شى جىنپىڭ يەرشارىۋى ھەمبەھرە تەرەققىيات ھەرىكىتى مۇنبىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

日期:2023年07月11日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يەرشارىۋى ھەمبەھرە تەرەققىيات ھەرىكىتى مۇنبىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى قىيىن، يەرشارىۋى تەرەققىيات قارالمىسى خىرىسقا دۇچ كەلدى. ھەمكارلىق ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، مەن يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى تېزلىتىشكە كۈچ قوشتۇم. مەن خۇشاللىنارلىق بىلەن شۇنى كۆردۈمكى، ھەرقايسى تەرەپنىڭ ئورتاق قاتنىشىشى بىلەن، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ھەمكارلىقىدا مۇھىم دەسلەپكى ھاسىلاتلار قولغا كەلتۈرۈلدى، نۇرغۇن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بۇنىڭدىن نەپ ئالدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تەرەققىيات ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ مەڭگۈلۈك باش تېمىسى. ھەمبەھرە تەرەققىيات گۈزەل دۇنيا قۇرۇشنىڭ مۇھىم يولى. ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئۆز تەرەققىياتىنى ئىنسانىيەت تەرەققىياتىنىڭ كوردىنات سىستېمىسىغا قويۇپ، ئۆز تەرەققىياتى ئارقىلىق دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى پۇرسەت ياراتتى. جۇڭگو يەرشارىۋى تەرەققىيات ھەمكارلىقىغا بولغان بايلىق سېلىنمىسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 2030 - يىل ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

يەرشارىۋى ھەمبەھرە تەرەققىيات ھەرىكىتى مۇنبىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر يىغىنىنى دۆلەت خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىق مەھكىمىسى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، باش تېمىسى «جۇڭگو تەشەببۇسى، يەرشارىۋى ھەرىكەت» بولۇپ، 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى بېيجىڭدا باشلاندى.