شى جىنپىڭ 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىدۇ ھەم ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزىدۇ

日期:2023年10月13日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى مۇنداق ئېلان قىلدى: 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىن 18 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، باش تېمىسى «<بىر بەلباغ، بىر يول>نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرايلى». دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ باشلىقلار مۇنبىرىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەيدۇ ھەم جۇڭگوغا باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنى قارشى ئېلىش زىياپىتى ۋە ئىككى تەرەپ پائالىيىتى ئۆتكۈزىدۇ.