ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، ئۇرۇش رايونى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، ئۇرۇش قىلىش خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

日期:2023年07月07日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ئورگىنىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى

ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، ئۇرۇش رايونى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، ئۇرۇش قىلىش خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك

7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ئورگىنىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونىدىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلماقتا. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، نەنجىڭ، 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر مېي چاڭۋېي) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ئورگىنىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونىدىكى بارلىق ئوفىتسېر - ئەسكەرلەردىن سەمىمىي ھال سورىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، ئۇرۇش رايونى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، ئۇرۇش قىلىش خىزمىتىدە تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

چۈشتىن كېيىن سائەت 3تىن 15 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ئورگىنىغا كېلىپ، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

شى جىنپىڭ شەرقىي قىسىم ئۇرۇش رايونىنىڭ قۇرۇلغاندىن بۇيان دۆلەتنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز - ئوكيان ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش ياساش مەزگىلىگە قەدەم قويدى، دۆلىتىمىزنىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىدە مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق ئاشتى. بۇرچ، ۋەزىپىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كۈلپەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇش رايونىنىڭ ئۇرۇش قىلىشقا مەسئۇل بولۇش فۇنكسىيەسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئادا قىلىش كېرەك. ئۇرۇش ۋە جەڭ قىلىشنى پىلانلاشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇرۇش رايونى بىرلەشمە جەڭ قىلىش قوماندانلىق سىستېمىسىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى زور كۈچ بىلەن تۇتۇپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈرۈش كېرەك. ھەربىي ئىشلار مەسىلىسىنى سىياسىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ ئويلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى ۋە «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇش» تەربىيەسى ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ئۇرۇش رايونى پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، ئۇرۇش قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ياخشى تاماملاش كېرەك.

جاڭ يوۋشيا قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.