باش شۇجىغا ئەگىشىپ ئىناق بىللە ئۆتۈشتەك جۇڭگو ئەقىل ـ پاراسىتىنى ھېس قىلىش

日期:2023年06月12日
来源:天山网
【字体:

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى جۇ جىچەي، خۇاڭ يۆ

خۇاڭخې دەرياسىنىڭ «几» خېتى شەكىللىك ئەگمىسى توققۇز ئەگىم شەكلىدىكى خۇاڭخې دەرياسىنىڭ جانلىق، كۈچلۈك بىر قىسمى.

ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭدىن ئىچكى موڭغۇلنىڭ باياننورغا بېرىشتا، شەرق ـ غەرب يۆنىلىشىدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئاساسىي جەھەتتىن يىنشەن تاغ تىزمىسىنى بويلاپ ماڭىدۇ. باياننور ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەندە، ئايروپىلان دېرىزىسىدىن مۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ:

ئەگرى ـ بۈگرى ئېقىپ كەلگەن خۇاڭخې دەرياسى يىنشەن تاغ تىزمىسى بىلەن ئۇچراشقاندا يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ شەرققە قاراپ ئاقىدۇ. ئېگىز قەد كۆتۈرگەن يىنشەن تېغى خۇددى غايەت چوڭ پەردىگە ئوخشايدۇ، ئەگرى ـ بۈگرى ئېقىۋاتقان خۇاڭخې دەرياسى خۇددى بىر غايەت زور ئەجدىھاغا ئوخشايدۇ. يىنشەن تېغى قورشاپ مۇھاپىزەت قىلىپ تۇرىدىغان، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان، غايەت زور ئەجدىھانىڭ دۈمبىسىگە توغرا كېلىدىغان جاي دەل دۇنياغا داڭلىق خېتاۋ تۈزلەڭلىكى.

خۇاڭخې دەرياسىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدا كۆپچى قۇملۇقى سوزۇلۇپ ياتقان بولۇپ، كۆز يەتكۈسىز ئىدى. كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان يېشىللىقلار گاھى نۇقتىلارنى تۇتاشتۇرۇپ لىنىيە ھاسىل قىلسا، گاھى تۇتىشىپ ئورمان ھاسىل قىلىپ، پايانسىز قۇملۇق بىلەن گىرەلىشىپ كۈچ سىناشماقتا ئىدى...

ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشى بۇ يەردە ھەيۋەتلىك، گۈزەل داستاننى پۈتۈپ چىقتى.

6 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، دەل دۇنيا مۇھىت كۈنىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ باياننورغا كەلدى. «قۇم» بۇ قېتىمقى سەپەرنىڭ باش تېمىسى بولدى.

ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىكى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندىكى ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىش نەق مەيدانى ئېسىمىزدە. «تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاش كېرەك، بۇ يەرگە <قۇم> دېگەن سۆزنى قوشۇش كېرەك»، باش شۇجى جانلىق ۋە تەسىرلىك سۆزلىدى، ئاڭلىغۇچىلار يېپيېڭى تەسىراتقا ئىگە بولدى.

بۇ قېتىم كەلگەندە، باش شۇجى بىر مۇھىم يىغىن − چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. باش شۇجىنىڭ قەلبىدە بۇ يىغىن «بەلگە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە».

بۇ قېتىمقى يىغىننى ياخشى ئېچىش ئۈچۈن، باش شۇجى كۆل، ئېتىز، ئورمان، قۇملۇق، سۇنىڭ ھەممىسىنى كۆردى:

ئالدى بىلەن ئۇلاستاي كۆلىگە بېرىپ كۆلنى كۆردى؛ ئاندىن ئۇلاستاي كۆلىنىڭ جەنۇبىي قىرغىقىدىكى زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش باغچە رايونىغا بېرىپ ئېتىزلارنى كۆردى؛ لىنخې رايونىدا دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىنخۇا ئورمانچىلىق مەيدانىغا كىرىپ ئورمان ۋە قۇمنى كۆردى؛ خېتاۋ سۇغىرىش رايونىنىڭ سۇ مىقدارىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ كۆزىتىپ ئۆلچەش مەركىزىگە بېرىپ سۇ ۋە ئۆستەڭنى كۆردى.

ئۇلاستاي كۆلى بويىغا كەلمەي تۇرۇپلا قۇشلارنىڭ ئۈزۈلدۈرمەي سايراۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلىدى. كۆك ئاسمان زۇمرەتتەك سۇغا ھۆسن قوشقان بولۇپ، كەڭ كەتكەن كۆل يۈزىدە قومۇشلار ئىرغاڭلاپ، قۇشلار پەرۋاز قىلىۋاتاتتى.

بۇ «چېگرا بوستانلىقىدىكى مەرۋايىت» بىرمەھەل بۇلغىنىش سەۋەبلىك كۆمۈلۈپ قالغانىدى. باش شۇجى كۆپ قېتىم مۇھىم تەستىقىي يوليورۇق بەردى.

كۆرگەزمە تاختىسى ئالدىدا، شۇ جايدىكى مەسئۇل يولداش مۇنداق دوكلات قىلدى: ئەڭ دەسلەپكى «سۇدا مەسىلە بولسا سۇنىلا تىزگىنلەش» ئۇزاققىچە ئۈنۈم بەرمىدى. باش شۇجىنىڭ ئۇنىۋېرسال تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش ئىدىيەسىنى قوللانما قىلىپ، مەسىلىنىڭ كۆلدە، يىلتىزىنىڭ قىرغاقتا ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، قۇمنى تىزگىنلەپ ئورمان بىنا قىلىش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دائىرىلىك، مەنبەلىك بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، شەھەر ـ بازار تۇرمۇش يۇندىسىنى بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى كۆپ تەرەپتىن تەڭ تۇتتۇق، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى.

ئۇلاستاي كۆلى بويىدا، شۇ جايدىكى كىشىلەر «تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇق ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى» دېگەن سۆزنى بەلگە تاختىسىغا باستى، شۇنداقلا قەلبىگە ئويدى.

بارچە مەۋجۇدات ئىناق ئۆتۈپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ھەرقايسىسى مۇناسىپ ئوزۇقلۇققا ئېرىشىپ ئۆسۈپ يېتىلىدۇ.

پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، «تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل»گە «ئوتلاق»، يەنە «قۇملۇق» قوشۇلدى.

بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى سىستېما قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

دۆلىتىمىز دۇنيادىكى چۆللىشىش ئەڭ ئېغىر دۆلەتلەرنىڭ بىرى، ھازىر بار بولغان چۆللەشكەن يەر كۆلىمى 2 مىليون 573 مىڭ 700 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۆلەت زېمىنى ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ تەخمىنەن %26.81ىنى ئىگىلەيدۇ، ئاساسلىقى ئۈچ شىمال رايونىغا تارقالغان.

تۆتتىن بىر قىسىمدىن ئارتۇق دۆلەت زېمىنى كۆلىمىدە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ۋەزىپىسىنى مۈشكۈل دېمەي بولمايدۇ.

دەل شۇنداق بولغاچقا، شەرقتىن غەربكە 4400 كىلومېتىردىن ئارتۇق سوزۇلغان «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى جۇڭگونىڭ «يېشىل سېپىل»ى، «ئېكولوگىيەنى تۈزەشتىكى خەلقئارالىق ئۈلگە» دەپ تەرىپلەندى.

شىنخۇا ئورمانچىلىق مەيدانىغا كىرسىلا، ئادەم بىلەن ۋاقىتنىڭ كۈچىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

تېرەك، سۆگەت، بۇيا، جىرمە، موڭغۇلىيە مونچاققورىيى... دەرەخ، چاتقاللار قەيسەرلىك بىلەن ئۈنۈمسىز تۇپراقتا يىلتىز تارتىپ، قەتئىيلىك بىلەن يۇقىرىغا قاراپ مەغرۇر ئۆسكەن.

باش شۇجى ئوڭغۇل ـ دوڭغۇل يولنى بېسىپ، تىزگىنلىنىۋاتقان قۇملۇققا كىرىپ، يىللاپ، كۈنلەپ تىكىپ ئۆستۈرۈلگەن دەرەخلەرگە ئۇزاققىچە سىنچىلاپ قاراپ، ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «<ئۈچ شىمال> ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا ئوخشاش مۇشۇنداق مۇھىم، زور ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدىلا ۋۇجۇدقا چىقارغىلى بولىدۇ».

قۇم بارخانلىرى ئۈستىدە قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بىر قاتار تېرەككە قاراپ، شۇ جايدىكى كادىر مۇنداق دېدى: كۆرۈپ تۇرغىنىمىز مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان تېرەكلەر، ھەر يىلى قايتا ـ قايتا تولۇقلاپ تىكىۋاتقانلىقىمىزنى باشقىلار كۆرمەيدۇ، ئورمانغا ئايلانغاندىن كېيىن، ئۇلار بەئەينى بىر چۈشۈرگىدەك قۇملۇقنى مەھكەم تۇراقلاشتۇرۇپ تۇرىدۇ. بۇ، قۇم تىزگىنلىگۈچىلەرنىڭ چىدامچانلىقى.

بىر قويۇق تېرەكلىككە كىرگەندە، ئورمان، ئوت ـ چۆپلەرنى پىششىق بىلىدىغان مۇتەخەسسىس مۇنداق دېدى: ئەي بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئەينى يىلى كۆچەت تىككەندە قەلەمچە قىلىپ تىكىش ئۇسۇلى قوللىنىلغان، قۇم تىزگىنلىگۈچىلەر پۈتۈن بىر باغلام كۆچەتنى قۇمغا سانجىغان، بۇلار زىچ، قويۇق ئۆسۈپ خۇددى بىر يېشىل تامغا ئوخشاپ قالدى. بۇ، قۇم تىزگىنلىگۈچىلەرنىڭ غەيرىتى.

ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى پېشقەدەم ئىشچى مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئادەم كۈچى بىلەن كۆچەت تىكىش ناھايىتى جاپالىق ئىدى، كېچە ـ كۈندۈز قۇملۇقتا ئېڭىشىپ ئورەك كولايتتۇق، كۆچەت تىكەتتۇق، سۇغىراتتۇق، «بىر تۈپ كۆچەت تىكىش ئۈچۈن ئۈچ قېتىم باش ئۇراتتۇق». بۇ، قۇم تىزگىنلىگۈچىلەرنىڭ شىجائىتى.

«ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنىڭ ئارقىسىدا يەر ـ جاھاننى زىلزىلىگە سالىدىغان نۇرغۇنلىغان قەھرىمانلىق ھېكايىلىرى بار.

بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى «ئۈچ شىمال روھى» ئۈستىدە توختالدى ھەم ئۆزى كۆرگەن ئۆمۈر بويى قۇمنى تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرغان ئاشۇ كىشىلەرنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن تىلغا ئالدى: نىڭشيادىكى «قۇم تىزگىنلەش قەھرىمانى» ۋاڭ يوۋدې، گەنسۇ بابۇشا ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى «ئالتە بوۋاي»، سەيخەنبا ئورمانچىلىق مەيدانى كۆزىتىش مۇنارىدا ئورمان مۇھاپىزەتچىسى بولغان ئەر ـ خوتۇن...

دەل ئاشۇ سانسىزلىغان ئاددىي كىشىلەر ئۇزاق يىل ئاز ـ ئازدىن تۆھپە قوشۇش ئارقىلىق، ئەۋلادتىن ـ ئەۋلادقا نەپ يەتكۈزۈپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ سۈنئىي ئورمان كۆلىمى بەرپا قىلىشتەك يېشىللىق مۆجىزىسى ياراتتى.

«بۇ ئىشتا توختاپ قېلىشقا بولمايدۇ، بوشىشىپ قېلىشقا بولمايدۇ».

تەكشۈرۈش جەريانىدا، باش شۇجى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشنى «تاشنى دومىلىتىپ تاغقا ئېلىپ چىقىش»قا ئوخشىتىپ، «سەللا دىققەت قىلمىساق چوڭ تاش دومىلاپ چۈشىدۇ» دېدى ھەم چوڭقۇر مەنىلىك قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى قىلىشتا، يۇقىرىدا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىغا يۈز كېلەلىشىمىز، تۆۋەندە ئەۋلادلىرىمىزغا جاۋاب بېرەلەيدىغان بولۇشىمىز كېرەك».

قىلچە بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ، جەزمەن پەيتنى قولدىن بەرمەسلىك كېرەك.

باش شۇجى مۇنداق چاقىرىق قىلدى: «بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، جاپا ـ مۇشەققەتتىن قورقماي، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تىرىشىپ يېڭى دەۋردە جۇڭگونىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش يېڭى مۆجىزىسىنى يارىتىش كېرەك».

يىنشەن تېغى ئېتىكى، خۇاڭخې دەرياسى بويىدا، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدىكى «ئالتىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش» توغرىسىدىكى بايانلار ئۆزلەشتۈرۈلدى، بىز دوكلاتتىكى بۇ ھۆكۈمگە قارىتا تېخىمۇ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇق: «بارلىق شەيئىلەر بىر ـ بىرىگە باغلىنىدۇ، بىر ـ بىرىگە تايىنىدۇ. شەيئىلەرنى ئومۇميۈزلۈك باغلىنىشلىق، ئەتراپلىق ـ سىستېمىلىق بولغان، تەرەققىي قىلىدىغان، ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان نۇقتىئىنەزەر بىلەن كۆزەتكەندىلا، شەيئىلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ».

جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش داۋاملاشما قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىۋاتقاندا، باش شۇجى چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ئېكولوگىيە ـ مۇھىتنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىش، بۇنىڭدا ھەم ئادەمنىڭ تەبىئەت ئۈستىدىن غالىب كېلىشىگە ئەھمىيەت بېرىش، ھەم ئادەم بىلەن سۇنىڭ ئىناق ئۆتۈشىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك».

سۇنى تىزگىنلەشمۇ شۇنداق، قۇمنى تىزگىنلەشمۇ ھەم شۇنداق. «ئادەمنىڭ تەبىئەت ئۈستىدىن غالىب كېلىشىگە ئەھمىيەت بېرىش» بىلەن «تەبىئەت بىلەن ئادەم بىر گەۋدە بولۇش» ھەرگىز زىددىيەتلىك ئەمەس.

خېتاۋ سۇغىرىش رايونى سۇ مىقدارىنى ئۇچۇرلاشتۇرۇپ كۆزىتىپ ئۆلچەش مەركىزىنىڭ قۇم مودېلى ئالدىدا باش شۇجى خېلى ئۇزاق تۇردى. تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدىن تاغ ـ دەريا، جۇغراپىيەگىچە، قۇرۇلۇش تېخنىكىسىغىچە، باش شۇجى تونۇشتۇرۇشنى تەپسىلىي ئاڭلاپ، «جاھانغا داڭلىق خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدىكى بىردىنبىر مۇنبەت تۈزلەڭلىك»نىڭ ئىچكى مېخانىزمى توغرىسىدا ئويلاندى.

«باش غول ئۆستەڭ − غول ئۆستەڭ − تارماق غول ئۆستەڭ − تارماق ئۆستەڭ − ئوق ئۆستەڭ − سۇغىرىش ئېرىقلىرى − ئېرىقچە»، خېتاۋ تۈزلەڭلىكىدىكى يەتتە دەرىجىلىك سۇغىرىش ـ زەي چىقىرىۋېتىش سىستېمىسى خۇددى ئادەم بەدىنىدىكى قان ـ تومۇرغا ئوخشاش كېڭىيىپ تارقالغان. 11 مىليون مودىن ئارتۇق تېرىلغۇ يەر بار بۇ تۈزلەڭلىكتە، سۇغىرىش ـ زەي چىقىرىۋېتىش يولىدىن 103 مىڭ 600ى بار بولۇپ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 64 مىڭ كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ، يەر شارىدىكى ئېكۋاتورنى بىر يېرىم ئايلانغانغا باراۋەر. غەربى ئېگىز، شەرقى پەس بولغان يەر شەكلىگە ئەگىشىپ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۈيى ئۆزلۈكىدىن ئېقىپ مۇنبەت دالىلارنى سۇغىرىپ ئوزۇقلاندۇرۇپ، گۈزەل ئاشلىق ئامبىرى بەرپا قىلىپ، ئادەم بىلەن سۇ ئىناق ئۆتۈشنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتتى.

«ئۆستەڭ چاپقان كىشىنىڭ نامى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ، تارىختا نامى قالىدۇ!» «ئۇ كەلگۈسىدە يۈز يىللىق، مىڭ يىللىق ئۇلۇغ ئىش سۈپىتىدە ساقلىنىپ قالىدۇ.» باش شۇجى ماختاپ مۇنداق دېدى: «سۇغىرىش ئۆستىڭى قۇرۇلۇشىنى كۆرۈپ، مەن ناھايىتى ھاياجانلاندىم، بىرى بىزنىڭ ئەۋزەل تەبىئىي بايلىق شارائىتىمىز، يەنە بىرى نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيانقى ئەمگەكچان، باتۇر جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىجادىيىتى ئىكەن، ئىنتايىن قىممەتلىك».

دايۈنىڭ سۇ ئاپىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تىزگىنلىيەلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇ سۇنىڭ ئېقىتىش قانۇنىيىتىنى يەكۈنلەپ، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، ۋەزىيەتنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ ئىش تۇتقان. جاھاندا نېمە ئۈچۈن پەقەت خېتاۋ رايونىلا خۇاڭخې دەرياسىنى تىزگىنلەشتىن ئۆزگىچە مەنپەئەت ئالالىدى؟ بۇنىڭ جاۋابى: تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىش، تەبىئەتكە ماسلىشىش، تەبىئەتنى قوغداش، تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش، تەبىئەتنىڭ كۈچىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىش.

دەل مۇشۇ سەۋەبتىن، سۇنى تىزگىنلەش توغرىسىدا توختالغاندا، باش شۇجى مۇنداق ئەسكەرتتى: «خېتاۋ رايونىنىڭ شارائىتى ئەۋزەل، گەرچە سۇ كەمچىل بولمىسىمۇ، لېكىن سۇ بايلىقىنى تېجەپ، زامانىۋى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېزا ئىگىلىكى ۋە سۇ تېجەيدىغان كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇش كېرەك، باستۇرۇپ سۇغىرىشقا بولمايدۇ».

قۇمنى تىزگىنلەش توغرىسىدا توختالغاندا، باش شۇجى مۇنداق تاپىلىدى: «ھەم مۇۋاپىق بولمىغان جايدا قۇملۇقنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ، ھەم قاراپ تۇرۇشقا، قورقۇپ قېلىشقا بولمايدۇ. بەزى قۇملۇقلارنى ئۆزگەرتسىمۇ ياخشى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، بەزىلىرىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە قىلساق بولمايدۇ».

تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلارنى بېقىش كېرەك. «تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇق ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى»، بۇ بىر جۈملە سۆزنىڭ ئارقىسىدا يەنە: «ئادەم بىلەن تەبىئەت ھاياتلىق ئورتاق گەۋدىسى» دېگەن بىر جۈملە سۆزمۇ بار.

كىشىلەر تەبىئەتنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىسا، تەبىئەتمۇ چوقۇم كىشىلەرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمايدۇ. بۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي مەزمۇنى، شۇنداقلا تەبىئەت بىلەن ئادەم بىر گەۋدە بولۇش، شەيئىلەر بىر ـ بىرىگە زىيان يەتكۈزمەي بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتىن ئىبارەت جۇڭگو ئەقىل ـ پاراسىتى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئىچكى موڭغۇل، باياننور، 6 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)