شىنخۇا ئاگېنتلىقى « − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى پىلانلىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى

日期:2023年10月17日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى «<ھەرقايسى دۆلەتلەرگە بەخت يارىتىدىغان، دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدىغان ’بەخت يولى‘نى ئېچىش> − باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى پىلانلىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: قەدىمىي يىپەك يولى قۇملۇق، دېڭىز - ئوكيانلارنى، 10 مىڭ چاقىرىمغا سوزۇلغان تاغ - دەريالارنى كېسىپ ئۆتۈپ، مىڭ يىللىق زامان - ماكان ھالقىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان زور تارىخىي مۇساپىسىدە چاقنىدى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: 2013 - يىلى كۈزدە رەئىس شى جىنپىڭ قازاقىستان، ھىندونېزىيەدە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21 - ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى ئورتاق بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى.

10 يىل، 3600 نەچچە كېچە - كۈندۈز، رەئىس شى جىنپىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، پىلانلاپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ، تارىخنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى كۆزلىگەن «بىر بەلباغ، بىر يول»دىن ئىبارەت مۇھىم خەلقئارا ھەمكارلىق تەشەببۇسىغا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش داۋامىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە پۇختىلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات داۋامىدا دۇنياغا بەخت يارىتىدىغان تەرەققىيات، گۈللىنىش يولىنى ئېچىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل يۆگىمە رەسىمىنى نامايان قىلدى.

ماقالە تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن: پىلانلاپ يېتەكچىلىك قىلىش، ئارزۇ ئۇرۇقى بۈك - باراقسان چوڭ دەرەخكە ئايلىنىش؛ جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش، قول تۇتۇشۇپ، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ دەۋر ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش؛ دۇنياغا نەپ يەتكۈزۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلققە بەخت يارىتىش؛ يەنە يېڭى مۇساپىنى باشلاش، دۇنياغا بەخت يارىتىش يولىنى تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ يىراققىچە ياساش.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يەنە بىر ئالتۇن كۈز.

10 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە، 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئۆز ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلەش، شۇنداقلا تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى داۋاملىق ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكلەيدىغان كاتتا يىغىن.

يېڭى بىر مۇساپە پات ئارىدا باشلىنىدۇ.

جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار نىشانىغا يۈزلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىپ، دۇنيا بىلەن قول تۇتۇشۇپ، دۆلەتلەر ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئالىدىغان، خەلق ئۆزئارا چۈشىنىدىغان، ئۆزئارا ئىناق ئۆتىدىغان، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆگىنىدىغان، ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان يىپەك يولىنىڭ دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.