شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 23 ـ قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى

日期:2023年07月06日
来源:天山网
【字体:

ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

7 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا سىنلىق شەكىلدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 23 ـ قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

7 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا سىنلىق شەكىلدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 23 ـ قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شېن خۇڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جېڭ مىڭدا) دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 7 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا سىنلىق شەكىلدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 23 ـ قېتىملىق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم «ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن تېمىدا مۇھىم سۆز قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 10 يىل ئىلگىرى، دۇنيانىڭ ئۆزگىرىشى، دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى، تارىخنىڭ ئۆزگىرىشى ئالدىدا، مەن ئىنسانلار ئوخشاش بىر يەرشارى كەنتىدە ياشاپ، بارغانسېرى بىر ـ بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان تەقدىرداش ئورتاق گەۋدىگە ئايلانماقتا، دەپ ئوتتۇرىغا قويغانىدىم. 10 يىلدىن بۇيان، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دائىرىدە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىپ، ئىدىيەدىن ھەرىكەتكە، ئارزۇدىن رېئاللىققا ئايلانماقتا. بۇ جەرياندا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، «شاڭخەي روھى»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلدى. بىز ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، جاپا ـ مۇشەققەتتە بىللە بولۇشتەك ئېسىل ئەنئەنىگە ئەمەل قىلىپ، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغداشنى قەتئىي قوللاپ، ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىش يولىدىكى ئىشەنچلىك ھەمراھىغا ئايلاندۇق؛ بىز ئورتاق بولۇش، ئۇنىۋېرسال بولۇش، ھەمكارلىشىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولۇشتىن ئىبارەت خەۋپسىزلىك قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى مۇۋاپىق كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېتىبار بىلەن قاراپ، تۈرلۈك ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك ۋە غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك خىرىسلىرىغا بىرتۇتاش پىلانلاپ تاقابىل تۇرۇپ، رايون تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى ئورتاق قوغدىدۇق؛ بىز ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە رايون ھەمكارلىقى تەشەببۇسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ ماس، ھەمتۈرتكىلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردۇق؛ بىز ئىناق قوشنا بولۇپ دوستانە ئۆتۈش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، مەدەنىيلىكتە باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، سۆھبەتلىشىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ تىنچ بىللە تۇرۇشى، ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى تەشەببۇس قىلدۇق؛ بىز خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، زومىگەرلىك، زوراۋانلىق، مۇشتۇمزورلۇق قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇپ، سۆزلىشىش، قارشىلاشماسلىق، ھەمراھ بولۇش، ئىتتىپاق تۈزمەسلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشتىكى ئىلغار كۈچلەرنى زورايتتۇق.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيادا قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتتى، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن خىرىسقا دۇچ كەلدى. ئىتتىپاقلىشىش كېرەكمۇ ياكى بۆلۈنۈش كېرەكمۇ؟ تىنچ ئۆتۈش كېرەكمۇ ياكى توقۇنۇشۇش كېرەكمۇ؟ ھەمكارلىشىش كېرەكمۇ ياكى قارشىلىشىش كېرەكمۇ؟ بۇ يەنە بىر قېتىم دەۋرنىڭ سوئالىغا ئايلاندى. مېنىڭ جاۋابىم شۇكى، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى بىزنىڭ ئىنتىلىشىمىز، تىنچلىق، تەرەققىيات، ھەمكارلىق، ئورتاق نەپ ئېلىشتىن ئىبارەت دەۋر ئېقىمىنى توسۇۋالغىلى بولمايدۇ. بىز دەۋر يۈكلىگەن ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداشقا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.

بىرىنچى، توغرا يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىتتىپاقلىق، ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىز پەقەت ئومۇمىي ۋەزىيەتنى قەلبىمىزگە پۈكۈپ، مەسئۇلىيەت، بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، تۈرلۈك كاشىلىلارنى تۈگەتسەكلا، ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى ياخشى قوغدىيالايمىز، ياخشى ئىشقا ئاشۇرالايمىز. ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپنى تۈگىتىش، ھەمكارلىشىش ئارقىلىق رىقابەتتىن ھالقىشنى تەشەببۇس قىلىپ، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلىرىگە ھەقىقىي ھۆرمەت قىلىپ، بىر ـ بىرىنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى قەتئىي قوللاش كېرەك. رايوننىڭ ئومۇميۈزلۈك ۋە يىراق كەلگۈسى مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، تاشقى سىياسەتنى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ھالدا تۈزۈپ، ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتى، ئىلگىرىلىشى، ئىستىقبالى، تەقدىرىنى ئۆز قولىدا مەھكەم ئىگىلەش كېرەك.

ئىككىنچى، رايون تىنچلىقىنى قوغداپ، ئورتاق خەۋپسىزلىككە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپ، زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقئارا ۋە رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، رايون خەۋپسىزلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەشنى خالايدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، «شەرقىي تۈركىستان» قاتارلىق «ئۈچ خىل كۈچ»كە، زەھەر ئەتكەسچىلىكىگە، تور ۋە دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتكە قاتتىق زەربە بېرىپ، سانلىق مەلۇمات خەۋپسىزلىكى، بىيوخەۋپسىزلىك، سىرتقى ھاۋا بوشلۇقى خەۋپسىزلىكى قاتارلىق غەيرىي ئەنئەنىۋى خەۋپسىزلىك ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش كېرەك. ئافغانىستانغا قوشنا دۆلەتلەر ماسلىشىش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمى قاتارلىق سۇپىلارنىڭ رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئافغانىستاننىڭ تىنچ قايتا قۇرۇش يولىدا مېڭىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئۈچىنچى، دىققەتنى ئەمەلىي ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ جانلىنىشىنى تېزلىتىش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىش توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قورۇقچىلىققا، يەككە تەرەپلىمە جازا يۈرگۈزۈشكە، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۇقۇمىنى كېڭەيتىشكە قارشى تۇرىدۇ، «تام قوپۇرۇپ قورۇق سېلىش» «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش» بىلەن شۇغۇللىنىشقا قارشى تۇرۇپ، تىرىشىپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى «تورتى»نى چوڭايتىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ 3 ـ نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىگە قاتنىشىپ، بىرلىكتە دۇنياغا بەخت يارىتىدىغان بۇ بەخت يولىنى تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ يىراققا يەتكۈزۈشىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگو تەرەپ بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئۆز پۇلى بىلەن راسچوت قىلىش ئۈلۈشىنى كېڭەيتىپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ تەرەققىيات بانكىسى قۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش تەكلىپىنى بېرىدۇ.

تۆتىنچى، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ بىرلىكتە يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكنىڭ سىغدۇرۇشچان بولۇشى، ئورتاق مەۋجۇت بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى قارشى ئالىدۇ. مائارىپ، پەن ـ تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە، تاراتقۇ قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. كەلگۈسى ئۈچ يىلدا، جۇڭگو تەرەپ بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنى خەلقئارا جۇڭگو تىل ـ يېزىقى ئوقۇتقۇچىلىرى ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئۈچۈن 1000 سان بىلەن، «خەنزۇ تىلى كۆۋرۈكى» يازلىق لاگېرى ئۈچۈن 3000 سان بىلەن تەمىنلەيدۇ، 100 نەپەر ياش ئالىمنى جۇڭگوغا كېلىپ پەن تەتقىقات ئالماشتۇرۇشقا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ.

بەشىنچى، كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما ۋە خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغداپ، زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قارشى تۇرۇپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھوقۇق ـ مەنپەئەت ئادىللىقى، پۇرسەت ئادىللىقى، قائىدە ئادىللىقىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈش ئورتاق تىرىشىش داۋامىدا ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىرلىكتە دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەرشارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپىكارى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، جۇڭگو خەلقى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ. بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئارقىلىق، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز.

شى جىنپىڭ ئەڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: داغدام يولدا يالغۇز قالماسلىق ئۈچۈن ھەممە قول تۇتۇشۇپ يىراققا يۈرۈش قىلىش كېرەك. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بۈگۈنكى دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلاشقان، ئىنسانلارنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ماس كەلگەن بولۇپ، بىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىمىزدا چوقۇم ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىدۇ.

يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە ئىجابىي باھا بەردى، ئىراننىڭ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى»گە رەسمىي ئەزا بولغانلىقىنى قارشى ئالدى، بېلارۇسىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كىرىش تەرتىپىنى تېزدىن تاماملىشىغا تەقەززا بولدى. ھەرقايسى تەرەپلەر مۇنداق بىلدۈردى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۈزلۈكسىز زورىيىپ، خەلقئارادىكى تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستانە بولۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداش، رايون ۋە دۇنيانىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشۇپ، ئۆزئارا ئىشىنىش، باراۋەر سۆھبەتلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. «شاڭخەي روھى»نى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، رايون ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى قارشىلىشىشقا قارشى تۇرۇش، بۆلگۈنچىلىك ۋە كەمسىتىشكە قارشى تۇرۇش كېرەك. رايوننىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشى، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشى ۋە چوڭ يول قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى ياۋروپا − ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى قوللاپ، ئىقتىساد ـ سودا، پۇل مۇئامىلە، ئېنېرگىيە، پەن ـ تېخنىكا، مۇھىت قوغداش، رەقەملىك ئىقتىساد، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئاشلىق، ئېنېرگىيە كىرىزىسى ھەم كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق يەرشارىۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش كېرەك. تېررورىزم قاتارلىق «ئۈچ خىل كۈچ»كە ئورتاق زەربە بېرىپ، رايون خەۋپسىزلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك.

ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشى يېڭى دېھلى خىتابنامىسى»نى ئىمزالىدى ۋە ئېلان قىلدى، ئەسەبىيلىككە زەربە بېرىش ھەمكارلىقى توغرىسىدىكى باياناتنى، رەقەملەشكەن تىپ ئۆزگەرتىش ساھەسىگە دائىر ھەمكارلىق توغرىسىدىكى باياناتنى ئورتاق ئېلان قىلدى، ئىرانغا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلىك ئورنىنى بېرىش توغرىسىدىكى، بېلارۇسىيەنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشتىكى مەجبۇرىيەت ئەسلەتمىسىنى ئىمزالاش توغرىسىدىكى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2030 ـ يىلىغىچە بولغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى توغرىسىدىكى بىر قاتار قارارلارنى تەستىقلىدى.

يىغىندا: قازاقىستاننىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 2023 ـ يىلىدىن 2024 ـ يىلىغىچە بولغان نۆۋەتچى رەئىس دۆلەتلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشى قارار قىلىندى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولغان ھىندىستاننىڭ زۇڭلىسى مودى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرىدىن قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپپاروف، پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەردىن بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو، ئىران زۇڭتۇڭى لەيشى، موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كۈرىلسۇخې، رەئىس دۆلەتنىڭ مېھمىنىدىن تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوف، ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى گۇتېررېس، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رايون تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئاپپاراتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق خەلقئارا ۋە رايون تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى.

سەي چى، ۋاڭ يى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.