شى جىنپىڭ يەرشارىۋى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

日期:2023年06月16日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى تېلېگراممىسى 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ يەرشارىۋى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، ئىنسانلار يەنە بىر قېتىم تارىخنىڭ تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرماقتا، يەرشارىۋى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىش كەسكىن خىرىسقا دۇچ كەلدى. بىز خەۋپسىزلىك ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىپ، تىنچ تەرەققىيات يولىدا بىرلىكتە مېڭىپ، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىنچ - ئامان مۇھىت يارىتىش؛ تەرەققىيات ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، تەرەققىياتنىڭ سىغدۇرۇشچانلىقى، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىقى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ھەرقايسىسى ئۆز خاسلىقىغا ئىگە بولغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئارقىلىق ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقتىن ئادىل بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ھەمكارلىق ئارقىلىق كىشىلىك ھوقۇقنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، كىشىلىك ھوقۇق مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىلگىرىلىشىگە ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى تەشەببۇس قىلىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، دەۋر ئېقىمىغا ماس كېلىدىغان، ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش مۇساپىسىدە كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتلەندۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئادەمنىڭ ئەركىن، ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە، «ۋىيېننا خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى»نىڭ روھىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، يەرشارىۋى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، ھەققانىي، مۇۋاپىق، سىغدۇرۇشچان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇشنى خالايدۇ.

يەرشارىۋى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىش يۇقىرى دەرىجىلىكلەر مۇنبىرىنى گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە دۆلەت خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىق مەھكىمىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بولۇپ، باش تېمىسى «باراۋەرلىك، ھەمكارلىق، تەرەققىيات: <ۋىيېننا خىتابنامىسى ۋە ھەرىكەت پىروگراممىسى> ماقۇللانغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى ۋە يەرشارىۋى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىش» بولۇپ، مۇنبەر 6 - ئاينىڭ 14 - كۈنى بېيجىڭدا باشلاندى.