پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك

日期:2023年07月16日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇش كېرەك

سەي چى مەملىكەتلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتناشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىدا مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، پارتىيەنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، تور بوشلۇقىدىكى ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە، ئاممىۋى پىكىر مۇستەھكەملىنىپ، زورىيىپ، تورنى ھەر تەرەپلىمە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىنىپ، تور بىخەتەرلىكى كاپالەت سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارى سىجىل ئۆستۈرۈلۈپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ساھەسىدە پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قەدىمى تېزلىتىلىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۈرتكە بولۇش، يېتەكلەش رولى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇلۇپ، تور بوشلۇقىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش دەرىجىسى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، تور بوشلۇقىدىكى خەلقئارا سۆز ھوقۇقى ۋە تەسىر كۈچى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىلىپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا يېڭى قەدەم تاشلاندى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ مۇھىم ئورنى ۋە رولى كۈنسېرى گەۋدىلەنمەكتە. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، بايراقنى كۆتۈرۈپ خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇرۇپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمكارلىشىشنى كۆزلەپ تەڭ نەپ ئېلىشقا ئىنتىلىشتەك بۇرچ، ۋەزىپىنى ھەقىقىي تۈردە زىممىگە ئېلىپ، پارتىيە ئالاقە تورىنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خەلق ئۈچۈن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە تور ئىدارە قىلىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاكتىپ كۈچ ئومۇمىي تەلەپ، باشقۇرالايدىغان بولۇش قاتتىق داۋلى، ياخشى ئىشلىتىش ھەقىقىي قابىلىيەت بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت تور بىخەتەرلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۈرتكە بولۇش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن بويىچە تور باشقۇرۇش، قانۇن بويىچە تور ئېچىش، قانۇن بويىچە تورغا چىقىشتا چىڭ تۇرۇپ، تور بوشلۇقى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى قوشۇنى قۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ دەل جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك؛ ھەر دەرىجىلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرى پارتىيە ۋە خەلققە سادىق بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشقا ماھىر بولۇپ، دادىللىق بىلەن كۈرەش قىلىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، جان تىكىپ ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلىپ ئۆزىنى بېغىشلاپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.

مەملىكەتلىك تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى يىغىنى 7 - ئاينىڭ 14 - كۈنىدىن 15 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى.

سەي چى سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى بۇرچ، ۋەزىپە ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان، «ئوندا چىڭ تۇرۇش» مۇھىم پىرىنسىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان ھەم تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە قارىتا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان، بۇ ئىنتايىن كۈچلۈك سىياسىيۋىلىككە، ئىستراتېگىيەلىككە، يېتەكچىلىككە ئىگە بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، بىز بۇنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز، ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

سەي چى مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىدا مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تور كۈچلۈك دۆلىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، پارتىيەنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە بولغان قانۇنىيەتلىك تونۇشىنى يېپيېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى، بۇ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش، تور كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى، بىز چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىدا ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

سەي چى مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇرچ، ۋەزىپىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋەزىپە - تەدبىرلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچەپ تۈرتكە بولۇش كېرەك. توردا ئىجابىي تەشۋىقات ئارقىلىق يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، تور ئىدېئولوگىيە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، تورنى ھەر تەرەپلىمە ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ياخشى تور ئېكولوگىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، تور ئىدېئولوگىيە خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىك ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تور بىخەتەرلىكىدىكى مۇھىم، زور ئىستراتېگىيە ۋە ۋەزىپىلەرنى يولغا قويۇپ، چوڭ تور بىخەتەرلىكى خىزمىتى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت تور بىخەتەرلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىپ تۈرتكە بولۇش، ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇش، ئومۇمىي مەنپەئەتدار، ئادىل بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەمتۈكلۈك، يېتەرسىزلىكلەرنى تۈگىتىپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇشنىڭ تۈرتكە بولۇش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. توردا قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تور بوشلۇقىنى قانۇنچىللاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ساھەسىدىكى خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيە ئالاقە تورىنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ھەم ئەزا ئورۇنلار، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى ھەم تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتى بويىچە كۈچنى بىرىكتۈرۈپ تۈرتكە بولىدىغان جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشى كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيورۇسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى شۇلېي خۇلاسە سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى، بولۇپمۇ تور كۈچلۈك دۆلىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، بايراقنى كۆتۈرۈپ خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى ئاشۇرۇپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمكارلىشىشنى كۆزلەپ تەڭ نەپ ئېلىشقا ئىنتىلىشتەك بۇرچ، ۋەزىپىنى ھەقىقىي تۈردە زىممىگە ئېلىپ، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتكۈل جەريانىدا گەۋدىلەندۈرۈپ، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشىنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

بېيجىڭ شەھىرى، شاڭخەي شەھىرى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، خەلق گېزىتخانىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

شى تەيفېڭ، خې لىفېڭ، جاڭ يوۋشيا، چېن ۋېنچىڭ، ۋاڭ شياۋخۇڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەركىزىي كومىتېت تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئالاقىدار خەلق تەشكىلاتلىرى، ئالاقىدار دۆلەت كارخانىلىرى، ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، مەركەزدىكى نۇقتىلىق ئاخبارات تور بېكەتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.