شى جىنپىڭ ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسىدىكى كۆپ سانلىقلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى شۇمېر ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

日期:2023年10月10日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرياڭ يىجۈن) 10 - ئاينىڭ 9 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسىدىكى كۆپ سانلىقلار پارتىيەسىنىڭ رەھبىرى شۇمېر باشچىلىقىدىكى ئامېرىكا پارلامېنتى كېڭەش پالاتاسىدىكى ئىككى پارتىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ قانداق ئۆتۈشى ئىنسانلارنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ. رىقابەتلىشىش ۋە قارشىلىشىش دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، ئۆز دۆلىتىنىڭ مەسىلىسى ۋە دۇنيا دۇچ كەلگەن خىرىسنى تېخىمۇ ھەل قىلالمايدۇ. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر مۇنداق قارايدۇ: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئىختىلاپتىن كۆپ ئۈستۈن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى بىر - بىرىگە نىسبەتەن خىرىس بولماستىن، بەلكى پۇرسەت. «تۇسىدېد تۇزىقى» مۇقەررەرلىك ئەمەس، كەڭ يەرشارى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىشىنى تامامەن سىغدۇرالايدۇ. جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان بولۇپ، ئۆزئارا سىڭىشكەن، ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان، قارشى تەرەپنىڭ تەرەققىياتىدىن نەپ ئالالايدۇ. يەرشارىۋى يۇقۇمدىن كېيىنكى جانلىنىش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ماسلىشىشى ۋە ھەمكارلىشىشىغا ئېھتىياجلىق. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، چوڭ دۆلەتنىڭ كەڭ قورساقلىقى، نەزەر دائىرىسى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىپ، تارىخقا، خەلققە، دۇنياغا مەسئۇل بولۇش پوزىتسىيەسى بىلەن، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى 5000 يىلدىن ئارتۇق ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، تولۇق قوبۇل قىلىپ ئۆزىگە مۇجەسسەملەش، ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت تىنچلىق ئىدىيەسىدە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ كەلدى. جۇڭگو ئىقتىساد تېز تەرەققىي قىلىش ۋە جەمئىيەت ئۇزاققىچە مۇقىم بولۇشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مۆجىزىنى يارىتىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقتى، بۇنىڭ تۈپ سەۋەبى شۇكى، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان، خەلقنىڭ قوللىشى ۋە ھىمايىسىگە ئېرىشكەن مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىيات يولىنى تاپتى. جۇڭگو جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، تىنچ تەرەققىياتتا تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكا پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كېلىپ، جۇڭگونىڭ ئۆتمۈشى، ھازىرى ۋە كەلگۈسىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشىنى قارشى ئالىمىز. ئىككى دۆلەت قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ كۆپرەك بېرىش - كېلىش قىلىپ، كۆپرەك سۆھبەتلىشىپ، كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىر - بىرى بىلەن بولغان ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىشىشى، ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شۇمېر قاتارلىقلار مۇنداق بىلدۈردى: گۈزەل جۇڭگودا زىيارەتتە بولغانلىقىمىزدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇق، جۇڭگو تەرەپنىڭ قىزغىن كۈتۈۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز، بىز بۇ قېتىمقى سەپەر ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى ۋە يوشۇرۇن كۈچىنى ھېس قىلدۇق. شۇمېر قاتارلىقلار جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرگە بولغان قارىشى ۋە پىكرىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشى ئامېرىكا - جۇڭگو ئىككى دۆلەت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولۇپلا قالماي، يەنە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئامېرىكا خەلقىگە پايدىلىق. ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو بىلەن توقۇنۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈۋېتىشنى ئۈمىد قىلمايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئوچۇق، سەمىمىي بولۇش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش روھى ئاساسىدا سۆھبەتلىشىپ ۋە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشقۇرۇپ تىزگىنلەپ، ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى تەرەپلىك سودىغا مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، زەھەر سېتىشقا زەربە بېرىش، رايون توقۇنۇشىنى ھەل قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.