«شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نىڭ 1 - تومى، 2 - تومىنىڭ مىللەتلەر تىل - يېزىقى نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

日期:2023年08月04日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 2 - كۈنى تېلېگراممىسى «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نىڭ 1 - تومى، 2 - تومىنىڭ موڭغۇل تىل - يېزىقى، زاڭزۇ تىل - يېزىقى، ئۇيغۇر تىل - يېزىقى، قازاق تىل - يېزىقى، چاۋشيەن تىل - يېزىقى، يىزۇ تىل - يېزىقى، جۇاڭزۇ تىل - يېزىقى قاتارلىق يەتتە خىل مىللەتلەر تىل - يېزىقى نۇسخىسىنىڭ بارلىق تەرجىمە خىزمىتى تاماملىنىپ، يېقىندا پۈتۈن مەملىكەتتە نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ھۆججەت - ئەسەر تەھرىرلەش كومىتېتى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نىڭ 1 - تومى، 2 - تومى 2023 - يىلى 4 - ئايدا خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەت مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى بىلەن، جۇڭگو مىللەتلەر تەرجىمە ئىدارىسى مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر تىل - يېزىق تەرجىمە قوشۇنىنى تەشكىللەپ، 2023 - يىلى 7 - ئايدا يەتتە خىل مىللەتلەر تىل - يېزىقى نۇسخىسىدىكى «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نىڭ 1 - تومى، 2 - تومىنى تەرجىمە قىلىش خىزمىتىنى تاماملىدى. «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نىڭ 1 - تومى، 2 - تومىنىڭ مىللەتلەر تىل - يېزىقى نۇسخىسىنىڭ نەشر قىلىنىپ تارقىتىلىشى مۇقەررەر پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ.

«شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نىڭ 1 - تومى، 2 - تومىنىڭ موڭغۇل تىل - يېزىقى، زاڭزۇ تىل - يېزىقى، ئۇيغۇر تىل - يېزىقى، قازاق تىل - يېزىقى، چاۋشيەن تىل - يېزىقى نۇسخىسى مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى؛ يىزۇ تىل - يېزىقى، جۇاڭزۇ تىل - يېزىقى نۇسخىسىنى مىللەتلەر نەشرىياتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا سىچۇەن مىللەتلەر نەشرىياتى، گۇاڭشى مىللەتلەر نەشرىياتى بىلەن بىرلىشىپ نەشر قىلىپ تارقاتتى.