قىسىمنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چېگرا مۇداپىئەسىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ ۋەتەننى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىدىغان پولات سېپىلنى بەرپا قىلىش كېرەك

日期:2023年06月10日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلدا چېگرانى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ۋە چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

قىسىمنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چېگرا مۇداپىئەسىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ ۋەتەننى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىدىغان پولات سېپىلنى بەرپا قىلىش كېرەك


6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلدا چېگرانى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ۋە چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، ئىچكى موڭغۇلدا تۇرۇشلۇق چېگرا مۇداپىئە قىسملىرىدىكى بارلىق يولداشلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلماقتا. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۆكخوت، 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر مېي چاڭۋېي) جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئىچكى موڭغۇلدا چېگرانى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ۋە چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن، ئىچكى موڭغۇلدا تۇرۇشلۇق چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىدىكى بارلىق يولداشلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېننى ئىزچىللاشتۇرۇپ، چېگرا مۇداپىئە خىزمىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، قىسىملارنىڭ ئومۇميۈزلۈك قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چېگرا مۇداپىئەسىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ ۋەتەننى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىدىغان پولات سېپىلنى بەرپا قىلىپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

6 - ئايدىكى ئىچكى موڭغۇل تۇپرىقىدا تاغلار يېشىللىققا پۈركىنىپ، يېشىل ئوت - چۆپلەر پاياندازدەك يېيىلغانىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لاردا، شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ھەربىي رايونى ئورگىنىغا كېلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، ئىچكى موڭغۇلدا تۇرۇشلۇق چېگرا مۇداپىئە لۈسى، ئىچكى موڭغۇل ھەربىي رايونىنىڭ ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتىنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلدا تۇرۇشلۇق چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىنىڭ خەۋپسىزلىك، مۇقىملىق توسۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن جارى قىلدۇرغان رولىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا مۇداپىئە خىزمىتى تۈزۈلمىسى تېخىمۇ تاكامۇللاشتى، كۈچى تېخىمۇ تولۇقلاندى، ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلاندى، پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، خەلقنىڭ بىرىكمە كۈچى ئارقىلىق چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەش ۋەزىيىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى. پۈتۈن ئارمىيەدىكى چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ تەدبىرى، يوليورۇقىنى ئىجرا قىلىپ، ئىسلاھات ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، چېگرا مۇداپىئە خەۋپسىزلىكى ۋە چېگرا رايونلارنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى كۈچلۈك قوغدىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا جەزمەن چېگرا رايونلارنى ئىدارە قىلىش كېرەك. چېگرا مۇداپىئە خىزمىتى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى زور ئىش بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە مۇناسىۋەتلىك، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە ۋە تاشقى خىزمەت پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسۋەتلىك، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغۋار ئىشىغا مۇناسىۋەتلىك. چېگرا مۇداپىئە خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە خەلق ئۈچۈن چېگرانى ياخشى ساقلاش، مۇداپىئەنى ياخشى مۇستەھكەملەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قىسىمنى ئىدىيە جەھەتتىن، سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش ۋە ئىگىلەشكە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاشتا قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزام، ئاممىۋى ئىنتىزام، تاشقى ئىشلار ئىنتىزامى ۋە مىللەت، دىن سىياسىتى تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، قىسىمنىڭ پاكلىقى، مۇستەھكەملىكى ۋە يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلىك بىرتۇتاش بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇرچ، ۋەزىپىگە زىچ يېقىنلىشىپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ ماسلىشىشچانلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، چېگرانى تىزگىنلەشتىكى ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىقتىدار قۇرۇلۇشى قەدىمىنى تېزلىتىپ، چېگرا مۇداپىئە ۋەزىپە ئىجرا قىلىش شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، چېگرانى باشقۇرۇش - تىزگىنلەش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئارمىيەنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، ھەربىي قائىدە، ھەربىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، قىسىمنىڭ تەربىيەلەش، باشقۇرۇش شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، دائىملىق، ئۇللۇق خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، قىسىم تەرتىپىنىڭ مۇنتىزىم، بىخەتەر، مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بىرىنچى سەپتىكى ئەسكەر يېتەكلىگۈچىلەرنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، چېگرا مۇداپىئە كەسپى ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى ناھايىتى جاپا تارتىدۇ، ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ ھال - ئەھۋالىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن يېقىنلىشىپ ئەمەلىي قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ دەل جايىدا بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ساقچى، خەلقنىڭ بىرىكمە كۈچى ئارقىلىق چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەش دۆلىتىمىز چېگرا مۇداپىئەسىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى. ئارمىيە پائال، تەشەببۇسكار بولۇپ يەرلىك بىلەن ئالاقىلىشىشى ۋە ماسلىشىشى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، يەرلىك ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتلەر چېگرا مۇداپىئە قىسىملىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە قوللىشى، دۆلەت چېگرا - دېڭىز مۇداپىئەسى كومىتېتى ۋە ھەر دەرىجىلىك چېگرا - دېڭىز مۇداپىئە كومىتېتلىرى فۇنكسىيەلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ، چېگرا مۇداپىئە خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

خې ۋېيدۇڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.