جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەملىكەتلىك 19 ـ قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى

日期:2023年06月21日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، دىڭ شۆشياڭ، لى شى يىغىنغا كېلىپ تەبرىكلىدى سەي چى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى

6 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەملىكەتلىك 19 ـ قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. سۈرەتتە: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس سەھنىسىدە يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەرگە ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە.□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

6 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەملىكەتلىك 19 ـ قۇرۇلتىيى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئېلىپ، يىغىننىڭ ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلىدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەملىكەتلىك 19 ـ قۇرۇلتىيى 6 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى يىغىنغا كېلىپ تەبرىكلىدى، سەي چى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.

خەلق سارىيىنىڭ چوڭ زالىدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى، كەيپىيات قىزغىن ئىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەملىكەتلىك 19 ـ قۇرۇلتىيى» دېگەن لوزۇنكا ئېسىلغانىدى، كەينىدىكى پەردىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا كۆزنى چاقنىتىدىغان ئىتتىپاق گېربى ئېسىلغان بولۇپ، ئوتقاشتەك ئون قىزىل بايراق ئىككى تەرەپكە تىزىلغانىدى. 2 ـ قەۋەتتىكى كۆرۈش سۇپىسىغا «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، كەڭ ياشلارنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە يېتەكلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى!» دېگەن پىلاكات ئېسىلغانىدى. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى 19 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن 1500گە يېقىن ۋەكىلى 73 مىليوندىن ئارتۇق كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزاسىنىڭ مۇھىم تاپشۇرۇقىنى زىممىسىگە ئېلىپ قۇرۇلتايغا قاتناشتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قاتارلىقلار يىغىن مەيدانىغا كىرگەندە، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

يىغىن ھەيئەت رىياسىتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئا دۇڭ يىغىننىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى، ئىتتىپاق مارشىنى ئۈنلۈك ئېيتتى.

ئارقىدىن، پىيونېرلار ئەترىتىنىڭ سەككىز ئەزاسى يىغىندا بېغىشلىما سۆزى قىلدى. ئۇلار ياڭراق ئاۋازى بىلەن كىچىكىدىن باشلاپ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، پارتىيە ئۈچۈن ئىختىساسلىقلاردىن بولۇش، دۆلەت ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاشقا ئىرادە باغلايدىغانلىقىدىن ئىبارەت قەتئىي ئىرادىسىنى بىلدۈردى.

سەي چى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە شانلىق ياشلىق سەھىپىسىنى پۈتەيلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى. سەي چى قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت ياشلار، بارلىق كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئەزالىرى، كەڭ ئىتتىپاق كادىرلىرى ۋە ياشلار، ئۆسمۈرلەر خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى.

سەي چى سۆزىدە مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەملىكەتلىك 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ياشلار خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇردى ۋە ئىدارە قىلدى، بۇنىڭ بىلەن كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، يېتەكلەش كۈچى، تەشكىللەش كۈچى، مۇلازىمەت كۈچى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە ياشلار پارتىيە ۋە خەلقنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ياشلىق قىزغىنلىقى بىلەن «ساپ مۇھەببىتىم پەقەت جۇڭگو ئۈچۈندۇر» دېگەن دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ياڭرىتىپ، ياشلىق ھەرىكىتى ئارقىلىق «پارتىيە خاتىرجەم بولۇڭ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا مەن بار» دېگەن جاراڭلىق قەسىمىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى.

سەي چى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ياشلىرى ۋە جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتى ئەزەلدىن دەۋر بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىش داۋامىدا ياشلىق بۇرچىنى نامايان قىلىپ، دەۋرنىڭ ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولۇش داۋامىدا ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ كەلدى. سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى، شۇنداقلا يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتى ۋە ياشلار خىزمىتىنىڭ روشەن باش تېمىسى. كەڭ ياشلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تەلىمىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايىلىك، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالىدىغان، جاپاغا چىدايدىغان، كۈرەش قىلىشنى خالايدىغان يېڭى دەۋردىكى ياخشى ياشلاردىن بولۇشقا ئىرادە باغلاپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان، خەلققە يۈز كېلەلەيدىغان، تارىخقا يۈز كېلەلەيدىغان يېڭى ياشلىق نەتىجىلىرىنى داۋاملىق يارىتىشى كېرەك. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ھەر ۋاقىت پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا ئۆلچەم بويىچە، تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ خىزمەتلەرنى پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، كەڭ ياشلارنى يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە، يېڭى دەۋردە تۆھپە يارىتىشقا تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنى قاتتىق باشقۇرۇپ ۋە ئىدارە قىلىپ، ھەر تەرەپلىمە، يۇقىرى ئۆلچەمدە تاۋلاش جەريانىدا كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ كۆتۈرەڭگۈ ھالدا ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان روھىي قىياپىتىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتى ۋە ياشلار خىزمىتىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.

جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، شۇجىچۇنىڭ 1 ـ شۇجىسى شۈ ليۇپىڭ جۇڭخۇا مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى، جۇڭگو ئەدەبىيات ـ سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى، جۇڭگو پەن ـ تېخنىكا جەمئىيىتى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك ۋەتەنگە قايتقان جۇڭگولۇق چياۋمىنلار بىرلەشمىسى، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن قۇرۇلتايدا تەبرىك سۆزى قىلدى. تەبرىك سۆزىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئېسىل ئەنئەنىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەرقايسىسى ئۆز ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقە باغلىغان ئاممىنى تېخىمۇ تولۇپ تاشقان ئىشەنچ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھ بىلەن پارتىيەگە ئەگىشىپ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش داغدام يولىدا مېڭىشقا يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.

ئا دۇڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى 18 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، كەڭ ياشلارنى سەپەرۋەر قىلىپ ۋە يېتەكلەپ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەردى. دوكلات ئون قىسىمغا بۆلۈنگەن: ئىنقىلاب خاراكتېرلىك چېنىقىش داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى؛ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشى؛ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىگە بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىش؛ ياشلارنى ئىدىيەۋى ـ سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەشنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش؛ ياشلارنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى جەڭگىۋار قوشۇن بولۇشقا تەشكىللەش؛ ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە تەرەققىياتىغا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مۇلازىمەت قىلىش؛ ياشلار ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىش؛ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ ياشلىق كۈچىنى مۇجەسسەملەش؛ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش؛ قەتئىي تەۋرەنمەي كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتتىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ھەرقايسى خەلق تەشكىلاتلىرى، بېيجىڭ شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، بېيجىڭدىكى دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان، ئىلگىرى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىدا خىزمەت قىلغان قىسمەن پېشقەدەم يولداشلار، پايتەختتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئىتتىپاق ئەزالىرى، ياشلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلار ئېچىلىش يىغىنىغا قاتناشتى.