بىر - بىرىنى رىغبەتلەندۈرۈش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت جاھاندىكى توغرا يولدا قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئىلگىرىلەش

日期:2023年08月20日
来源:天山网
【字体:

​− رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدىغانلىقى ھەم جەنۇبىي ئافرىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقى پەيتىدە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جاۋ يەن، يۈ رۇڭ، ليۇ پىنرەن

ئافرىقا، ئۈمىدكە تولغان جاي دەپ تەرىپلىنىدىغان بۇ چوڭ قۇرۇقلۇق يەنە بىر قېتىم يىراقتىن كەلگەن ئەزىز مېھماننى كۈتۈۋالىدۇ.

جەنۇبىي ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى رامافۇسانىڭ تەكلىپى بويىچە، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنىدىن 24 - كۈنىگىچە جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جوھاننىسبۇرگتا ئۆتكۈزۈلىدىغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ ھەم جەنۇبىي ئافرىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. جەنۇبىي ئافرىقىدىكى مەزگىلدە، رەئىس شى جىنپىڭ يەنە زۇڭتۇڭ رامافۇسا بىلەن جۇڭگو - ئافرىقا رەھبەرلىرى سۆھبەت يىغىنىغا ئورتاق رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.

2013 - يىلى 3 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ دۆلەت رەئىسى بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى زىيارىتىدىلا ئافرىقىغا كېلىپ، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دۇرباندا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 5 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتناشقانىدى. بۇ يىل كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ «جەنۇبىي ئافرىقا يىلى»، شۇنداقلا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئافرىقىغا قارىتا چىن، سەمىمىي سىياسەت قوللىنىش ئىدىيەسى ۋە توغرا، ھەققانىي مەنپەئەت قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. 10 يىلدا، رەئىس شى جىنپىڭ تۆت قېتىم ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا قەدەم قويدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ قېتىمىدا جەنۇبىي ئافرىقىدا زىيارەتتە بولۇپ، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ بېرىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

ھازىر، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى مىسلىسىز شەكىلدە نامايان بولماقتا، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ھەمكارلىق ئۈستىدە ئىزدىنىش تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشىگە ئايلاندى. ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەتتە، رەئىس شى جىنپىڭ جەنۇبىي ئافرىقا ھەم ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مېخانىزمىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن ئورتاق تونۇش ۋە بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقى، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقىغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق قوشۇپ، ئورتاق تەرەققىيات ۋە يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ ئېلىپ كېلىدۇ.

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش

«تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرغىنىمىزدا، بىز ھەم بېسىپ ئۆتكەن يولىمىزغا نەزەر سېلىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن يولغا چىققانلىقىنى ئەستە چىڭ ساقلىشىمىز؛ ھەم بىرلىكتە كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ ئومۇميۈزلۈك، زىچ، ئەمەلىي، سىغدۇرۇشچان بولغان يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئورتاق ئېچىشىمىز كېرەك.» بۇلتۇر 6 - ئايدا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 14 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا، رەئىس شى جىنپىڭ دەۋر چوڭ ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىش يولىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، تارىخنىڭ ئاچقۇچلۇق تۈگۈنىدە تۇرۇۋاتقان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشتىن ئىبارەت يېڭى باسقۇچقا كىرىشىگە تۈرتكە بولدى.

«كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ياخشى ئورنىتىش كېرەك.» ۋاقىتنى 2013 - يىلى 3 - ئايغا قايتۇرساق، شۇ چاغدىكى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمى تېخى دەسلەپكى تەرەققىيات باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بولۇپ، رەئىس شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا قاتناشقاندا: «بىز ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، ھەرقايسى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنى زىچ تۇتاشتۇرۇشىمىز كېرەك» دەپ كۆرسەتتى؛ 2017 - يىلى 9 - ئايدا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مېخانىزمىنىڭ تەرەققىياتى يۇقىرى بىلەن تۆۋەننى بىر - بىرىگە باغلايدىغان ئاچقۇچلۇق پەيتكە كەلگەندە، رەئىس شى جىنپىڭ شيامېندا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ: «بىز غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىدى.

10 يىلدا، رەئىس شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ ھەر قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا ياكى قاتناشقاندا بولسۇن، باشتىن - ئاخىر كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتىنى نەزەردە تۇتۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە پۇختىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئۇچرىشىشىنىڭ بىر قاتار ئىجادىي، يېتەكلەش خاراكتېرلىك، مېخانىزم خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى شەكىللەندۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ «بىر گەۋدىلەشكەن چوڭ بازار بەرپا قىلىش، كۆپ قاتلاملىق چوڭ ئوبوروت شەكىللەندۈرۈش، قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا تىرانسپورتىنى كەڭ دائىرىدە تۇتاشتۇرۇش، مەدەنىيەتنى كەڭ دائىرىدە ئالماشتۇرۇش»تىن ئىبارەت تۆت چوڭ نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئوچۇق بولۇش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەمكارلىشىش، تەڭ نەپ ئېلىش»تىن ئىبارەت كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى روھىنى تەشەببۇس قىلىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ «تۆت چوڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى»نىڭ ئورنىتىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى «دوستلار چەمبىرىكى»نى كېڭەيتىش ۋە مۇستەھكەملەشنى تەشەببۇس قىلىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا تۆت تۈرلۈك تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويدى... رەئىس شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن تۈۋرۈك تىكلەپ، يەرشارىۋى خىرىسلارنى ھەل قىلىشنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلەپ، يەرشارىۋى ئادىل، ھەققانىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتىنى قوشۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات يولىدا قېنىق، رەڭدار جۇڭگو ئىزناسىنى قالدۇردى. رۇسىيە سانكت پېتېربۇرگ دۆلەتلىك داشۆسىنىڭ ئالىمى كوكۇشكىنا مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىدا باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ۋە مۇقىملاشتۇرۇشتا چوڭ دۆلەتلىك رولىنى جارى قىلدۇردى.

يول ھەرقانچە ئۇزۇن بولسىمۇ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىگەندە نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ؛ ئىش گەرچە مۈشكۈل بولسىمۇ، چىڭ تۇرۇپ داۋاملاشتۇرغاندا جەزمەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. جۇڭگونىڭ پائال قاتنىشىشى ۋە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشىدا، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىدىكى سىياسىي، ئىقتىسادتىن ئىبارەت «قوش چاقلىق قوزغىتىش»نىڭ دەرىجىسى سىياسىي خەۋپسىزلىك، ئىقتىساد - سودا، مالىيە - پۇل مۇئامىلە ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت «ئۈچ چاقلىق قوزغىتىش» رامكىسىغا ئۆستۈرۈلۈپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ سۈرئەتنى تېزلىتىپ، خوتنى يۆتكىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سۆز ھوقۇقى ۋە تەسىر كۈچىنى كۈچلۈك ئاشۇردى.

− «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىساد ھەمراھىلىق ئىستراتېگىيەسى 2025» «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ رەقەملىك ئىقتىساد ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى رامكىسى» «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ تەمىنلەش زەنجىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش تەشەببۇسى» قاتارلىق نەتىجە ھۆججەتلىرى ھاسىل قىلىنىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش زاپىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يېڭى سانائەت ئىنقىلابى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ۋە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق رامكىسى ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، يەرشارىۋى ئورتاق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى كۈچى» قوشۇلدى.

− «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى +» دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى سۆھبەت يىغىنى، خەۋپسىزلىك ئىشلىرى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، نيۇيورك، جەنۋە، ۋىيېننادا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىللەرنىڭ قەرەللىك كېڭىشىش مېخانىزمى بەرپا قىلىنىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك رامكا ئىچىدە ھەمكارلىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ مۇھىم، زور خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى مەيدانىنى ماسلاشتۇرۇش پائال كۈچەيتىلىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش، باراۋەر، تەرتىپلىك كۆپ قۇتۇپلاشقان دۇنيا قۇرۇشنىڭ «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى كۈچلۈك ساداسى» ياڭرىتىلىپ، دۇنياغا سىجىل مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ بېغىشلاندى.

− كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تاراتقۇلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرى، كىنو بايرىمى، مەدەنىيەت بايرىمى، ئاياللار يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى كەسپىي مائارىپ ئىتتىپاقى قۇرۇلدى... ئادىمىيەت پائالىيەتلىرى مول مەزمۇنلۇق بولدى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىدا رايون ھالقىغان، مەدەنىيەت ھالقىغان ئالماشتۇرۇش چوڭ ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىلىپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ سىغدۇرۇشچان بولۇشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشىنى «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئۈلگىسى» بىلەن تەمىنلىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرەققىيات پىلان مەھكىمىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى مارسېللا بېلا مۇنداق دېدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى يەرشارىۋى تەرەققىياتنى جىددىي ئېھتىياجلىق يېتەكچى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى، جۇڭگو بۇنىڭدا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. كۇبانىڭ دۆلەت رەئىسى دىئاز - كانېل مۇنداق دېدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقى تېخىمۇ ئادىل، ھەققانىي بولغان بىر خەلقئارا ئىقتىسادىي تەرتىپ ئورنىتىشنى تاللاش بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، تىنچلىق ۋە تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقئارا خەۋپسىزلىككە كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق.

جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى ئورتاق يارىتىش

تەمى ئۆزگىچە بولغان جەنۇبىي ئافرىقا دۆلەت گۆھىرى چېيى بوشى چېيى، شەكلى ئۆزگىچە ئافرىقا دۇمبىقى، يارقىن فىلامىنگو قۇشى مودېلى... 3 - نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئافرىقا ئىقتىساد - سودا كۆرگەزمىسى باشلىنىش ھارپىسىدا، جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شيې شېڭۋېن چاڭشادا ئۆتكۈزۈلگەن «ئافرىقىنىڭ ئېسىل ماللىرىنى توردا سېتىۋېلىش بايرىمى» پائالىيىتىدە توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ، ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن يۇرتىنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ساتتى. شيې شېڭۋېننىڭ قارىشىچە، جەنۇبىي ئافرىقا - جۇڭگو ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنىڭ سىجىل چوڭقۇرلىشىشى ئىككى دۆلەتنىڭ مۇستەھكەم ئۆزئارا ئىشىنىش مۇناسىۋىتىدىن بولغان.

«جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا مۇھىم تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر، ئىككى دۆلەتنىڭ قېرىنداشلارچە ئالاھىدە دوستلۇق مۇناسىۋىتى بار.» 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى رامافۇسا بىلەن تېلېفونلاشقاندا، رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتى كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

«يولداش ھەم قېرىنداش» بولۇش جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاھىدە دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ بەلگىسى. جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش، مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىرقچىلىققا قارشى تۇرۇش ئورتاق كۈرىشى داۋامىدا ئىككى دۆلەت خەلقلىرى چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 25 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدىن ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگىچە، يەنە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگىچە بولغان سىجىل دەرىجە ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو - جەنۇبىي ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش»تىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار كەلگۈسىگە قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا ۋە «بۇلۇت دىپلوماتىيەسى»دە كۆپ قېتىم ئۇچرىشىپ، ئالاقىلىشىپ، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ سودا سوممىسى 28 مىليارد 250 مىليون دوللارغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.7 ئاشتى. جۇڭگو ئۇدا 14 يىل جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ بىرىنچى چوڭ سودا ھەمراھى بولۇش ئورنىدا مۇقىم تۇردى، جەنۇبىي ئافرىقىمۇ جۇڭگونىڭ ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى. زۇڭتۇڭ رامافۇسا مۇنداق بىلدۈردى: جەنۇبىي ئافرىقا جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن جۇڭگونىڭ كۈچلۈك، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يۈكسەك قەدىرلەيدۇ، بۇنىڭدىن چوڭقۇر پەخىرلىنىدۇ. جەنۇبىي ئافرىقا - جۇڭگو ھەمكارلىقى ئافرىقىنى نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو - جەنۇبىي ئافرىقا مۇناسىۋىتى جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتى، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقى ھەمدە يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلەتلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشىدىكى ئۈلگىگە ئايلاندى، بۇ، يېڭى دەۋردە جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئادىل - ھەققانىي بولغان، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشتا مۇھىم ئۈلگە كۆرسىتىش ئەھمىيىتىگە ئىگە.

«جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئەزەلدىن تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى.» 2013 - يىلى 3 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنياغا يۈزلىنىپ، تۇنجى قېتىم ئافرىقىغا قاراتقان سىياسەتلەردە چىن، سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسى ۋە توغرا، ھەققانىي مەنپەئەت قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ مەڭگۈ ئىشەنچلىك دوست ۋە سەمىمىي ھەمراھلاردىن بولىدىغانلىقىنى تەنتەنىلىك جاكارلىدى، جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ يېڭى دەۋر سەھىپىسى شۇنىڭدىن باشلاندى.

جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جوھاننىسبۇرگ باشلىقلار يىغىنى، بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەم رىياسەتچىلىك قىلدى، سىنلىق شەكىلدە جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى 8 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى، «جۇڭگو - ئافرىقا دوستانە ھەمكارلىق روھى»نى خۇلاسىلىدى، تاۋلىدى، جۇڭگو - ئافرىقا ئىتتىپاقلىشىپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلدى... جۇڭگو - ئافرىقا دوستلۇقىنىڭ بىپايان مەنزىرىسىدە، رەئىس شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلاپ، ئۆزى قول سېلىپ ئىشلەپ، جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى تارىخىي كوردىنات سېلىپ، دۆلەت باشلىقلىرى دىپلوماتىيەسىنىڭ بۆلەك - بۆلەك ئېسىل داستانىنى پۈتۈپ چىقتى. 10 يىلدا، جۇڭگو - ئافرىقا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى قاتارلىق مېخانىزم، سۇپىلاردا ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد - سودا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشى قاتارلىق كۆپ ساھەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى ۋە پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپ پۇقرالىرىغا سىجىل نەپ يەتكۈزدى.

جۇڭگو - ئافرىقا ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىپ قۇرغان تۆمۈريول 10 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى، تاشيول 100 مىڭ كىلومېتىرغا يېقىنلاشتى، زور بىر تۈركۈم ئايرودۇرۇم، پىرىستان، كۆۋرۈك، ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەر پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى؛ جۇڭگو ئۇدا 14 يىل ئافرىقىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى دۆلىتىلىك ئورنىنى ساقلاپ كەلدى، 2022 - يىلى جۇڭگو - ئافرىقا ئىككى تەرەپ سودا سوممىسى 282 مىليارد دوللارغا يېتىپ، ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %11.1 ئاشتى... كۆزنى چاقنىتىدىغان جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقى «نەتىجە قەغىزى» ئافرىقىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپلا قالماي، يەنە خەلقئارانىڭ ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ پايدىلىق شارائىت ياراتتى.

جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئىقتىساد - سودىسى جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى. بارغانسېرى كۆپ ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ تاۋارلىرىنى جۇڭگو ئىستېمالچىلىرى تونۇدى ۋە ياقتۇردى، جۇڭگودىن كەلگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل، ماشىنا - ئۈسكۈنە، مودا كىيىم - كېچەكلەرمۇ ئافرىقا پۇقرالىرىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىردى. جۇڭگو تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت سودا سوممىسى 822 مىليارد 320 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.4 ئاشقان. يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ياسىمىچىلىق قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپلەردىن يېشىل تەرەققىيات، سەھىيە، ساغلاملىق، پۇل مۇئامىلە ۋە رەقەملىك يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق يېڭى كەسىپلەرگىچە، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق ساھەسى بارغانسېرى كېڭەيدى.

ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى ئېراستاس مۇۋېنچا مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئافرىقىغا قاراتقان سىياسەتلەردە چىن، سەمىمىي بولۇش ئىدىيەسى ۋە توغرا، ھەققانىي مەنپەئەت قارىشى ئافرىقا - جۇڭگو ھەمكارلىقىدا مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە پۇختا ئاساس سالدى. جەنۇبىي ئافرىقا جىنشەن داشۆسىنىڭ جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتى مۇتەخەسسىسى گاز شىلدۇن مۇنداق قارىدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى «ئافرىقا - جۇڭگو ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ زور ھاسىلاتقا ئىگە، ئەھمىيىتى تېخىمۇ چوڭقۇر بولغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشى تېخىمۇ كۆپ بولغان يېڭى دەۋرگە ئېلىپ كىرىدۇ».

جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى ئېچىش

«بىز بۇنى كەلگۈسى دەپ قارايمىز.» بۇ يىل 5 - ئايدا جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ كاپېتوۋندا ئۆتكۈزۈلگەن 15 - نۆۋەتلىك كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە مۇنبىرى مەزگىلىدە، جەنۇبىي ئافرىقىدىن كەلگەن بىر نەپەر يىغىنغا قاتناشقۇچى ئۆزىنىڭ نەزەرىدىكى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنى مۇشۇنداق تەسۋىرلىدى.

كېسەك ئالتۇن مېخانىزمىغا ئەزا بولۇشنى ئۈمىد قىلىدىغان دۆلەتلەر ئۈزلۈكسىز كۆپەيدى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ «جەلپ قىلىش كۈچى» پۈتۈن يەرشارى كۆڭۈل بۆلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى پاندور 8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى مۇنداق دېدى: جەنۇبىي ئافرىقا ئافرىقا دۆلەتلىرى ھەم «جەنۇبى يەرشارى» دۆلەتلىرىنىڭ 67 نەپەر رەھبىرىنى «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى - ئافرىقا» يىغىنى ۋە «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى +» سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى، ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى قاتارلىق 20 نەپەر خەلقئارا ھەم رايون تەشكىلاتنىڭ رەھبىرىمۇ تەكلىپ بىلەن يىغىنغا قاتنىشىدۇ.

«كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بېكىنمە كۇلۇب ئەمەس، شۇنداقلا باشقىلارنى يەكلەيدىغان <كىچىك گۇرۇھ>مۇ ئەمەس، بەلكى ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان چوڭ ئائىلە، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان ياخشى ھەمراھلار.» بۇلتۇر 6 - ئايدىكى كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 14 - قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا، رەئىس شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ ئوچۇق بولۇش، سىغدۇرۇشچان بولۇش ماھىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئېنىق چۈشەندۈرۈپ، ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دائىرىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى.

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمى كەڭ دائىرىدە دىققەتنى قوزغاپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دىققەتنى ئۆز تەرەققىياتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۆزلەپ، سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇشتەك ئورتاق ئىلتىماس - تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. بۇ يىلدىن بۇيان، ئوتتۇرا شەرق رايونىدا «يارىشىش دولقۇنى» كۆتۈرۈلۈپ، «ئۇرۇش توختىتىش» «دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش» «يارىشىش» «تەرەققىي قىلىش» رايون قىزىق نۇقتا سۆزى بولۇپ قالدى؛ تۇنجى قېتىملىق جەنۇبىي ئامېرىكا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈپ، رايون دۆلەتلىرى قول تۇتۇشۇپ جەنۇبىي ئامېرىكىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنى قايتا باشلىدى؛ «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىساد ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى» ئومۇميۈزلۈك كۈچكە ئىگە بولدى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ھەمكارلىق، ئېچىۋېتىشنى سىجىل كېڭەيتىپ، رايون ئىقتىسادىنى بىرگەۋدىلەشتۈرۈشكە يەنە ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى... تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر كوللېكتىپ قەد كۆتۈرۈشنىڭ يېپيېڭى مەنزىرىسىنى نامايان قىلىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كۆپ تەرەپچىللىكنى تەشەببۇس قىلىش، ئادىللىق، ھەققانىيلىققا ئىنتىلىشنىڭ ھەيۋەتلىك گارمونىيەسىنى ياڭراتماقتا.

«كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى +» ئەندىزىسىنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئەمەلدە كۆرسەتتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئەزا كۆپەيتىش مۇساپىسىنى قوللاش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشنى ئايدىڭلاشتۇردى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يېڭى تەرەققىيات بانكىسى قۇرۇشقا تۈرتكە بولدى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يېڭى سانائەت ئىنقىلابى ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى شيامېن يېڭىلىق يارىتىش بازىسىنى بەرپا قىلدى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزى قۇردى ھەم ئېچىۋېتىش پىرىنسىپىنى ئايدىڭلاشتۇردى... «جەنۇبى يەرشارى»نىڭ مۇقەررەر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئەڭ تەخىرسىز رېئال ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سۇپىسىنى بەرپا قىلىشقا كۈچ چىقىرىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى خەلقئارا سەھنىگە قاتنىشىش ۋە يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنى ياخشىلاش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى.

كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە ئەزا دۆلەتلەر گەرچە ئىقتىسادىي، سىياسىي رامكىسى ئوخشاش بولمىسىمۇ، تەرەققىيات يولى ھەر خىل بولسىمۇ، پەرق بولسىمۇ ئىناق ئۆتىدىغان، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىدىغان ئورتاق تەرەققىيات يولىنى قول تۇتۇشۇپ تېپىپ چىقتى. كېسەك ئالتۇن مېخانىزمى تۈرلۈك تەرەققىيات ئەندىزىسى، جەمئىيەت تۈزۈمى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا يۈكسەك سىغدۇرۇشچان بولۇش ۋە ئوچۇق بولۇش خاراكتېرىنى نامايان قىلدى، بۇ كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ ئادىل، گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مېخانىزمى دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ماس كېلىدىغان، كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بولۇپ، توغرا ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

مىسىر ئەرەب سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇختار گابباس مۇنداق دېدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مېخانىزمىنىڭ بۇنداق كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەرنى «شەرتسىز تەرەققىيات پۇرسىتى» بىلەن تەمىنلىگەنلىكىدە. بىرازىلىيە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئاننا گارسىيە مۇنداق دېدى: «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى مېخانىزمىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشى مۇقەررەر ھالدا <جەنۇبى يەرشارى>نىڭ ھەمكارلىق يېڭى كەلگۈسىنى ئاچىدۇ».

كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو پۈتۈن يەرشارىدىكى ھەمراھلار بىلەن بىر - بىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ، سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، قول تۇتۇشۇپ يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىدۇ.

(قاتناشقان مۇخبىرلار: جىن جېڭ، شيې جياڭ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى)