جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «كادىرلارنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش خىزمىتى نىزامى»نى بېسىپ تارقاتتى

日期:2023年10月17日
来源:天山网
【字体:

سىكاننېرلاپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «كادىرلارنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش خىزمىتى نىزامى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقىتىپ ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلاردىن شۇ بويىچە ئەستايىدىل ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كادىرلارنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇشتىكى باشلامچى خاراكتېرلىك، ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك قۇرۇلۇش بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا تەڭداشسىز مۇھىم ئورۇنغا ۋە رولغا ئىگە. «نىزام»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈشتە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېتەكچى قىلىنغان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇلغان، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇلغان، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى ئەمەلىيلەشتۈرۈلگەن، كادىرلارنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش ئەمەلىيىتىدىكى يېڭى تەجرىبە، يېڭى نەتىجىلەر خۇلاسىلىنىپ، كادىرلارنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى ئىلمىيلەشتۈرۈش، تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش يەنىمۇ ئالغا سىلجىتىلغان، نىزام قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاش، ئاساسنى كۈچەيتىپ ئۇلنى پۇختىلاش، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماسلىشالايدىغان، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى «نىزام»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، قاتتىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجرا قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش تېما، ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، كادىرلارنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇلازىمەت قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى ئىدىيەۋى - سىياسىي كاپالەت ۋە ئىقتىدار تىرىكى بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.