پۈتكۈل جەمئىيەتتىكىلەر ھەرىكەتكە كېلىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنىڭ ئاكتىپ تارقاتقۇچىلىرى ۋە نەمۇنىلىك ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇش كېرەك

日期:2023年08月17日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە كۈنى پەيتىدە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

پۈتكۈل جەمئىيەتتىكىلەر ھەرىكەتكە كېلىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنىڭ ئاكتىپ تارقاتقۇچىلىرى ۋە نەمۇنىلىك ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇش كېرەك

دىڭ شۆشياڭ ئاساسىي مەيدان پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خاڭجوۋ، 8 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى تېلېگراممىسىتۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە كۈنى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ ئۇلۇغۋار پىلان، پارتىيەنىڭ بۇرچى، ئاساسىي مەقسىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور سىياسىي مەسىلە، خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك مۇھىم، زور ئىجتىمائىي مەسىلە. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك قوغداشنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، «قوش كاربون» خىزمىتىنى يېتەكچى قىلىپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى قوش تىزگىنلەشتىن كاربون قويۇپ بېرىشنى قوش تىزگىنلەشكە تەدرىجىي ئۆتۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە تۇرمۇش شەكلىدە يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ پۈتكۈل جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ھەرىكەتكە كېلىپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنىڭ ئاكتىپ تارقاتقۇچىلىرى ۋە نەمۇنىلىك ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىلىرىدىن بولۇپ، ئۆزى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە كۈنى ئاساسىي مەيدان پائالىيىتى 8 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇجوۋ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ پائالىيەتنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى، شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى ھەم سۆز قىلدى. دىڭ شۆشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ ئۇلۇغۋار پىلان قىلىپ، بىر قاتار ئىجادىي خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى، ئىرادىسىنىڭ زورلۇقى، سالمىقىنىڭ زورلۇقى، ئۈنۈمىنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز بولدى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشتىكى روشەن بەلگىگە ئايلاندى. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇشنى قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئېكولوگىيە ـ مۇھىت ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تىرەك بولۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىش كېرەك. بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ئۇزاققىچە ياخشى قىلىپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى چوڭقۇر، ياخشى قىلىپ، ئېكولوگىيە ـ مۇھىت سۈپىتىنى سىجىل ياخشىلاش كېرەك؛ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئېكولوگىيە ـ مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بايلىق تېجەيدىغان ۋە مۇھىت قوغدايدىغان بوشلۇق ئەندىزىسى، كەسىپ قۇرۇلمىسى، ئىشلەپچىقىرىش شەكلى، تۇرمۇش شەكلىنى تېز شەكىللەندۈرۈش كېرەك؛ تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ كۆپ خىللىقى، مۇقىملىقى، سىجىللىقىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك؛ كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇشنى پائال، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات داۋامىدا كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش داۋامىدا تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك؛ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى تۈزەش سىستېمىسى ۋە تۈزەش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە كۈنى ئاساسىي مەيدان پائالىيىتىنى پۇرسەت بىلىپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئاممىبابلاشتۇرۇپ تارقىتىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداش ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ھەممە ئادەم، ھەممە ئىشتا، ھەر ۋاقىت، ھەممە جايدا ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنى قەدىرلەيدىغان ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

2023 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 3 ـ يىغىنى قارار ماقۇللاپ، 8 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنىنى مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە كۈنى قىلىپ تەسىس قىلدى. تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە كۈنى ئاساسىي مەيدان پائالىيىتىنى دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، ئېكولوگىيە ـ مۇھىت مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار ۋە جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىشىپ ئورتاق ئۆتكۈزگەن بولۇپ، باش تېمىسى «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق».