىق قىلىش بار، جۇڭگونىڭ گېنى مۇشۇ يەردە».

«ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى بىز داۋاملىق قولىمىزدا تۇتۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئۇنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك.» بۇ، جىڭدېجېنغا بېرىلگەن تاپشۇرۇق، شۇنداقلا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن كۈتكەن ئۈمىد.

باش شۇجى تەكشۈرۈشتە بولغان نەنلۇ خارابىسىنى جىڭدېجېنلىقلار نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىكى فارفور بۇيۇملارنى ياسايدىغان «مەركەز كارخانىسى سېخى» دەپ ئاتايتتى. ئوخشاش بىر شەھەردە، باش شۇجى يەنە زامانىۋى مەركەز كارخانىسى سېخى − چاڭخې ئايروپىلان سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىنىڭ بىر ئومۇميۈزلۈك قۇراشتۇرۇش سېخىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئاۋىياتسىيە جابدۇقچىلىقىدىكى مۇھىم بازار بولۇش سۈپىتى بىلەن، چاڭخې ئايروپىلان سانائىتى سىجىل تۈردە پەن ـ تېخنىكىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشقا تايىنىپ، كۆكتە پەرۋاز قىلىدىغان نۇرغۇن «دۆلەت مۇھىم جابدۇقى»نى ياساپ چىقتى.

ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ئۈزلۈكسىز ۋارىسلىق قىلىش، زامانىۋى پەن ـ تېخنىكىدا كۈچلۈك بۆسۈش ھاسىل قىلىش بۇ يەردە توپلىنىپ يارقىن مەنزىرىگە ئايلاندى. بىر قولدا ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تۇتۇپ، يەنە بىر قولدا ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ زورايتىشنى تۇتۇپ، ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ يۇغۇرۇلۇشى داۋامىدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوزغىتىپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ پارلاق تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالىدۇ.

تۈمەن چاقىرىملىق چاڭجياڭ دەرياسى خەرىتىسى شەھەر بىلەن يېزا ـ كەنتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى.

ئاق تام، قارا كاھىشلار، قارلىغاچ قۇيرۇقىسىمان لەمپىلەر، شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۇلار، كىچىك كۆۋرۈك بويىدىكى ئۆيلەر. بۇ، شەھەردىكىلەرنىڭ سېغىنغان يۇرت مەنزىرىسىمۇ ياكى يېزىدىكىلەرنىڭ شېئىرىي تۈس ئالغان ماكانىمۇ؟

باش شۇجى ۋۇيۈەن ناھىيەسىدىكى چيۇكوۋ بازىرى ۋاڭسۈن كەنتى شىمېن تەبىئىي كەنتىگە كەلگەندە، گۈزەل سەنئەت شۆيۈەنىنىڭ رەسىم سىزىۋاتقان بىرنەچچە ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچىسى باش شۇجىدىن قىزغىن ئەھۋال سورىدى. باش شۇجى سەمىمىيلىك بىلەن كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە رەسىم سىزغاندا ئىلھام ئۇرغۇپ تۇرىدىغۇ دەيمەن؟ بىر نۇقتىنى تاللاپ سىزسىمۇ، سەنئەت ئەسىرى پۈتۈپ چىقىدۇ».

شەھەر بىلەن يېزىنىڭ «قول ئېلىشىش»ى بۇ يەردە جانلىق سەھىپە بولۇپ پۈتۈلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كەنت گۈزەل ئادىمىيەت مەنزىرىسى بىلەن ياخشى ئېكولوگىيە ـ مۇھىتقا تايىنىپ، خاس ساياھەت، تەتقىقات ـ ئوقۇتۇش بازىسى قاتارلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى.

مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتە جەزمەن يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى مۇنداق كۆرسەتكەنىدى: «ئەگەر زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە يېزىلاردىكى 400 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنى سەپتىن چۈشۈرۈپ قويساق، ئاخىرىدا <بىر تەرىپى ئاۋات شەھەر، يەنە بىر تەرىپى خارابلاشقان يېزا> بولۇپ قالىدۇ، بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىي مەقسىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىگىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. بۇنداق زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ!»

بۇ يىلدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، ئالايىتەن كەنتلەرگە بېرىپ كۆردى. گۇاڭدۇڭ گاۋجوۋ شەھىرىدىكى بەيچياۋ كەنتى، خېيلۇڭجياڭ موخې شەھىرىدىكى بېيجى كەنتى، شاڭجى شەھىرىدىكى لۇڭۋاڭمياۋ كەنتى، جېجياڭ يىۋۇ شەھىرىدىكى لىزۇ كەنتى... ئەس ـ يادى يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىشتە بولدى.

خۇددى باش شۇجى ئېيتقاندەك، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ھەم شەھەرلەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ھەم يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش كېرەك.

شىمېن تەبىئىي كەنتىنىڭ كوچا دوقمۇشىدا بىر «تەبەسسۇم تېمى» بار. تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇرغان سەمىمىي چىرايلاردا يۇرتىنىڭ يېڭى قىياپىتىگە بولغان خوشاللىق، كەلگۈسى يېڭى تۇرمۇشقا بولغان تەلپۈنۈش ئەكس ئېتىپ تۇراتتى.

باش شۇجى «تەبەسسۇم تېمى»غا قاراپ، كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: «بەخت دېگەن نېمە؟ بەخت كىشىلەرنىڭ كەيپىياتىنىڭ خۇشال، تۇرمۇشىنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ».

سانائەت بىلەن يېزا ئىگىلىكى بىر ـ بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر بىلەن يېزا بىر ـ بىرىنى تولۇقلاپ، ماس تەرەققىي قىلىپ، ئورتاق گۈللىنىپ، ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىيدىغان بەختلىك تۇرمۇشنىڭ يۆگىمە رەسىمى ئاستا ـ ئاستا يېيىلدى.

جياڭشى سەپىرىدە، باش شۇجى تارىخىي سەۋرچانلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى يەنە بىر قېتىم تىلغا ئالدى.

ئۇ «چوڭ يوللارنىڭ ھەممىسى رىمغا تۇتىشىدۇ» دېگەن سۆزنى مىسال قىلىپ مۇنداق دېدى: بەزى يوللار يېقىن يول بولۇشى مۇمكىن، بەزى يوللار يىراقراق بولۇشى مۇمكىن، پەقەت مېڭىشنى داۋاملاشتۇرغاندىلا، مەنزىلگە يەتكىلى بولىدۇ، يامىنى قايتا ـ قايتا مېڭىپ يولنى ئۆزگەرتىۋەرسەك، مەنزىلگە قاچانمۇ يەتكىلى بولىدۇ؟

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى تۈمەن چاقىرىملىق چاڭجياڭ دەرياسى خەرىتىسىنى سىزىپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇشتا، تارىخىي سەۋرچانلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىش بويىچە، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش، بوشاشماي كۈرەش قىلىش كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنچاڭ، 10 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)