جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 18 - قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى

日期:2023年10月10日
来源:天山网
【字体:

​شى جىنپىڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قۇرۇلتايغا كېلىپ تەبرىكلىدى سەي چى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى

10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 18 - قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. سۈرەتتە: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس سەھنىسىدە قۇرۇلتايغا قاتناشقان ۋەكىللەرگە ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى، جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 18 - قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 18 - قۇرۇلتىيى 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى قۇرۇلتايغا كېلىپ تەبرىكلىدى، سەي چى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالىدا كەيپىيات قىزغىن ئىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ مەملىكەتلىك 18 - قۇرۇلتىيى» دېگەن لوزۇنكا ئېسىلغانىدى، ئارقا پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىدا جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىلەن جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، بىرلىكىنىڭ سىمۋولى بولغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ گېربى چاقناپ تۇراتتى، ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە رەتلىك تىزىلغانىدى. 2 - قەۋەتتىكى كۆرۈش سۇپىسىغا «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۈز مىليونلىغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى!» دېگەن چوڭ پىلاكات ئېسىلغانىدى.

پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەر ساھە، ھەر كەسىپلىرىدىن كەلگەن جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەملىكەتلىك 18 - قۇرۇلتىيىنىڭ 2000غا يېقىن ۋەكىلى ۋە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان 50تىن ئارتۇق ۋەكىل يۈز مىليونلىغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ قۇرۇلتايغا قاتناشتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىقلار يىغىن مەيدانىغا كىرگەندە، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

قۇرۇلتاي ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ۋاڭ دۇڭمىڭ قۇرۇلتاينىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى.

سەي چى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپىنىڭ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە ئاتلىنىشىدىكى شانلىق سەھىپىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقايلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى، قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى كادىرلىرىغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

سەي چى سۆزىدە مۇنداق دېدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىز ئىشچىلار سىنىپى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئېلىپ، جان تىكىپ ئەمەلىي ئىشلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ياساشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى مەملىكەتلىك 17 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە بولغان ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سانائەت ئىشچىلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىپ، ھوقۇقنى قوغداش مۇلازىمەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، كەڭ ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى يېڭى دەۋردە پائال تۆھپە قوشۇپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقى بىلەن تەڭ قەدەمدە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىشقا سەپەرۋەر قىلدى.

سەي چى مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت مەركىزىي ۋەزىپە بېكىتىلدى. پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى جۇڭگو ئىشچىلار ھەرىكىتى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىنىڭ ئاساسىي تېمىسى ۋە يۆنىلىشى. ئىشچىلار سىنىپى سادىق، ئىشەنچلىك بولۇش ئارقىلىق ئىشچىلار سىنىپىنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەمگەك ئىجادىيىتى ئارقىلىق ئىشچىلار سىنىپىنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان قابىلىيەت ئارقىلىق ئىشچىلار سىنىپىنىڭ دەۋر قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىشچىلار سىنىپى ۋە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپ، باشتىن - ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئۇلۇغ كۈچىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، ھوقۇقنى قوغداش مۇلازىمەت سۈپىتىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى تىرىشىپ پۈتۈشى كېرەك.

كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ 1 - شۇجىسى ئا دۇڭ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى مياۋ خۇا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە ئازادلىق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىمغا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايدا تەبرىك سۆزى قىلدى.

ۋاڭ دۇڭمىڭ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 17 - نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، يۈز مىليونلىغان ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى تەشكىللەپ ۋە سەپەرۋەر قىلىپ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. دوكلات ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن: يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىز ئىشچىلار ھەرىكىتى ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۆتكەنكى بەش يىللىق خىزمەتلەر؛ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمىتىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش؛ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەش يىللىق ئاساسلىق خىزمەتلەر.

قۇرۇلتاي يازما دوكلات شەكلىدە «جۇڭگو ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى نىزامنامىسى (تۈزىتىش لايىھەسى)»، «جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 17 - نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مالىيە خىزمىتى دوكلاتى»، «جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى 17 - نۆۋەتلىك خىراجەت تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى»نى ۋەكىللەرنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇندى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار قۇرۇلتايغا قاتناشتى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى، ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار ۋە بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەسئۇل يولداشلىرى، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلىرىنىڭ ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ساھەسىدىكى دوستلار، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋەكىللىرى قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.