ئۇزاق كەلگۈسى ۋەزىيەتنى كۆزلەش، ئۇزاق مەزگىللىك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش، ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئاساس سېلىش

日期:2023年10月16日
来源:天山网
【字体:

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جياڭشىغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغانلىقى ھەم چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقانلىقى توغرىسىدا خاتىرە

خەلق گېزىتى مۇخبىرلىرى دۇ شاڭزې، جېڭ شاۋجۇڭ، شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاڭ شياۋسۇڭ، لىن خۇي

جياڭشىدا كۈز مەنزىرىسى ئۆزگىچە تۈسكە كىرگەنىدى. جيۇجياڭ، جىڭدېجېن، شاڭراۋ، يەنە نەنچاڭغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يول بويى ئەمەلىي ئەھۋالنى تەكشۈردى، ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى كۆزدىن كەچۈردى، كەلگۈسىنى پىلانلىدى.

چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم دۆلەت ئىستراتېگىيەسى بولۇپ، دەريا بويىدىكى 11 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرنى قاپلىغان. دۆلىتىمىزنىڭ شەرقىي، ئوتتۇرا، غەربىي قىسمىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ بۆلەككە توغرىسىغا يېيىلغان بۇ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ نوپۇس كۆلىمى ۋە ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېرىمىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇنىڭغا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى يۈكلىنىپلا قالماي، يەنە ئادەم بىلەن تەبىئەت قانداق چىقىشىپ ئۆتۈشتەك دەۋر جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشمۇ يۈكلەنگەن.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ياد ئېتىپ تۇردى، دائىم بېرىپ تۇردى، ئون نەچچە يىلدىن بۇيان چاڭجياڭ دەرياسى بويىغا 30 نەچچە قېتىم كەلدى. دەريا سۈيى شەرققە قاراپ ئۆركەشلەپ ئاقتى، دەريا قىرغىقى سارغىيىپ يەنە يېشىللىققا پۈركەندى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ قىياپىتىمۇ كۈندىن - كۈنگە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش داۋامىدا ئۆزگەردى.

چوڭ دەريا شەرققە قاراپ ئېقىپ، ئونمىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن يۆگىمە رەسىمنى ھاسىل قىلغان.

چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى باش تېما قىلغان سۆھبەت يىغىنىنىڭ 1 - قېتىم ئېچىلغىنىغا سەككىز يىلغا يېقىن بولۇپ قالدى. شۇنىڭدىن كېيىن ھەر ئىككى - ئۈچ يىلدا 2 - قېتىملىق، 3 - قېتىملىق، يەنە بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش مەزگىلىدە نەنچاڭدا 4 - قېتىملىق سۆھبەت يىغىنى ئېچىلدى. ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈشكە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ «ئۇزاق كەلگۈسى ۋەزىيەتنى كۆزلەش، ئۇزاق مەزگىللىك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش، ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئاساس سېلىش»تىن ئىبارەت دۆلەتنى ئىدارە قىلىش يولى مۇجەسسەملەنگەن.

بۇ قېتىم باش شۇجى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىدا چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «قىلغان ئىكەنمىز ياخشى قىلىشىمىز، قەتئىي داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك. پۇختا قەدەم بىلەن تەۋرەنمەي كۈرەش قىلىپ، ئىزچىللىقنى ساقلاپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك».

قوغداش

«كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك»

جيۇجياڭ ئۈچ دەريا ئېغىزىغا جايلاشقان، يەتتە ئۆلكىگە تۇتاشقان بولۇپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جياڭشى بۆلىكىدىكى 152 كىلومېتىرلىق قىرغاق لىنىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يامغۇرغا قارىماي پىپا راۋىقىغا چىقىپ، يىراققا نەزەر سالدى.

چوڭ دەريا ئەگرى - بۈگرى ئېقىۋاتاتتى، ئۇزۇن توسما ئوت - چۆپلەر بىلەن قاپلانغانىدى. بىپايان زېمىنغا قاراپ چوڭقۇر ئويغا پاتتى!

ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، يۇقىرى ئېقىن، ئوتتۇرا ئېقىن، تۆۋەن ئېقىندىكى «يېشىللىق مىقدارى» بارغانسېرى ئاشتى، «ھەقىقەتەن غايەت زور ئۆزگىرىش بوپتۇ!»

چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئىلگرىكى ھەسرىتى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى تېز تەرەققىياتنىڭ ئېكولوگىيە بەدىلى ئىدى. باش شۇجى ئىلگىرى ئېچىنغان ھالدا چاڭجياڭ دەرياسى «ئاغرىپ قالدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كېسىلى يېنىك ئەمەس» دەپ سۈپەتلىگەنىدى.

2016 - يىلى 1 - قېتىملىق سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن قائىدە بېكىتىپ بەردى: «كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق كېرەك».

سەككىز يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتۈپ كەتتى، «قوغداش»نىڭ نەتىجە قەغىزى ھەممىگە ئايان. «سۇ سۈپىتىنىڭ ئەلا بولۇش نىسبىتى %94.5 بولۇپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ غول ئېقىنىدا ئۇدا ئۈچ يىل سۇ سۈپىتى Ⅱ تۈر بولدى.» باش شۇجى ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «سانلىق مەلۇماتلارنى يىغىنچاقلىغاندا شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان قولغا كەلتۈرۈلگىنى ئىستراتېگىيەلىك ئۈنۈم بوپتۇ».

چاڭجياڭ دەرياسى دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسىنىڭ جيۇجياڭ شەھەر رايونى بۆلىكى بۇنىڭ بىر جانلىق مىسالى.

پىپا راۋىقىدا، باش شۇجىنىڭ ئالدىغا ھازىرقى بىلەن ئىلگىرى سېلىشتۇرۇلغان رەسىم قويۇلغانىدى. تۈزەشتىن ئىلگىرى، شۇ جايدا «ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى توپا - چاڭ كۆتۈرۈلەتتى، يامغۇر ياغقان كۈنلىرى پاتقاق بولۇپ كېتەتتى.» دەريادىكى قۇم قېزىش پاراخوتى، دەريا بويىدىكى ئۈستى ئوچۇق كان ئورەكلىرى يېشىل تاغلارنى تاقىر قىلغان، چاڭجياڭ دەرياسىنى چاڭ - توزانغا قاپلاتقانىدى.

يول بويى كۆرۈپ، ئاڭلاپ، سوراپ، تومۇر تۇتۇپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىش. 2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، چاڭجياڭ دەرياسى دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلاندى، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جياڭشى بۆلىكى يەتتە نۇقتىلىق قۇرۇلۇش رايونىنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. جيۇجياڭ ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ يۈز چاقىرىملىق «ئەڭ گۈزەل قىرغاق لىنىيەسى»نى تىرىشىپ بەرپا قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇ جاينىڭ بۇلغىنىشنى تۈزەش، قىرغاقنى تۈزەش، بېلىقچىلىقنى تۈزەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سوراپ، تاپىلاپ مۇنداق دېدى: «چاڭجياڭ دەرياسى چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تۈگۈنى. كەلگۈسىدە چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى مەيلى قانداق تەرەققىي قىلسۇن، تەرەققىي قىلىپ قايسى باسقۇچقا يەتسۇن، ھەممىسىدە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ بېقىشىدىن ئايرىلالمايدۇ».

«دەرياغا تايىنىپ تىرىكچىلىك قىلىش»تىن «دەرياغا تايىنىپ دەريانى قوغداش»قىچە، دەريا سۈيى سۈزۈك، ئىككى قىرغاق ياپيېشىل بولۇپ ئۆزگىرىپلا قالماي، يەنە كۆز قاراشتىمۇ ئۆزگىرىش بولدى:

«ئىلگىرى بىز <GDP ئارقىلىق قابىللىققا باھا بېرىش>قا ئەھمىيەت بېرەتتۇق، <قىممىتى>گە كۆڭۈل بۆلەتتۇق. ھازىر ئىدىيە، كۆز قاراش ئۆزگەردى، تونۇش مەسىلىسى ھەل بولدى دېيىشكە بولىدۇ. چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى چاڭجياڭ دەرياسى سەۋەبىدىن بارلىققا كەلگەن، چاڭجياڭ دەرياسى سەۋەبىدىن گۈللەنگەن، بۇ سەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتىنى چوقۇم ئېنىق تونۇش كېرەك» دېدى باش شۇجى.

بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئۆزگىرىش! ئۆزگىرىشنىڭ ئارقىسىدا، «چوڭ ھېسابات قىلىش، ئۇزاق مەزگىللىك ھېسابات قىلىش»تەك ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە ۋە تارىخىي يىراقنى كۆرەرلىك بار.

سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى چاڭجياڭ دەرياسىدا بېلىق تۇتۇشنى چەكلەشتە قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم بېلىق تۇتۇشنى چەكلەش سىياسىتىدىن تەۋرەنمەسلىكنى، قەتئىي تۈردە داۋاملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

باش شۇجى چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش بىر تۈرلۈك ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەزىپە، بىردەم تۇتۇپ، بىردەم بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا، سەللا ياخشىلانسا يەنە باشقىچە ئويدا بولۇشقا بولمايدۇ. ھازىرقى چاڭجياڭ دەرياسىنى پەقەت <ئېغىر كېسەلدىن ئەمدىلا ساقايدى> دېيىشكە بولىدۇ، <كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق>تا قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداش جەھەتتە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېخىمۇ پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك».

تەرەققىي قىلدۇرۇش

«ھازىر يول توغرا، داۋاملىق مېڭىش كېرەك»

ئالدىنقى بىر نەچچە قېتىملىق سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ «تەرەققىيات داۋامىدا قوغداش بىلەن قوغداش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش»نىڭ دىئالېكتىك مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، ئەتراپلىق سۆزلىدى: «ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشى تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا ئىقتىسادىي قۇرۇلما ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات شەكلىگە باغلىق».

كارخانىلار چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىتىنى قوغداش قۇرۇلۇشىدىكى ئاساسىي گەۋدە ۋە مۇھىم كۈچ.

شىمال تەرىپى چاڭجياڭ دەرياسىغا يانداشقان، جەنۇب تەرىپى لۇشەن تېغىغا يۈزلەنگەن، شەرق تەرىپى پوياڭخۇ كۆلىگە تۇتىشىدىغان جۇڭگو نېفىت خىمىيە گۇرۇھى جيۇجياڭ شۆبە شىركىتى «خىمىيە سانائىتى دەريانى قورشىۋېلىش»نى ھەل قىلىش جېڭىدە قاتمۇقات بېسىمغا دۇچ كەلدى.

دەريادىكى مەسىلىنىڭ يىلتىزى قىرغاقتا. جيۇجياڭ نېفىت خىمىيە سانائىتى شىركىتىنىڭ «مۇھىتنى توردا كۆزىتىش - ئۆلچەش ئەمەلىي سانلىق مەلۇماتى» بار بولۇپ، ھەر 20 سېكۇنتتا بىر قېتىم يېڭىلىنىدۇ. ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراققا ئائىت بىر كاتەكچە دۆلەت ئۆلچىمى، بىر كاتەكچە كارخانىنىڭ ئەمەلىي قويۇپ بېرىش ئەھۋالى بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر تەرەپتىن كۆرگەچ، يەنە بىر تەرەپتىن كارخانىنىڭ قانداق قىلىپ «بىر تامچە ماي ۋە بىر تامچە بۇلغىنىشى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن سۇنى چاڭجياڭ دەرياسىغا كىرگۈزمىگەنلىكى»، قانداق قىلىپ «سېسىق گازنى ئاسمانغا چىقارماسلىق، بۇلغانغان ماينى يەرگە چۈشۈرمەسلىك»نى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى.

باش شۇجى ئىلھام بېرىپ مۇنداق دېدى: «ئۆلچەم يۇقىرى بېكىتىلگەن بولسىمۇ، ھەربىر قەدەمدە ئىز قالدۇرۇپ ئىشلەش كېرەك. سىلەرنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما - تەلىپى بويىچە، يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بولۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، پۇختا ئىش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، نېفىت خىمىيە سانائىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن».

نۇقتىدىن دائىرىگە كېڭىيىشتە، كۆزلەنگىنى «ھەم كۆرۈلگەن كېسەلنى داۋالاش، ھەم كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش» بولدى: «يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى جەريانىدا، بىز يېشىللاشتۇرۇش، تۆۋەن كاربونلاشتۇرۇشنى كىرگۈزۈشىمىز، كۈنتەرتىپكە قويۇشىمىز كېرەك، شۇنداقلا سانائەت سېپىدە تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەرىكەت بولۇشىنىمۇ ئۈمىد قىلىمىز».

ئەگەر شەرقىي قىسىمدىكى دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى كىرىچى تارتىلغان ئۇزۇن ئوقياغا ئوخشىسا، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى بوشلۇقنى يېرىپ ئۆتىدىغان ئۆتكۈر يا ئوقىغا ئوخشايدۇ. چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى دۆلىتىمىزدىكى پەن - تېخنىكا بايلىقى ئەڭ مول توپلانغان، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىغا ئەڭ ئىگە رايونلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «ئەۋزەل كەسىپلەردە زەنجىرنى ئۇزارتىش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەردە زەنجىر بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش»تا ئۆزگىچە ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە.

تەكشۈرۈشتە بولغان 2 - كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جىڭدېجېندىكى چاڭخې ئايروپىلان سانائىتى (گۇرۇھ) چەكلىك شىركىتىگە كەلدى. ئومۇمىي قۇراشتۇرۇش سېخىدا، «ئاۋىياتسىيە ئىشلىرى ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، ئاۋىياتسىيە ئىشلىرى ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش» دېگەن خەتلەر يېزىلغان لوزۇنكا كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى؛ سىناق ئۇچۇش پونكىتىدا، كۆپكۆك ئاسمان ئاستىدا ھەر خىل تىك ئۇچار ئايروپىلانلار « 一 » خېتى شەكلىدە قاتار تىزىلىپ، ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى. باش شۇجى بىر تىك ئۇچار ئايروپىلانغا چىقىپ، تونۇشتۇرۇشنى تەپسىلىي ئاڭلىدى.

«يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلارنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، كەلگۈسى ئېھتىياجغا يۈزلىنىپ يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىپ، تىرىشىپ ئىلغار ياسىمىچىلىق سىستېمىسى بەرپا قىلىش، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىك ئۇچار ئايروپىلان كارخانىسى قۇرۇش كېرەك».

«<كەڭ كۆلەمدە ئېچىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق> قالايمىقان ئاچماسلىق، تۆۋەن سەۋىيەدە ئاچماسلىق، يىرىك ئۇسۇلدا ئاچماسلىق، بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرلىك ئاچماسلىق بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتىن ئىبارەت. ھازىر يول توغرا، داۋاملىق مېڭىش كېرەك».

ۋارىسلىق قىلىش

«جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك»

چوڭ دەريا ئۆركەشلەپ ئاققانلىقتىن ھەيۋەتلىك كۆرىنىدۇ، مەدەنىيلىك چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقتىن مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. چاڭجياڭ مەدەنىيىتى سانسىز يۇلتۇزلار چاقناپ تۇرىدىغان جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان سامانيولىغا ئوخشايدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيى فارفور توپىسىغا سىڭىپ، جىڭدېجېننىڭ داڭقىنى چىقارغان.

جىڭدېجېنغا كىرگەندە، بۇ يەردە «تاۋياڭ يولى 13 چاقىرىمغا سوزۇلغان، قاينام - تاشقىنلىققا چۆمگەن نۇرغۇن ئائىلە بار»دەك گۈللەنگەن مەنزىرىنى، «خۇمداندىكى ئوت بىلەن كېچە يورۇق تۇرىدىغان، فارفور بۇيۇملار كۈندە چىقىدىغان»دەك قاينام - تاشقىنلىقنى كۆرگىلى بولىدۇ.

نەنلۇ خارابىسىنىڭ يېنىدا، باش شۇجى تەپسىلىي زەن سېلىپ كۆردى.

يۇمىلاق تۇرغىنى كۇلال ئازگىلى، چاسا تۇرغىنى كونا پاتقاق كۆلچىكى. سۇڭ، يۈەن سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى ساپال ۋە فارفور بۇيۇملار ئاستىنقى قاتلامغا، مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى ساپال ۋە فارفور بۇيۇملار ئۈستۈنكى قاتلامغا تىزىلغان بولۇپ، ئات تۇيىقى شەكىللىك 17 خۇمدان « 一 » خېتى شەكلىدە قاتار تىزىلغان، ئاستىدا يەنە تېخىمۇ قەدىمكى ئات تۇيىقى شەكىللىك 24 خۇمدان، تۇخۇم شەكىللىك تۆت خۇمدان ساقلانغانىدى.

مىڭ يىللىق خۇمدان ئوتى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى: «جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى قەدىمدىن ھازىرغىچە ئۈزۈلۈپ باقمىغان، ساپال ۋە فارفور بۇيۇملار جۇڭخۇا گۆھىرى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم نام كارتىسى».

بۇ يەردىن غەربكە 400 مېتىر ماڭغاندا، چاڭجياڭ شەھەرنى كېسىپ ئۆتىدۇ. دەريا سۈيى 180 چاقىرىم ئۆركەشلەپ، پوياڭخۇ كۆلىگە قۇيۇلۇپ، ئاندىن دەرياغا قوشۇلۇپ دېڭىزغا قۇيۇلىدۇ. «توققۇز ماكاننى بېسىپ ئۆتۈپ، دېڭىزلارغىچە قۇيۇلىدۇ.» تارىخنىڭ قويۇق تۇمانلىرىدا، جىڭدېجېننىڭ فارفور بۇيۇملىرى دېڭىز يىپەك يولىدىكى بۇژغۇنلارنى كېچىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلغان.

مىڭ، چىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى خۇمدانلىقلار قولدا فارفور ياساش ھۈنىرى كارىدورىنى ھاسىل قىلغان، ساپال ۋە فارفور بۇيۇملار غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋارىسلىرى بۇ يەرگە جەم بولغان بولۇپ، دەل «ھۈنەرۋەنلەر ھەر تەرەپتىن كېلىپ يىغىلسا، ياسالغان ساپال بۇيۇملار جاھانغا تارقىلىدۇ» دېگەندەك، بەزىلىرىنىڭ چاچلىرى ئاقارغان، بەزىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغانىدى. ئۇلار قىزغىنلىق بىلەن باش شۇجىغا ئاساسىي ماھارىتىنى نامايان قىلدى.

لاي چەيلەش، لاي يۇغۇرۇش، راسلانمىنى شەكىلگە كىرگۈزۈش، راسلانمىنى قېلىپقا سېلىش، راسلانمىنى سىلىقلاش، راسلانمىنى بوياش، ئېماللاش، سىلىقلاش... «قاتمۇقات باسقۇچتىن ئۆتۈپ، ساپال بۇيۇمى شەكىلگە كىرىدۇ.» «تيەنگۇڭ كەيۋۇ» ناملىق كىتابتىكى بۇ خاتىرە بۈگۈنكى ھۈنەرۋەن روھىنى يورۇتۇپ بەرگەنىدى.

باش شۇجى بىر پېشقەدەم ئۇستام بىلەن پاراڭلاشتى.

«پېشقەدەم ئۇستام ياخشىمۇ سىز! ماھارىتىڭىز قالتىسكەن! نەقىش بارمۇ ياكى قول سېزىمىڭىزغا تايىنامسىز؟»

«ھەممىسى كۆڭلۈمدە».

بۇ ئۇستام 13 يېشىدا دادىسىغا ئەگىشىپ فارفور ياساشنى ئۆگەنگەن بولۇپ، ئائىلىسىنىڭ 4 - ئەۋلاد ۋارىسى ئىدى، بۇ ھۈنەر بىلەن شۇغۇللانغىنىغا كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە 40 يىل بولغانىدى.

«سىز بۇ تۇپراق يېتىشتۈرگەن ۋارىس، ھۈنەرۋەن روھىنىڭ كارتىنىسى ئىكەنسىز» دېدى باش شۇجى ماختاپ.

جىڭدېجېندا، 20 مىڭدىن ئارتۇق ياش ساپالچىلىقنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئالدىراش ئىشلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا تۈرتكە بولۇۋاتقىنى غايەت زور ساپال ۋە فارفور بۇيۇملار كەسىپ زەنجىرى. باش شۇجى چوڭقۇر ھاياجان بىلەن مۇنداق دېدى:

«ساپال ۋە فارفور بۇيۇملار كەسپىدە شۇنچە كۆپ ۋارىسلار، داۋاملاشتۇرغۇچىلارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم، بۇ ئىشنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك».

«بىر ئۆمۈر بىر ئىشنى قىلىش، ئەۋلادمۇئەۋلاد بىر ئىشنى قىلىش ئاسان ئىش ئەمەس. ئۆز يولىمىزدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشىمىز، شاختىن شاخقا قونۇپ يۈرمەسلىكىمىز كېرەك. ئەجدادلىرىمىزدىن قالغان مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى بىز داۋاملىق قولىمىزدا تۇتۇپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئۇنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك».

مىڭ يىللىق فارفور ياساش يولىدا، ھاۋا رەڭ ئەسلىمىلەر قالدۇرۇلۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ قەدىمىيلىكى بىلەن بۈگۈنى مۇجەسسەملەنگەن.

گۈللەندۈرۈش

«كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى خەلقنىڭ ھەممىسىنى بىز كۆڭلىمىزگە ئەڭ پۈكۈپ كەلدۇق»

دەريا ئېقىنى بىلەن كەنتلەر مىڭ يىللاردىن بۇيان بىر - بىرىگە تايىنىپ كەلدى. راۋخې يېقىن ئەتراپتىن باشلىنىپ، كەنتلەرنى كېسىپ ئۆتۈپ، تاغ تىزمىلىرىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا پوياڭخۇ كۆلىدىن ئۆتۈپ چاڭجياڭ دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ. تەكشۈرۈشتە بولغان 2 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭراۋ شەھىرى ۋۇيۈەن ناھىيەسىنىڭ چيۇكوۋ بازىرى ۋاڭسۈن شىمېن تەبىئىي كەنتىگە كەلدى.

ئېكولوگىيە كەنتنىڭ نام كارتىسى. كەنتتىكى قەدىمىي كامرا دەرىخى، ئاچچىق كاشتان دەرىخى، لاپىن دەرىخىنىڭ سۇدىكى شولىسى ياپيېشىل ئىدى، يەنە ئېغىر دەرىجىدە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان قۇش تۈرى بولغان كۆك تاجلىق قوڭۇر تورغاينىڭ دەرەخ شېخىدا ئويناقشىۋاتقان سۈرىتى بار ئىدى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈۋاتقان ئىخچام كۆرۈنۈش ئىدى.

تۆت يىل ئىلگىرى، يەنە شۇ جياڭشىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تاغ - دەريالارنى ئىدارە قىلىش، تاغ - دەريالارنى نامايان قىلىش ئىشلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، گۈزەل جۇڭگونىڭ «جياڭشى ئۈلگىسى»نى بەرپا قىلىش توغرىسىدا يوليورۇق بەرگەنىدى.

كىچىككىنە كەنت دەل ئۈلگىنىڭ بىر بۇرجىكى ئىدى.

قەيەرگىلا بارسۇن، ئورتاق بېيىش باش شۇجى كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىش بولۇپ كەلدى.

بۇ قېتىم كونا ئىنقىلابىي رايونلارغا بارغاندا، باش شۇجى مۇنداق تەكىتلىدى: «مەيلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش بولسۇن، ياكى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىش، ئورتاق بېيىشنى ئالغا سىلجىتىش بولسۇن، كونا ئىنقىلابىي رايونلاردىكى خەلقنىڭ ھەممىسىنى بىز كۆڭلىمىزگە ئەڭ پۈكۈپ كەلدۇق».

كوچىلارنى بويلاپ ماڭغاچ كۆردى. «چوڭلارنى كۆرگەندە ھۆرمەتلەش؛ كىچىكلەرنى كۆرگەندە ئىززەتلەش كېرەك.» ھەممە ئائىلىنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئائىلە باشقۇرۇش توغرىسىدىكى دانىشمەنلەرنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرى چاپلانغانىدى. ھويلا تاملىرىغا رەڭلىك سىزمىلار سىزىلغانىدى، ھويلا بۇلۇڭلىرىغا گۈل - گىياھلار تېرىلغانىدى، ئېكولوگىيە ۋە ئادىمىيەت بىر - بىرىنى چاقنىتىپ تۇراتتى.

كەنتتە، تاش تاختا يېيىتىلغان تەكشى يوللار چوڭ - كىچىك كوچىلارنى تۇتاشتۇرۇپ تۇراتتى؛ كەنت سىرتىدا، كەڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك يول تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىپ تۇراتتى. «قەدىمىي كەنتنىڭ قاتنىشى ھازىر قولايلىشىپتۇ، يەرلىك كەسىپلەرمۇ تەرەققىي قىپتۇ، بولۇپمۇ ساياھەتچىلىك ناھايىتى قىزىپ كېتىپتۇ. مەن كېيىنكى قەدەمدىكى تەرەققىيات، گۈللىنىشىمىزگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىمەن، ئۈزلۈكسىز نەتىجە يارىتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن».

كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە، باش شۇجى سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ھەم شەھەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بولۇشى، ھەم يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش بولۇشى كېرەك، مەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلىمەن. سىلەرنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيەنى ياخشى قوغداپ، ئەنئەنىۋى كەنت قىياپىتى بىلەن زامانىۋى ئامىللارنى بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئېستېتىك قىزىقىشىدا چىڭ تۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، تۇرمۇشىڭلارنى بارغانسېرى خۇشال - خۇرام، بارغانسېرى بەختلىك ئۆتكۈزۈشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!»

10 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ئېچىلغان چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى مۇنداق كۆرسەتتى: «بىزنىڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇپ چىقىشىمىزدا چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى ناھايىتى ئەۋزەللىككە ئىگە. قىرغاق بويلىرىدا ھەم قەدىمىي كەنتلەر بار، ھەم زامانىۋى يېزا - كەنتلەر بار. چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتى، تاغ - دەريا مەدەنىيىتىنى شەھەر - يېزىلارنىڭ تەرەققىياتى بىلەن يۇغۇرۇپ، يەرلىك خاسلىقنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك».

سۇ بىلەن كەنتلەر ئوخشاشلا گۈزەللەشتى.

يۈرۈشتۈرۈش

«چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك»

ئەگرى - بۈگرى دەريا قىرغىقىغا نەزەر سالساق، تەكشى كەتكەن مۇنبەت ئېتىزلىقلار بار، يەنە بىر - بىرىگە ھۆسن قوشقان تاغ چوققىلىرى بار؛ خەلقئاراغا يۈزلەنگەن جايلار بار، يەنە ئىچكىرى تاغلار ۋە قويۇق ئورمانلىقلار بار. چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ كۆلىمى ناھايىتى زور، ئەھۋالى مۇرەككەپ بولۇپ، بۇ، خىرىس، شۇنداقلا پۇرسەت.

تېخىمۇ كەڭ نەزەر دائىرىدە تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئويلىنىشىدا جۇڭگونىڭ تۈنۈگۈنى، بۈگۈنى ۋە ئەتىسى كۆزدە تۇتۇلدى.

شەرقتە، چەكسىز كەتكەن تىنچ ئوكيان؛ غەربتە، بىپايان ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى. غايەت زور تەرەققىيات يانتۇلۇقىغا كۆز يەتكۈسىز كېڭىيىش بوشلۇقى قوشۇلۇپ، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ غايەت زور ئېلاستىكىلىقى، يوشۇرۇن كۈچى ۋە ئايلىنىش بوشلۇقىنى ياراتقان.

چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئىچكى - تاشقى ئېچىۋېتىش ۋەزىيىتى تېز شەكىللەنمەكتە، كېمىلەر بەيگىگە چۈشكەن، كېمىلەر بەس - بەستە دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەۋاتقان دەۋر دولقۇنىدا، باش شۇجى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق تەكىتلىدى:

«چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ شەرق بىلەن غەربنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان، جەنۇب بىلەن شىمالنى تۇتاشتۇرىدىغان، تەرەپ - تەرەپكە تۇتىشىدىغان ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازارنى تېخىمۇ ياخشى تۇتاشتۇرۇپ، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ئىشەنچلىكلىكىنى ئۆستۈرۈپ، خەلقئارا ئايلىنىشقا بولغان جەلپ قىلىش كۈچى، تۈرتكىلىك كۈچىنى كۈچەيتىپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك».

ھەركىم ئۆز ئالدىغا جەڭ قىلىش، قوشنىسىغا ئورا كولاش كېرەكمۇ، ياكى «بىر تاختا شاھمات» بولۇپ پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەكمۇ؟ بۇ، بىر جاي، بىر تارماق، بىر قوشۇننىڭ سىياسىي نەتىجە قارىشىنىڭ قانداقلىقىنى دەلىللەيدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى: «رايونلارنىڭ ماس يۈرۈشۈشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دەريا بويىدىكى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ئۆلكىلەر ئارا ئورتاق كېڭىشىش، ئېكولوگىيەنى ئورتاق تۈزەش، پۈتۈن رايون بويىچە ئورتاق بەرپا قىلىش، تەرەققىياتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، رايونلار قاتنىشىنىڭ ئۆزئارا باغلىنىشچانلىقى، سىياسەتنىڭ بىردەكلىكى، قائىدىنىڭ بىردەكلىكى، ئىجرانىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيە ئورتاق گەۋدىسى ۋە مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك».

يىغىندا، باش شۇجى 11 ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن كەلگەن مەسئۇل يولداشلاردىن نەنچاڭغا قانچىلىك ۋاقىتتا كەلگەنلىكىنى سەمىمىي سورىدى. ئىلگىرىكى تاغ - داۋانلاردىن ئېشىپ، تاغ - دەريالاردىن ئۆتىدىغان ئۇزۇن يولغا ھازىر ئىككى - ئۈچ سائەتلا ۋاقىت كەتكەنىدى. «سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى قاتناشنىڭ قولايلىقلىقى بۇ بىرقانچە يىللاردىن بۇيانقى قۇرۇلۇش نەتىجىلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ».

دۆلىتىمىزدىكى ئەڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان، قاپلاش دائىرىسى ئەڭ كەڭ ئىقتىساد بەلبېغى بولۇش سۈپىتى بىلەن، چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك.

تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكتە بىر تەرەپلىمىلىكتىن ساقلىنىش كېرەك؛ بىر ساھە بىلەن پۈتۈن ۋەزىيەتنى يەنە دىيالېكتىكىلىق بىرتۇتاش پىلانلاشقا توغرا كېلىدۇ.

سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ «دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، مۇھىم كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى بىخەتەرلىكى، سۇ بىخەتەرلىكىنى قوغداش قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر رايوننىڭ مۇقىملىقى ئارقىلىق پۈتۈن ۋەزىيەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش»ىنى ئۈمىد قىلدى.

تۆت بىخەتەرلىك تەرەققىيات ئاساسىنى پۇختىلىدى.

ئاشلىقنى تىلغا ئالغاندا، مەسئۇلىيەتنى ئىزچىل تەكىتلىدى، «دەريا بويىدىكى ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر مەيلى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسىي رايون بولسۇن ياكى ئاشلىق ساتىدىغان ئاساسىي رايون، ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش رايونى بولسۇن، ھەممىسى ئاشلىق بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيىتىنى پۇختا زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك»؛

ئېنېرگىيە ئۈستىدە توختالغاندا، يۇقىرى نۇقتىدىن نەزەر سېلىپ پىلانلىدى، «پۈتۈن مەملىكەت <بىر تاختا شاھمات> بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ئېقىندىكى رايونلار بىلەن ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىندىكى رايونلارنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك»؛

تىنچلىق ھەققىدە سۆزلىگەندە، سۇ كەلگۈچە توغان سېلىشنى تەلەپ قىلدى، «ۋادى سۇ قۇرۇلۇشىنى بىرتۇتاش بىرلەشمە ئورۇنلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، رايون ھالقىغان سۇ بايلىقىنى سۇ مول ۋە سۇ كەمچىل مەزگىللەردە تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، ۋادىنىڭ ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك»؛

...

كەڭ نەزەر دائىرە بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىلدى، كەڭ پىكىر يولى ئارقىلىق يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلىندى. چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، باش شۇجى ئېھتىياتچانلىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزۈپ، پۇختا يولغا قويۇپ، «ئۇزاق كەلگۈسى ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، ئۇزاق مەزگىللىك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە ئاساس سالدى».

دولقۇنلار قاتمۇقات، يەلكەنلەر قاتار - قاتار. چاڭجياڭ دەرياسى مىسلىسىز ھەيۋەت بىلەن شەرققە قاراپ ئۆركەشلەپ ئاقماقتا.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنچاڭ، 10 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى)