شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىشتا سىياسەت جەھەتتە پىكىرلىشىشتىكى ئاكتىپ ھەرىكەت قىلغۇچىلاردىن بولۇش

日期:2023年10月15日
来源:天山网
【字体:

− «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى 10 يىلدا يادرولۇق رايون قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر (1)

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ دۇڭلەي

مەركىزىي تۈگۈن راۋانلاشسا، يوللار جاھاننىڭ ھەممە يېرىگە تۇتىشىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 10 يىلدا، شىنجاڭ جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سېپىگە ئايلاندى.

تارىختىكى تۆت چوڭ مەدەنىيلىك ئۇچراشقان جايدىن بۈگۈنكى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىغىچە، شىنجاڭ مەۋقەنى رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن سىياسەتتە پىكىرلىشىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئورتاق گۈللىنىدىغان داغدام يولنى تىرىشىپ ئاچتى.

دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش

2000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىلگىرى، جاڭ چيەن «يول ئېچىش سەپىرى»نى تاماملىدى. يىپەك يولى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن زامان ۋە ماكاندىن ھالقىپ، ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇپ، شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايونلارنىڭ زور تەرەققىياتى، زور گۈللىنىشىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، تىنچلىق، ھەمكارلىق، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنى يادرو قىلغان يىپەك يولى روھىنى مۇجەسسەملىدى.

2015 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، گوۋۇيۈەننىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق ئۈچ مىنىستىرلىق، كومىتېت بىرلىكتە «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى ۋە 21 ـ ئەسىر دېڭىز يىپەك يولىنى ئورتاق بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئارزۇسى ۋە ھەرىكىتى»نى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆزنەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى مۇھىم قاتناش تۈگۈنى، سودا، ئەشيا ئوبوروتى ۋە مەدەنىيەت، پەن ـ مائارىپ مەركىزىنى شەكىللەندۈرۈپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالى مىسلىسىز تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى.

ئۆتكەن 10 يىل جەريانىدا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىياغا يەتتە قېتىم زىيارەتكە باردى. ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەر جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ چوڭقۇر دوستلۇقىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى.

2022 ـ يىلى 7 ـ ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق كۆرسەتتى: «<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇشۇ يىللاردا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ ئەمدى چەت ـ ياقا رايون بولماستىن، بەلكى بىر يادرولۇق رايون، بىر تۈگۈن رايونغا ئايلاندى، سىلەرنىڭ قىلىۋاتقىنىڭلار تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىش، ناھايىتى ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپسىلەر، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشساڭلار كەلگۈسىڭلار پارلاق».

بۇ يىل 5 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنىدىن 19 ـ كۈنىگىچە، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى شىئەندە ئېچىلدى، بۇ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 31 يىلدىن بۇيان ئالتە دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئەمەلىي گەۋدە شەكلىدە باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشى بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا ھەمكارلىقى بويىچە سۆھبەتلىشىش مېخانىزمىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىش؛ سودا تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، سودا قۇرۇلمىسىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودا تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش؛ جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا يېڭى ئىقتىساد سۆھبىتى ئىستراتېگىيەسىنى تۈزۈش؛ رەقەملىك ۋە يېشىل ئۇل ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇشنى تېزلىتىش... باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىر قاتار مۇھىم ھەمكارلىق نەتىجىسى ھاسىل قىلدى.

«بۇ قېتىمقى كاتتا يىغىن شىنجاڭغا نىسبەتەن چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.» شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى شى لەن مۇنداق دېدى: شىنجاڭنىڭ جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىدىكى مۇھىم ئورنى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە، جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قۇرۇلۇشىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم ئىلگىرىلەشلەر دەل بۇنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا پائال سىڭىشىش

شىنجاڭ پۇرسەتنى كۈتۈپ تۇرمىدى. ئۆتكەن 10 يىلدا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت تاشقى ئالاقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىشى ئۈچۈن بوشلۇقنى كېڭەيتتى.

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 10 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى ئېلان قىلغان «<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىش: ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم ئەمەلىيىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: «<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان 10 يىلدىن بۇيان، سىياسەتتە پىكىرلىشىش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى. دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ھۆكۈمەتلەر ئارا ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى تىرەك قىلىپ، يەرلىك ۋە تارماقلار ئارا سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى ياردەمچى كۈچ قىلىپ، كارخانا، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرى قاتارلىقلار قانات يايدۇرغان تۈر ھەمكارلىقىنى ۋاسىتە قىلىپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ سۇپىلىق، كۆپ سۇبيېكتلىق دائىملىق ئالاقە يوللىرى بەرپا قىلىندى.» ھالبۇكى، بۇ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى شەكىللەندۈرۈش جەريانىدا، شىنجاڭنىڭ ئېنىق سىيماسى بار.

بۇ يىل 3 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنىدىن 30 ـ كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكىنى باشلاپ قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك بۇرچىنى چۆرىدەپ، دىققەتنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان دوستانە ئالماشتۇرۇشى ۋە ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى پۈتۈن ۋەزىيىتى ۋە ئومۇميۈزلۈك دىپلوماتىيە ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى.

10 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تاشقى ئالاقە «دوستلار چەمبىرىكى» ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى. شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ تاشقى سېلىنمىسى 60 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننى قاپلىدى، چېگرا سىرتىدا تۆت ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىق باغچە رايونى قۇرۇلدى، يەتتە نۆۋەت جۇڭگو − ئاسىيا ـ ياۋروپا كۆرگەزمىسى، ئەتراپتىكى دۆلەتلەردە 50 مەيدانغا يېقىن شىنجاڭ تاۋارلىرى كۆرگەزمىسى، يەرمەنكىسى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت ـ ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 149 مىليارد 620 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %65.2 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت ـ ئېكسپورت سوممىسى 138 مىليارد 300 مىليون يۈەن بولۇپ، شىنجاڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %90تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىمپورت ـ ئېكسپورت سودىسىدىكى يارقىن نۇقتىغا ئايلىنىپلا قالماي، يەنە شىنجاڭنىڭ ئوچۇق ئىقتىساد بەرپا قىلىشى ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى.

خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىش

شىنجاڭنىڭ «چىقىرىش» قەدىمى قەتئىي بولدى، ئوخشاشلا باغرىنى كەڭ ئېچىپ دوستلارنى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە ئۆزبېكىستان زۇڭلىسى ئارىپوف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئارىپوف مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو شىنجاڭ ئۆزبېكىستان ـ جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئىقتىساد ـ سودا ھەمكارلىقىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا، ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن بولغان ھەمكارلىقى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلدى.

ئارىپوف مۇنداق بىلدۈردى: ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ ھەرقايسى جايلىرى جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن تېخىمۇ قويۇق دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىجادىي تېخنىكا، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، ھاسىلىي ئېنېرگىيە، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك، مىس ماتېرىيال، خىمىيەۋى ئوغۇت ۋە يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كەسىپلەر ئارا بىر ـ بىرىنى تولۇقلاپ تەرەققىي قىلىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىنى؛ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى ۋە چارۋىچىلىق كەسپى، قۇملىشىش ۋە شورلۇق يەرلەرنى تۈزەش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىشىنى؛ جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قاتارلىق قاتناش تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، پورتلارنىڭ چېگرا ھالقىغان تىرانسپورت ئۈنۈمى ۋە خەلق ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت ھەمكارلىقى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشىنى؛ ئادىمىيەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى ئورتاق يېتىشتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۆزبېكىستان جۇڭگو شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ ئۆزبېكىستانغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئۆزبېكىستان ـ جۇڭگو دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە ئورتاق كۈچ قوشۇشىنى قارشى ئالىدۇ.

بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى، يەنى 8 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، ما شىڭرۇي، ئەركىن تۇنىياز ئۈرۈمچىدە شىنجاڭدا زىيارەتتە بولۇش ھەم 2023 ـ يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا ـ ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىشقا كەلگەن قىرغىزىستان زۇڭلىسى ئا. جاپاروف ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جۇڭگو شىنجاڭ بىلەن قىرغىزىستاننىڭ يەرلىكلەر ئارا ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، ئىككى تەرەپ بىر قاتار ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

«بۇ يىل، بىز <چىقىرىش، كىرگۈزۈش> سالمىقىنى زورايتتۇق، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى كۆپ مەيدان تاشقى ئىشلار ئۇچرىشىشىنى زىچ قانات يايدۇرۇپ، 50 نەچچە دۆلەتنىڭ ئۆمەك ـ گۇرۇپپىسىنى كۈتۈۋېلىپ، كۆپ ساھەدە بىر قاتار ھەمكارلىق ھاسىل قىلىپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتتى.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت مۇنداق دېدى: شىنجاڭ يەنە شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا، شىزاڭ قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، غەربكە ئېچىۋېتىشنى قول تۇتۇشۇپ ئالغا سىلجىتتى.

ئارغامچىنى تاشلىساق تور يېيىلىدۇ، يەلكەن كۆتۈرۈلسە كېمە قوزغىلىدۇ. 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر، قېرىنداش ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان سىياسەت جەھەتتىكى پىكىرلىشىشى تېخىمۇ كۆپەيدى ۋە راۋانلاشتى. بىر داغدام يول شىنجاڭدىن شەرققە، غەربكە سوزۇلۇپ، بىر ئۇچى بىپايان تىنچ ئوكيانغا، يەنە بىر ئۇچى بىپايان ئاسىيا ـ ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا تۇتاشتى. بۇ بىر گۈللەنگەن دەۋر، شۇنداقلا ئۇ مۇقەررەر ھالدا تېخىمۇ گۈزەل شىنجاڭنى بەرپا قىلىدۇ.