جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ، «ئىقتىسادى كۈچلۈك، خەلقى باي - باياشات، مۇھىتى گۈزەل، جەمئىيەت مەدەنىيلىك دەرىجىسى يۇقىرى» بولغان يېڭىچە جياڭسۇنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك

日期:2023年07月09日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ جياڭسۇدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ئالدىدا مېڭىپ، ئۈلگە كۆرسىتىپ، «ئىقتىسادى كۈچلۈك، خەلقى باي - باياشات، مۇھىتى گۈزەل، جەمئىيەت مەدەنىيلىك دەرىجىسى يۇقىرى» بولغان يېڭىچە جياڭسۇنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك

سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى

7 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 7 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جياڭسۇدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ سۇجوۋدىكى پىڭجياڭ تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونىدا شۇ جايدىكى ئاھالىلەر ۋە ساياھەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا.  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

7 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 7 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جياڭسۇدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ نەنجىڭ شەھىرىدىكى زىجىنشەن تەجرىبىخانىسىدا تەكشۈرۈشتە بولماقتا.  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنجىڭ، 7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا جياڭسۇدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: جياڭسۇ كەسىپ ئاساسى پۇختا، پەن - مائارىپ بايلىقى مول، تىجارەت - سودا مۇھىتى ياخشى، بازار كۆلىمى غايەت زور بولۇشتەك ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش داۋامىدا ئالدىدا مېڭىش، ئۈلگە كۆرسىتىش ئىقتىدارى بار، مەسئۇلىيىتىمۇ بار. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، داۋاملىق تۈردە ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا تىرىشىپ نەمۇنىچى بولۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىشتا تىرىشىپ ئۈلگە بولۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئالدىنقى قاتاردا مېڭىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جياڭسۇ يېڭى ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، «ئىقتىسادى كۈچلۈك، خەلقى باي - باياشات، مۇھىتى گۈزەل، جەمئىيەت مەدەنىيلىك دەرىجىسى يۇقىرى» بولغان يېڭىچە جياڭسۇنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش كېرەك.

7 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 7 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شىن چاڭشىڭ ۋە ئۆلكە باشلىقى شۈ كۇنلىننىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سۇجوۋ، نەنجىڭ قاتارلىق جايلارغا كېلىپ، سانائەت باغچە رايونى، كارخانا، تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى، ئىلمىي تەجرىبىخانا قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ سۇجوۋغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئالدى بىلەن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ سۇجوۋ سانائەت باغچە رايونىغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. باغچە رايونى كۆرگەزمە مەركىزىدە، شى جىنپىڭ سۇجوۋ شەھىرىنىڭ كەسىپ تەرەققىياتى ۋە باغچە رايونىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى پەن - تېخنىكىلىق باغچە رايونى پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش داۋامىدا مۇھىم زور ھەم شەرەپلىك تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان بولۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، كارخانىلارنى يېتەكچى قىلغان ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق يېڭى كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈشى، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. خەلقئارا ھەمكارلىقنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، ئېچىۋېتىلگەن، يېڭىلىق يارىتىدىغان، دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يۇقىرى پەن - تېخنىكىلىق باغچە رايونىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ سۇجوۋ خۇاشىڭ يۈەنچۇاڭ پەن - تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. شى جىنپىڭ كۆرگەزمە زالى، تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېخى، فوتو ئېلېكتىر تەجرىبىخانىسىغا كىرىپ، مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش، سىناق قىلىش جەريانىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كارخانا ئۈسكۈنىلىرى، مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىقتىدارى، ئىشلىتىلىش ئورنى، بازىرى قاتارلىق ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈردى. كارخانىدىكى تەتقىق قىلىپ ئېچىش خادىملىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ياشلار ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، شى جىنپىڭ ناھايىتى سۆيۈندى. ئۇ مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ياشلارنى كەڭ سەھنە بىلەن تەمىنلىدى، كۆپچىلىك ئۈچۈن بۇ بىر ياخشى پۇرسەت، تارىخىي پۇرسەتنى ئىگىلەپ، كارامىتىڭلارنى كۆرسىتىپ، باتۇرلۇق بىلەن پەن - تېخنىكىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلەڭلار، كەلگۈسىدە سىلەر چوقۇم ئۆزۈڭلارنىڭ مىللەتنىڭ گۈللىنىشىگە قوشقان تۆھپەڭلاردىن ئىپتىخارلىنىسىلەر.

سۇجوۋ قەدىمىي شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىگە جايلاشقان پىڭجياڭ تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى ھازىرغىچە 2500 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولۇپ، سۇجوۋ قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش ھەم پىڭجياڭ تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونىنى قوغداش، رېمونت قىلىش، پايدىلىنىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى تەپسىلىي ئاڭلىدى، پىيادە مېڭىپ قەدىمىي كوچىنىڭ قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، سۇجوۋ كەشتىسىنىڭ تىكىلىشىنى كۆردى، باھار بايرىمىلىق رەسىم بېسىشنى سىناپ باقتى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشماقتا، ئۇنىڭدا ئىپادىلەنگەن ئېلاستىكلىق، سەۋرچانلىق، ئىرادە جۇڭخۇا مىللىتى روھىنىڭ بىر قىسمى.

كوچا بويىدىكى كىچىك مەيداندا، لەرزان كۈي ياڭراۋاتاتتى، شۇ جايدىكى ئاھالىلەر ۋە ساياھەتچىلەر سۇجوۋنىڭ پىڭتەن ئەلنەغمىسىدىن ھۇزۇرلىنىۋاتاتتى. باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆپچىلىك بەس - بەستە باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. شى جىنپىڭ زور ئىشتىياق ئىلكىدە كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە ئويۇننى كۆردى، ئۇ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: تۈنۈگۈن سانائەت باغچە رايونىنى كۆزدىن كەچۈرگەنىدىم، بۈگۈن يەنە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت كوچا رايونىنى كۆزدىن كەچۈردۈم، ھەممىلا يەردە قەدىمىي يادىكارلىقلار، مەشھۇر جايلار، مەدەنىيەت پۇرىقى بار ئىكەن، بۇ جايدا ياشاش تولىمۇ بەختلىك ئىش ئىكەن. سۇجوۋ ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىكنى ناھايىتى ياخشى بىرلەشتۈرۈپتۇ، تارىخىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپلا قالماي، بەلكى يۇقىرى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىپ، كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىپتۇ. ئۇ شۇ جايدىكى مەسئۇل يولداشلارغا مۇنداق دېدى: پىڭجياڭ تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى قىممەتلىك بايلىق، ئۇنى ياخشى قوغداش، ياخشى قېزىش، ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك، ماددىي شەكىل جەھەتتە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى قەلبتىن ياخشى ۋارىسلىق قىلىش كېرەك.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ نەنجىڭ شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ زىجىنشەن تەجرىبىخانىسىغا كېلىپ، كۆرگەزمە زالى، 6G ئۇنىۋېرسال تەجرىبىخانىسىغا كىرىپ، مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا ۋەزىپىلىرى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر ئۇچۇر تېخنىكىسى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ئاغدۇرما خاراكتېرلىك تېخنىكىلارنىڭ ھەر ۋاقىت بارلىققا كېلىش ئېھتىماللىقى بار، ئەمەلىيەتچىل، پۇختا بولغان يېڭىلىق يارىتىش يولىدا مېڭىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.

نەنرۇي گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىركىتى قارىمىقىدىكى ئېنېرگىيە ئالاقە تورى ساھەسىدىكى يۇقىرى پەن - تېخنىكا كارخانىسى. شى جىنپىڭ بۇ گۇرۇھقا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، نەنجىڭ شەھىرىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكتىر تورى بويىچە دۆلەت ئىلغار ياسىمىچىلىق توپى بەرپا قىلىش ئومۇمىي ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، كارخانىنىڭ ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىش تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى. كارخانىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونىدا، شى جىنپىڭ كارخانىنىڭ يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئېلېكتىر تورى بىخەتەرلىكى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئېنېرگىيەنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشكە مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئېنېرگىيە كاپالىتى ۋە بىخەتەرلىكى دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، قىلچە سەل قاراشقا بولمايدىغان «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى». ئاچقۇچلۇق تېخنىكا، يادرولۇق مەھسۇلاتلارنى يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە يېڭى تېخنىكا ئارقىلىق ئاقىل كۈچ قوشۇشقا تېز تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

كارخانىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، شى جىنپىڭ ياش تەتقىق قىلىپ ئېچىش خادىملىرىنى رىغبەتلەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك غەيرەت - شىجائەتنى ئۇرغۇتۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق بولۇپ، ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلەپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، بىر قەدەم - بىر قەدەمدىن ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئون يىلدا بىر خەنجەر تاۋلاپ چىقىشتەك چىدامچانلىق بىلەن، «بىر ئۆمۈر بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش»تەك قەتئىيلىك بىلەن، ئالىي، سەرخىل، ئىلغار تېخنىكا بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، قىممىتى بار كىشىلىك ھاياتنى يارىتىشى كېرەك.

7 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ جياڭسۇ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، جياڭسۇنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، جياڭسۇنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈشىنى، زەنجىرنى كۈچەيتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى ئۇزارتىش جەھەتتە يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشىنى، جۇڭخۇا مىللىتى زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىش جەھەتتە يېڭى تەجرىبىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىشىنى، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە يېڭى يۈكسىلىشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى پەن - تېخنىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا. جياڭسۇ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش جەھەتتە باشلامچىلىق بىلەن يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە مۇھىم كەسىپ پەن - تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭىلىق يارىتىپ تۈرتكە بولۇشقا تېخىمۇ كۆپرەك تايىنىدىغان ئىچكى خاس مەزمۇن تىپىدىكى ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. كارخانىلارنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم ئامىللىرىنىڭ كارخانىلارغا توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. پەن - تېخنىكا تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى قوللايدىغان ئاساسىي تۈزۈمنى شەكىللەندۈرۈپ، پەن - تېخنىكا سېلىنمىسىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈپ زورايتىپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق ئۇرغۇتۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئەمەلىي ئىقتىسادتا چىڭ تۇرۇش، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى ئۆلكىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىكى مۇھىم مەزمۇن قىلىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ باشلامچىلىق ئورنىنى مۇستەھكەملەپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر توپىنى تېز بەرپا قىلىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ئىلغار ياسىمىچىلىق، زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپى بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ ئاساسىنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش ۋە كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تايانچ قىلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇپ، پائال تۈردە توسۇق نۇقتىلارنى ئېچىپ، ئۈزۈك نۇقتىلارنى تۇتاشتۇرۇپ، تاشقى مەبلەغنى جەلپ قىلىش، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى يېڭى شەكىل، يېڭى تەدبىرلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، دۇنياۋى بىرىكمە كۈچكە ئىگە قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىش تۈگۈنى بەرپا قىلىپ، تاشقى سودىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا بازارنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتى زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، سوتسىيالىستىك مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. جياڭسۇ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چاڭجياڭ دەرياسى ۋە چوڭ قانالدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسىنى قۇرۇشقا پائال قاتنىشىشى كېرەك. زامانىۋى پەن - تېخنىكا، مائارىپ ئىشلىرىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ پەن - مەدەنىيەت ساپاسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشى كېرەك. مەدەنىيەت ئىشلىرى ۋە مەدەنىيەت كەسپىنى گۈللەندۈرۈپ، راۋاجلاندۇرۇپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، باراۋەرلەشتۈرۈشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر - يېزىلاردا مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كىتابخۇمار جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەتنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جياڭسۇ جەزمەن خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشى كېرەك. ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تېز تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمى ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك. يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»، «پۇجياڭ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بىلەن يېزا - كەنت ئىدارە قىلىشنى ماس ئالغا سىلجىتىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى رەقەملەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش - باشقۇرۇش سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئېغىر، پەۋقۇلئاددە زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پۈتۈن مەملىكەت پات ئارىدا «7 - ئاينىڭ ئاخىرى، 8 - ئاينىڭ بېشى»دىن ئىبارەت كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىگە كىرىدۇ، دەريا - ئېقىن، كۆل، سۇ ئامبارلىرى ئاساسلىق كەلكۈن مەزگىلىدىكى كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ئېغىر تەھدىتىگە دۇچ كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەزى جايلاردا قۇرغاقچىلىق ئەھۋالى ئېغىرلىشىپ، ئورمان ئوت ئاپىتى خەۋپى زورىيىدۇ. ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار مەۋقەنى چوڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، چوڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، چوڭ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قويۇپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە خەلقنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، ئاپەت يوشۇرۇن خەۋپىنى چارلاپ تەكشۈرۈش، خەتەرنى تۈگىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ تۈرلۈك تەييارلىقىنى مۇددەتتىن بۇرۇن ياخشى ئىشلەپ، تىرىشىپ تۈرلۈك زىياننى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشى كېرەك. قاتناش - تىرانسپورت تارماقلىرى مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك مۇھاپىزىتىنى كۈچەيتىشى، ئېنېرگىيە ۋە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تارماقلىرى، بولۇپمۇ مەركەز كارخانىلىرى ئېنېرگىيە، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئايلىنىشىنىڭ چوڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: باش تېما تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ھەرقايسى ئورۇنلار تۈرلۈك نۇقتىلىق تەدبىرلەرنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، بىرقەدەر ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىشلەش يۆنىلىشىنى توغرىلاپ، ئىشلەش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، ئىشلەش بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشى كېرەك. بىرىنچى، خەلققە بەخت يارىتىش سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، كۆلەمنى زورايتىۋېتىش، چەت ئەلنىڭ ئۇسۇلىنى ئەينەن كۆچۈرۈپ كېلىش، قارىغۇلارچە ئىش قىلىش، قۇرۇق گەپ سېتىپ كىشىلەرنى ئۆزىگە قارىتىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق؛ ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، تېشى پال - پال، ئىچى غال - غال بولۇش، پۇرسەتپەرەسلىك قىلىش، سانلىق مەلۇماتتا ساختىلىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق؛ ئاساس سېلىپ، ئۇزاققىچە نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇش كېرەك، ئالدىراقسانلىق قىلىپ كۆز ئالدىدىكى ئۈنۈم ۋە مەنپەئەتكىلا بېرىلىپ كېتىش، كۆلنى قۇرۇتۇپ بېلىق تۇتۇش، خەلققە جاپا سېلىپ، مال - مۈلۈككە زىيان يەتكۈزۈش بىلەن شۇغۇللانماسلىق كېرەك. ئىككىنچى، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش كۆتۈرەڭگۈ، جۇشقۇن روھىنى تولۇق ئۇرغۇتۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، قىيىنچىلىققا قارشى ئىلگىرىلەپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، ئىشنىڭ يېنىكىنى تاللاپ، ئېغىرىدىن قېچىش، ئوڭدا يېتىۋېلىپ مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ قويۇش، يۈزەكى ئىشلەپ مەسئۇلىيەتتىن قېچىش، ئەپلەپ - سەپلەپ كۈن ئۆتكۈزۈش قاتارلىق پاسسىپ ھادىسىلەرنى قاتتىق تۈزەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە ياراتقانلارنى رىغبەتلەندۈرۈش ۋە قوغداش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئۈچىنچى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتەك ياخشى ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، كۆپنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، مىخ قېقىش روھى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، دىققەتنى ئەمەلىي مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشتا يېڭى ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

لى گەنجيې، خې لىفېڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى، باش تېما تەربىيەسى مەركەز 6 - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى.