دۇنياغا بەخت يارىتىدىغان بەخت يولىنى قول تۇتۇشۇپ كېڭەيتىش

日期:2023年10月13日
来源:天山网
【字体:

− «بىر بەلباغ، بىر يول» داغدام يولىدا بىللە ماڭغان 10 يىلدا

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى گاۋ ۋېنچېڭ، جېڭ خەنگېن

دۆلەت بايرىمى مەزگىلىدە، بېيجىڭدىكى چاڭئەن كوچىسىنىڭ بويىغا خىلمۇخىل خاسلىققا ئىگە ئىجادىي ئىستېرېئولۇق گۈل تەكچىسى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى «بەخت يولى» ناملىق گۈل تەكچىسى نۇرغۇن كىشىنى توختاپ كۆرۈشكە جەلپ قىلدى. دېلفىن سۇدا پىلتىڭلاپ ئويناۋاتاتتى، يۈك پاراخوتى يۈكنى لىق قاچىلاپ يىراققا سەپەر قىلىۋاتاتتى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتاتتى، قويۇق «بىر بەلباغ، بىر يول» ئامىللىرى ئەتراپىغا ھەرخىل رەڭدىكى گۈللەر زىچ تىزىلغان بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ھالدا دۇنياغا بەخت يارىتىدىغان بۇ بەخت يولىنى تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ ئۇزۇن قىلىپ ياسايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەتتى.

دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقان 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، باش تېمىسى «<بىر بەلباغ، بىر يول>نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرايلى». 10 يىل ئىلگىرى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» ۋە «21 - ئەسىر دېڭىز يىپەك يولى»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، يەنى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنياغا ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ بەرگەنىدى.

10 يىلدىن بۇيان، پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان «چوڭ سىزما»دىن تۈجۈپىلەپ سىزىلغان «نەپىس سىزما» بولۇپ پۈتۈپ چىقىشقىچە، ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر ئورتاق ھالدا بۇ ئۇلۇغۋار پىلاننى كۆركەم، رەڭدار، قالتىس «يىپەك يولى يۆگىمە رەسىمى»گە ئايلاندۇردى: جۇڭگو - لائوس تۆمۈريولى لائوسنى «قۇرۇقلۇق بېكىنمە دۆلىتى»دىن «قۇرۇقلۇق تۇتاشتۇرغۇچى دۆلەت»كە ئايلاندۇردى، گىرېتسىيەنىڭ پىرائېئۇس پورتىدا يۈك پاراخوتلىرى ئالدىراش كىرىپ چىقاتتى، سىرى لانكىدىكى پۇترام ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە يورۇقلۇق ئېلىپ كەلدى... يىراققا نەزەر سالساق، كۆركەم «يىپەك يولى يۆگىمە رەسىمى»دە نامايان بولغىنى، ھەرقايسى دۆلەت خەلق ئاممىسىنىڭ قول تۇتۇشۇپ بەختلىك گۈزەل تۇرمۇش ياراتقانلىقى، تېخىمۇ تىنچ، گۈللەنگەن دۇنيانى ئورتاق بەرپا قىلىۋاتقانلىقىدەك تەسىرلىك كۆرۈنۈش بولدى.

10 يىلدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلدى

ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت «چوڭ ئىش» پۈتۈپ چىقىلدى

«جاھاندىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىر ئائىلە كىشىلىرى» «مال - مۈلۈك ۋە ئاشلىق راۋان توشۇلۇپ بېسىلىپ قالماسلىق، جايلار بىر - بىرىنى تەمىنلەش.» مىڭ يىللار ئىلگىرى، جۇڭگولۇق ئەجدادلىرىمىز سودا راۋان بولغان، ئورتاق بېيىيدىغان گۈزەل ئارزۇغا مانا شۇنداق تەلپۈنگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى تىرىشىپ ئارزۇنى رېئاللىققا ئايلاندۇرماقتا.

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «<بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى ئاچقۇچ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشتا.» 10 يىلدىن بۇيان، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر تىنچلىق، ھەمكارلىق، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنى يادرو قىلغان يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، سىياسەتتە پىكىرلىشىش، ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش، سودىنى راۋانلاشتۇرۇش، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ چوڭقۇر بولغان ئىقتىسادنىڭ كەڭ كۆلەمدە يۇغۇرۇلۇشى، تەرەققىياتنىڭ كەڭ كۆلەمدە ھەمتۈرتكە بولۇشى، نەتىجىلەردىن كەڭ كۆلەمدە ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئۈزلۈكسىز ئىشقا ئاشۇردى.

جۇڭگو ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلاننى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، سىياسەتتە پىكرلىشىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى. 2023 - يىلى 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جۇڭگو بەش قىتئەدىكى 150تىن ئارتۇق دۆلەت، 30دىن ئارتۇق خەلقئارا تەشكىلات بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا دائىر 200دىن ئارتۇق ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمىزالىدى. جۇڭگو ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2017 - يىلى، 2019 - يىلى تۇنجى نۆۋەتلىك ۋە 2 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى، پات ئارىدا 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىنى ئۆتكۈزىدۇ. ئورتاق بەرپا قىلىدىغان ھەرقايسى تەرەپلەر سىياسەتتە پىكىرلىشىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشى ھاسىل قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش بويىچە ئەسلىھەلەرنى تۇتاشتۇرۇش جەھەتتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەش ۋە بۆسۈش ھاسىل قىلىندى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى رامكىسىدا، تۈرلۈك زور قۇرۇلۇشلار ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، بەلگە خاراكتېرلىك ئەسلىھەلەر ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى: مالدىۋې دېڭىز ھالقىغان چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ قاتناش ئېقىمى 100 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، مىسىرنىڭ يېڭى مەمۇرىي پايتەختىدىكى مەركىزىي سودا رايونىدا «ئافرىقا بويىچە بىرىنچى ئېگىز بىنا» قەد كۆتۈردى، جاكارتا - ۋەنلۇڭ گاۋتيېسى ھىندونېزىيە پايتەختى جاكارتا بىلەن داڭلىق ساياھەت شەھىرى ۋەنلۇڭدىن ئىبارەت ئىككى جاي ئارىسىدىكى قاتناش ۋاقتىنى ئۈچ سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىتتىن 40 نەچچە مىنۇتقا قىسقارتتى.... 10 يىلدىن بۇيان، «ئالتە كارىدور، ئالتە يول، كۆپ دۆلەت، كۆپ پورت»تىن ئىبارەت ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى، قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ئاسمان، توردىن ئىبارەت «تۆت بىر گەۋدىلەشكەن» ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش ئورۇنلاشتۇرمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر ئارا سودىنى راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. سودىغا مەبلەغ سېلىش كۆلىمى مۇقىم كېڭىيىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى ۋە قۇرۇلۇش ئاپتوموبىللىرى، ئائىلە ئېلېكتر ئۈسكۈنىسى قاتارلىق «جۇڭگو ياسمىچىلىقى»نىڭ ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرگە بولغان ئېكسپورت كۆلىمى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، تايلاند خۇش پۇراق گۈرۈچى، كېنىيە نيۇيوۋگوسى، ئۆزبېكىستان شاكىلاتى قاتارلىق ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئەلا سۈپەتلىك يېمەكلىكلىرى جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە بارغانسېرى كۆپ تىزىلىدىغان بولدى. ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 2013 - يىلىدىن 2022 - يىلىغىچە، جۇڭگونىڭ ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى جەمئىي 19 تىرىليون 100 مىليارد دوللارغا يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرىچە %6.4 ئاشقان. 2022 - يىلى، جۇڭگونىڭ ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 2 تىرىليون 900 مىليارد دوللارغا يېقىنلىشىپ، 2021 - يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكى جۇڭگو تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %45.4ىنى ئىگىلىگەن، 2013 - يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 6.2 پىرسەنت پوئېنت ئۆسكەن.

«بىر بەلباغ، بىر يول» بويىچە پۇل مۇئامىلە جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، كېڭىيىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. قەدىمكى يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولغان سەمەرقەنتتە، سەمەرقەنت ساياھەت مەركىزى 2022 - يىلى ئوڭۇشلۇق پۈتتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 22 - قېتىملىق يىغىنى ساياھەت مەركىزىدىكى سەمەرقەنت خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىپەك يولىدىكى بۇ قەدىمىي شەھەرنىڭ يېڭى يەر بەلگىسى يىپەك يولى فوندى ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك تاشقى ئىقتىساد بانكىسىنى تەمىنلىگەن مەخسۇس تۈر خەلق پۇلى قەرزىنىڭ قوللىشى بىلەن ئېچىش - قۇرۇش ئارقىلىق پۈتكەن بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش بويىچە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەنلىكىنىڭ بىر كۆرۈنۈشى. 2023 - يىلى 6 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، يىپەك يولى فوندى جەمئىي 75 مەبلەغ سېلىش تۈرىنى ئىمزالىغان بولۇپ، ۋەدە بويىچە سالغان مەبلەغ سوممىسى تەخمىنەن 22 مىليارد 40 مىليون دوللارغا يەتتى؛ ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ ھازىر 106 ئەزاسى بار بولۇپ، 227 مەبلەغ سېلىش تۈرىنى تەستىقلىدى، جەمئىي سېلىنغان مەبلەغ 43 مىليارد 600 مىليون دوللار بولدى، تۈرلەر قاتناش، ئېنېرگىيە، ئاممىۋى سەھىيە قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر ئارا ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ئۈزلۈكسىز بېيىدى ۋە چوڭقۇرلاشتى، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ رىشتىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك تېخىمۇ راۋانلاشتى. بىرنەچچە يىل ئىلگىرى، لىۋاننىڭ «ماكانىم نەدە» ناملىق كىنوسى جۇڭگودا قويۇلۇپ، سانسىزلىغان جۇڭگولۇق كۆرۈرمەننى تەسىرلەندۈردى؛ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ رېئال تېمىدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرى «بۇ دۇنيا» «تاغ - دېڭىزغا بولغان مۇھەببەت» قاتارلىق ئەسەرلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان نەچچە ئون دۆلەتتە قىزغىن قويۇلدى. 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ساھەلىك ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كەڭ قانات يايدۇردى، مائارىپ، مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى جانلىق ۋە ئۆزگىچە بولدى، يىپەك يولى مەدەنىيەت يىلى، ساياھەت يىلى، سەنئەت بايرىمى، كىنو - تېلېۋىزىيە كۆۋرۈكى، مۇھاكىمە يىغىنى، ئاقىللار ئامبىرى سۆھبىتى قاتارلىق تۈرلۈك ئادىمىيەت جەھەتتىكى ھەمكارلىق تۈرلىرى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى خەلق ئاممىسىنىڭ قەلب ئارىلىقىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇردى، شۇنداقلا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلىدى.

«كىشىلەر كۆچەتنىڭ ئۆسۈش جەريانىغا پەرۋاسىز قارايدۇ، پەقەت دەرەخ باراقسان ئۆسۈپ پەلەككە تاقاشقاندىلا ئۇنى تەرىپلەشكە باشلايدۇ». ئون يىل ئىلگىرىكى بىر تەشەببۇستىن بۈگۈنكى كۈندە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى يۈز مىليونلىغان خەلق ئاممىسىغا نەپ يەتكۈزىدىغان بەخت يولىغا ئايلانغۇچە، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى تەرەققىيات سۈرئىتىنىڭ تېزلىكى، قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ موللىقى بىلەن دۇنيانى قايىل قىلدى. سېربىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى بورىس تادىچ مۇنداق دېدى: «<بىر بەلباغ، بىر يول> تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، بىز ئۇنىڭ دۇنياغا بۇنداق غايەت زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، بۇنداق چوڭقۇر تەسىر پەيدا قىلالايدىغانلىقىنى پەقەت ئويلاپ باقمىغانىدۇق».

قول تۇتۇشۇپ بىر مەقسەتتە بولدى

تىنچلىق، تەرەققىيات «تەڭكەش مېلودىيەسى» ياڭرىتىلدى

بۈگۈنكى دۇنيادا، تىنچلىق قىزىل رەقىمى، تەرەققىيات قىزىل رەقىمى، خەۋپسىزلىك قىزىل رەقىمى، ئىدارە قىلىش قىزىل رەقىمى ئازايماستىن كۆپىيىۋاتىدۇ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى مىسلىسىز خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرۈش، ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن ساقلىنىش؛ تەرەققىي قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش دۇنيادىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق قەلب ساداسى. ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر قول تۇتۇشۇپ بىر مەقسەتتە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «تۆت چوڭ قىزىل رەقەم»نى تۈگىتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز غايەت زور تۆھپە قوشۇپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىيات ئىشلىرى ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سالدى.

«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى تىنچلىق، تەرەققىيات ئىدىيەسىنى خەلقئارا جەمئىيەتتە كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردى، ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات يولىدا بىرلىكتە مېڭىش ئىرادىسىنى تېخىمۇ چىڭىتتى.

2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، جاڭ چيەن غەربىي يۇرتقا ئەلچىلىككە بېرىپ، شەرقتىن غەربكە بارىدىغان يولنى ئاچقان؛ 15 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، جۇڭگولۇق دېڭىزچى جېڭ خې يەتتە قېتىم يىراق ئوكيانغا سەپەر قىلىپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك ئىش ئىزلارنى قالدۇرغان. بۇ يول ئېچىش ئىشلىرىنىڭ تارىخقا پۈتۈلۈشىدىكى سەۋەب شۇكى، بۇلارنىڭ باش تېمىسى تالان - تاراج ۋە ئۇرۇش بولماستىن، بەلكى مەدەنىيەت ۋە سودا، ئالماشتۇرۇش ۋە دوستلۇق. بۈگۈنكى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى «تىنچلىق» «دوستلۇق» «ئالماشتۇرۇش»تىن ئىبارەت تارىخىي مەدەنىيەت گېنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تىنچلىقنى ئورتاق قوغداش، ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى پۈتمەكتە.

قەدىمكى يىپەك يولى لىنىيەسىدىكى نۇرغۇن رايونلار ئىلگىرى «سۈت ۋە ھەسەل تامىدىغان جاي»لار ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە توقۇنۇش، داۋالغۇش ۋە نامراتلىق، قالاقلىق قاپلىغان جايغا ئايلىنىپ قالدى. تىنچ بولۇش، ھەمكارلىشىشتىن ئىبارەت خەلقئارا مۇھىتتا تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەر، بولۇپمۇ يىل بويى داۋالغۇشقا ئۇچراۋاتقان دۆلەتلەردىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشتىن ئىبارەت كۈچلۈك ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، بارغانسېرى كۆپ دۆلەتلەرنىڭ تىنچ تەرەققىيات يولىدا ئورتاق مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز زورايتماقتا.

ئىراق ئىلگىرى ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىنىڭ ئازابىنى يەتكۈچە تارتقان، بۈگۈنكى كۈندىكى ئىراقتا، ماكانىنى قايتا قۇرۇش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇش ئىراق خەلقىنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسى بولۇپ قالدى. جۇڭگو بىلەن ئىراق 2015 - يىلى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق ھۆججىتى ئىمزالىدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو كارخانىلىرى قۇرۇشنى ئۈستىگە ئالغان ۋاسېت ئۆلكىسى خۇاشىدې ئېلېكتىر ئىستانسىسى، بابىلون ئۆلكىسى شىلا يۇندى بىر تەرەپ قىلىش زاۋۇتى قاتارلىق زور بىر تۈركۈم ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت ئۈنۈمىگە ئىگە تۈرلەر ئوڭۇشلۇق ئەمەلىيلىشىپ، شۇ جاينىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى، خەلق ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشى داۋالغۇش مەنبەسىنى تۈپتىن تۈگىتىپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياخشىلانغان خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملىدى.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىقتىساد مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ئابدۇللا سالىھ مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا پۇرسەت ئېلىپ كېلىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۈلگە تىكلەپ بەردى.

«بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى يەرشارىۋى تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتقا كۈچ چىقىرىش ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.

جۇڭگو - پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى پاكىستاننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشتى، مومباسا - نايروبى تۆمۈريولىنىڭ كېنىيە ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %2كە يەتتى، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى «پولات كارۋىنى» ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ يېڭى يولىنى ئاچتى... «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا، باشتىن - ئاخىر دىققەت تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئورتاق بەرپا قىلىدىغان ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىنسانىيەتنىڭ بەختكە ئىنتىلىش يولىدا، بىر دۆلەت، بىر مىللەتمۇ كەم بولسا بولمايدۇ. دۇنيادىكى بارلىق دۆلەت، بارلىق مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى باراۋەر تەرەققىي قىلىش پۇرسىتى ۋە ھوقۇق - مەنپەئىتىدىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەك.» «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان يەرشارىۋى تور بەرپا قىلىپ، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى قېنىنى ئەڭ جىددىي ئېھتىياجلىق دۆلەتلەرگە ئاققۇزدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى كۆپلىگەن دۆلەتنىڭ نامراتلىقتىن ئىبارەت قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇپ تەرەققىيات باھارىنى كۈتۈۋېلىشىغا تىرىشىپ ياردەم بەرمەكتە.

لائوسنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى شالۇنسەي مۇنداق دېدى: لائوس «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىدىن كۆپ نەپكە ئېرىشتى، نامراتلارنى ئازايتىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتىن ئۇل ئەسلىھەلەرنى قۇرۇش، ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقىچە، جۇڭگو تەشەببۇسى لائوس ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىغا زور تۆھپە قوشتى. ئىيوردانىيەنىڭ سابىق مۇئاۋىن باش ۋەزىرى، ئىقتىسادشۇناس جاۋاد ئانانى مۇنداق قارىدى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى، بولۇپمۇ ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى بەزى دۆلەتلەرنى «ھەقىقىي تۈردە ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئورنىدىن دەس تۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈردى».

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى دۆلەتلەردە ئۆز ئىشىغىلا ئەھمىيەت بېرىش خاھىشى باش كۆتۈرۈپ، سودا قورۇقچىلىقى يۈزلىنىشى كۈچىيىپ، ئىقتىسادنى يەرشارىۋىلاشتۇرۇش، سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈشكە غايەت زور توسالغۇ پەيدا قىلدى، خەلقئارا جەمئىيەت بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلماقتا. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ھەر تەرەپلىمە ئېچىۋېتىش - ھەمكارلىشىشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە، تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، بارغانسېرى كۆپ دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىشنى يېڭى يول بىلەن تەمىنلىدى.

ۋېنېسۇئېلا يازغۇچىسى، خەلقئارا مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى رودرىگۇز گېرفىنستېين يېقىندا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ھەمكارلىق تۈرلىرى ئارقىلىق ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپا ۋە لاتىن ئامېرىكىسى قاتارلىق رايونلارنى تۇتاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سودا ۋە مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تىنچ، ساغلام خەلقئارا مۇھىت بەرپا قىلىشقا پايدىلىق بولۇپ، دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، تەرەققىياتى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

دۇنيادىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى بولدى

ئىناق بىللە ياشايدىغان «بەخت يولى»غا قاراپ ماڭدى

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈردى، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن ئادەمنى ئاساس قىلىش، سىغدۇرۇشچان تەرەققىيات، تەقدىرداش بولۇش قاتارلىق ئىدىيەلەر دۇنيانىڭ تەرەققىياتتىكى قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشىغا كۈچ قوشتى، ئۇزاققىچە گۈللىنىشكە قاراپ ئاتلىنىشىغا جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىنى قوشتى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا ئادەمنى ئاساس قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىلدى. «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدا ھەم ئۇلۇغۋار پىلان بار، ھەم ئىنچىكە كۆڭۈل بۆلۈش بار بولۇپ، تۈرلەرنى پىلانلاشتا ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، رېئال ئېھتىياجنى چىقىش قىلىپ يەككە تۈرلەرگە قاتنىشىشقا ئەھمىيەت بېرىلدى. مالاۋىدىكى 600 سۇ قۇدۇقى شۇ جايدىكى 150 مىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ سۇ تەشنالىقىنى قاندۇرىدىغان «بەخت قۇدۇقى» بولۇپ قالدى، «لۇبەن ھۈنەرخانىسى» تاجىكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى نۇرغۇن ياشلارنىڭ كەسپىي ماھارەت ئىگىلىشىگە ياردەم بەردى، پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خەلق ئاممىسى جۇڭگونىڭ زەمبۇرۇغ ئوتىنى «بېيىش ئوتى» «بەخت ئوتى» دەپ ماختىدى... نۇرغۇن «قارىماققا كىچىكتەك كۆرۈنسىمۇ لېكىن گۈزەل، ئۈنۈمى تېز كۆرۈلىدىغان، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان» تۈرلەر پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەردىكى خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بېرىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان داغدام يولدا مېڭىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ كۈچىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش بىلەن بىللە، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمتۈرتكە بولۇشىنى كۈچەيتىپ، يەرشارىۋى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى تولدۇردى.

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشى يەنە يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئېلىپ كەلدى. ھەرقايسى دۆلەتلەر قول تۇتۇشۇپ ئورتاق مەنپەئەت «تورتى»نى چوڭايتىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش ئىدىيەسىنى كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردى؛ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ دېموكراتىك، ئادىل بولغان يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنى ياخشى ئۈلگە بىلەن تەمىنلىدى؛ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشى سىياسىي تۈزۈم، تەرەققىيات شەكلى، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى قاتارلىق جەھەتتىكى پەرقتىن ھالقىپ، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئارقىلىق سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيلىك ئارازلىقىدىن ھالقىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ ئىناق بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشقا قاراپ مېڭىشىنى ئىلگىرى سۈردى. دەل رەئىس شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك: «مېنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى تەشەببۇس قىلىشىمدىكى مەقسەت، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ قانداق قىلىپ تۈرلۈك - تۈمەن پەرقلىق مەنپەئەت ۋە ئىلتىماس - تەلەپلەردە ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق بەھرىلىنىش، پەرق بولسىمۇ ئىناق ئۆتۈش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈستىدە قايتا - قايتا ئويلىنىشتىن ئىبارەت».

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، تەڭ نەپ ئېلىش بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئىدىيە ۋە تەشەببۇسلارنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇشى جۇڭگونىڭ ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تىنچلىققا ئىنتىلىدىغان، تەرەققىياتنى كۆزلەيدىغان، مۇقىملىققا تەلپۈنىدىغان ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقىنى مۇجەسسەملەش ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلىقىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە تەرەققىيات دەرىجىسىدىكى دۆلەتلەر ئارا تېخىمۇ ياخشى ئۆتۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. پاكىستاننىڭ سابىق زۇڭلىسى شاۋكەت ئەزىز مۇنداق دېدى: «مەن باشتىلا <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى قۇۋۋەتلىگەنىدىم، چۈنكى بىز جەزمەن دۇنياغا، مەسىلىگە باشقا نۇقتىدىن قارىشىمىز كېرەك».

جۇڭخۇا مىللىتى ئەزەلدىن «دۇنيادىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى» بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن خەلقنى قېرىندىشىم دەپ بىلىش، بارلىق قوشنا دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ئۆتۈشنى تەشەببۇس قىلىپ، «كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلماسلىق، بايلار نامراتلارنى ھاقارەتلىمەسلىك»تىن ئىبارەت ئالاقە پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، «داغدام يولدا ماڭغاندىلا، دۇنيا خەلققە مەنسۇپ» بولىدىغان گۈزەل دۇنياغا تەلپۈنۈپ كەلدى. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشىدا دەل 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىككە ۋارىسلىق قىلىش ئاساس قىلىنغان. ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسى پارلامېنتىنىڭ پارلامېنت باشلىقى ئامادو سېرۇد مۇنداق دېدى: تىنچلىقنى قوغداش، ئىنسانىيەت ئۈچۈن تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە بەختلىك تۇرمۇش يارىتىش پارلاق توغرا يول، جۇڭگو دۇنيانىڭ مۇقىم ئالغا ئىلگىرىلىشىگە كۈچ قوشىدىغان مۇھىم كۈچ.

«دولقۇن ئۆرلەپ كۆرۈندى دەريا يۈزى بىپايان، ئوڭ شامالدا كېمىلەر يەلكەن ئاچتى بەخىرامان.» كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقى جەزمەن تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدا قانات يايدۇرۇلۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنى تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن بەھرىلەندۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پۈتمەس - تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى)