​ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننى ئىگىلەپ، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى موڭغۇل يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك

日期:2023年06月10日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى​

ئىستراتېگىيەلىك ئورۇننى ئىگىلەپ، يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى موڭغۇل يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك

​سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى


6 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ كۆكخوتتا ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى


6 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ كۆكخوت جۇڭخۇەن كەسىپلەر باغچىسىدا تەكشۈرۈشتە بولدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، كۆكخوت، 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىچكى موڭغۇل توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك بېكىتمىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپىنى زىچ چۆرىدەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىككە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىياتنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشقا پائال سىڭىشىپ ۋە مۇلازىمەت قىلىپ، «ئىككى توسۇق»، «ئىككى بازا»، «بىر كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى» قۇرۇشتا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى موڭغۇل يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈش كېرەك.

6 - ئاينىڭ 7 - كۈنىدىن 8 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ باياننور شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولغان ھەم چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندىن كېيىن، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سۈن شاۋچېڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ لىشيانىڭ ھەمراھلىقىدا، كۆكخوت شەھىرىگە كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ جۇڭخۇەن كەسىپلەر باغچىسىغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. باغچە رايونىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا، شى جىنپىڭ شۇ جاينىڭ يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىغا كېلىپ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى، باغچە رايونىدىكى كارخانىلارنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە يورۇقلۇق ۋولت ماتېرىياللىرى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش مۇقەررەر يول. ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېشىل ئېنېرگىيەنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسىنى زورايتىش، كۈچەيتىش ئىچكى موڭغۇل تەرەققىياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش. بۇ جەھەتتە ئىچكى موڭغۇلنىڭ يۆنىلىشى ئېنىق، يولى توغرا، كەلگۈسى ناھايىتى ياخشى، چوڭ نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ، ئىستىقبالى پارلاق. باغچە رايونىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا، شى جىنپىڭ ئۇزاتقىلى كەلگەن كارخانا خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: سىلەر كارخانا ۋە باغچە رايونىنى ياخشى باشقۇرۇپسىلەر، كۆرۈپ ناھايىتى ھاياجانلاندىم. ھازىر، بىز يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىمىزگە تايىنىش، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئارقىلىق پەن - تېخنىكا قىيىن ئۆتكىلىنى بۆسۈپ ئۆتۈشىمىز كېرەك. دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى بەرپا قىلىش ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋال ئاستىدا خەلق ئىگىلىكىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر، بۇ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ئايلىنىشقا قاتنىشىش بىلەن زىت ئەمەس. بىز يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويۇپ، ئىشىكنى كەڭ ئېچىۋېتىپ قۇرۇلۇش قىلىپ، بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭ كارخانا ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ داۋاملىق تىرىشىپ، ئۈزلۈكسىز نەتىجە يارىتىپ، تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئەۋزەل، خاس كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. ئىچكى موڭغۇل دۆلەتنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە ۋە ئىستراتېگىيەلىك بايلىق بازىسى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش بازىسى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ شىمالغا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇشتا چوقۇم مەۋقەنى مۇشۇ بايلىق جەھەتتىكى ئالاھىدىلىك ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئەۋزەل، خاس كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش، بايلىق تىپىدىكى رايونلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى نامايان قىلىدىغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىش كېرەك. ئېنېرگىيە كەسىپ ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋى ئېنېرگىيە ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ ئىشنى ياخشى قىلىش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك بايلىق ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك بايلىقنى قوغداش خاراكتېرلىك ئېچىش، يۇقىرى سۈپەتلىك پايدىلىنىش، قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە بايلىقىنى ئۆز جايىدا چوڭقۇر پىششىقلاشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك بايلىق كەسپىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك. دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىشنى يەر، پەن - تېخنىكا، ئۇرۇقلۇق مەنبەسى، سۇ، ئوت - چۆپ قاتارلىق جەھەتلەردىن باشلاپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايون ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى پۇختا ئەلالاشتۇرۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيەلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە - چوڭقۇر پىششىقلاش ۋە يېشىل، ئورگانىك ماركا يارىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ۋە جۇڭگو - موڭغۇلىيە - رۇسىيە ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشىغا پائال قاتنىشىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ شىمالغا ئېچىۋېتىشتىكى مۇھىم كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشنى تۇتاشتۇرۇشتا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى ۋە شەرقىي شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكە بىلەن بولغان تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىشقا تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش ئىچكى موڭغۇل جەزمەن ئەستە چىڭ ساقلاشقا تېگىشلىك «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى». تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، بېيجىڭ - تيەنجىننىڭ قۇم - بوران مەنبەسىنى تۈزەش، «ئۈچ شىمال» ئىھاتە ئورمىنى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش، ئوتلاق بىلەن چارۋىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، چارۋا بېقىشنى چەكلەش، ئوتلاقنى ئارام ئالدۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەبىئىي ئورماننى قوغداش ۋە سۇ - تۇپراقنى ساقلاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوتلاق، ئورمان، دەريا، كۆل، سۇلۇق يەرلەرنى ئارام ئالدۇرۇپ ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ يولغا قويۇپ، كۈلۈن كۆلى، ئۇلاستاي كۆلى، داغنۇر كۆلى قاتارلىقلارنىڭ سۇ ئېكولوگىيەسىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى تېزلىتىپ، چۆللىشىشنى تۈزەش ۋە سۇلۇق يەرنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئاتموسفېرا، سۇ، تۇپراق بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىي چېگراسىدا تۈمەن چاقىرىملىق يېشىل سېپىل بەرپا قىلىش كېرەك. «بوستانلىق ئىلگىرىلەش، قۇم چېكىنىش»تىن ئىبارەت ياخشى ۋەزىيەتنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ نۇقتىلىق رايونلاردا قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشنى كۆلەملەشتۈرۈپ قانات يايدۇرۇپ، قۇم تىزگىنلەش ئەندىزىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇم تىزگىنلەشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: پۈتۈن مەملىكەت نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەڭ مۈشكۈل ۋەزىپە چېگرادىكى بەزى مىللەتلەر رايونلىرىدا. چېگرادىكى بۇ مىللەتلەر رايونلىرىنى ئورتاق بېيىش يولىدا سەپتىن چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلققە ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ھەرىكەتتە ئىكەنلىكىنى، يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، سىياسەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەربىيەلەش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۈكنى يېنىكلىتىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەت - تەدبىرلەرنى دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك يولغا قويۇپ، كۆپ خىل يول ئارقىلىق جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مەدەت بېرىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، دېھقان ئىشلىگۈچىلەر قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرىنى ئېچىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەر، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەر، مېيىپ كىشىلەر قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تولۇق كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياردەم قىلىش - يۆلەشنى كۈچەيتىش كېرەك. كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، سۇغۇرتىغا قاتنىشىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، داۋالاش بويىچە قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ۋە قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش بويىچە يۆلەش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، ياشانغانلار كۈتۈنۈش ئىشلىرى ۋە ياشانغانلار كۈتۈنۈش كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ناھىيەلەرنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان رايونلار ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاممىنىڭ ئىچكى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۈچەيتىپ، كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىش يۈزبەرمەسلىك تۆۋەن چېكىنى قەتئىي ساقلاش كېرەك. «دائىم غېمىدە بولۇش»تەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇپ، تۈزۈمنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ تۈرلۈك ئېغىر، زور بىخەتەرلىك ھادىسىلىرىنىڭ يۈزبېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغداش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى، شۇنداقلا مىللەتلەر رايونلىرىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى. مىللەتلەر رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشى، سىياسىي قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، جەمئىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدىشى، ئۇنىڭدىن قىلچە چەتنەپ كەتمەسلىكى كېرەك. مەيلى قانۇن - نىزام ياكى سىياسەت - تەدبىرلەرنى چىقىرىشتا بولسۇن، ھەممىسىدە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاقلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى كۈچەيتىشنى كۆزلەش كېرەك. دۆلەت بىرتۇتاش تۈزگەن دەرسلىكلەرنى قوللىنىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل - يېزىقىنى ئىگىلىشى ۋە ياخشى ئىشلىتىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى ئورۇنلاشتۇرمىسى يىرىك پىلانى ۋە ئاممىۋى مۇلازىمەت بايلىقىنى سەپلەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان ھەر مىللەت ئامما بىللە ياشايدىغان، بىللە ئۆگىنىدىغان، ئورتاق قۇرىدىغان، ئورتاق بەھرىلىنىدىغان، بىللە ئىشلەيدىغان، بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان ئىجتىمائىي شارائىتنى يارىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەركەزلىك تەربىيە ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھى بىلەن پارتىيە ئىستىلى جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش مۇھىم بىر تارىخىي تەجرىبە. خەلق ئاممىسىنىڭ باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈملۈك بولغان - بولمىغانلىقىغا باھا بېرىشىدىكى ئەڭ بىۋاسىتە تەسىراتى پارتىيە ئىستىلى جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنغان - قىلىنمىغانلىقى، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىستىلىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشنىڭ بولغان - بولمىغانلىقىدا ئىپادىلىنىدۇ. ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاشنى پۇختا تۇتۇپ، نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنى بىرلەشتۈرۈش، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى تۇتاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى تەلىپىگە ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، پارتىيەۋىلىك تەلىپىگە تەلەپ بويىچە توغرىلىنىپ مەنبەنى تەكشۈرۈپ، پارتىيە ئىنتىزامى تەلىپىگە سېلىشتۇرۇپ تەدبىرلەرنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈش - تۈزىتىش ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆزىتىش، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىش، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىشكە كۈچ سەرپ قىلىپ، خىزمەتلەرنى ئەمەلىي تۇتۇپ، ئاساسنى پۇختا سېلىپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىش جەھەتتە كۆرۈنەرلىك، ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. پاك بولۇش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنى توغرا بولغان ھوقۇق قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا تەربىيەلەپ، پاكلىق جەھەتتىكى خەۋپ - خەتەر نۇقتىسىنى ئومۇميۈزلۈك تېپىپ چىقىپ، ئىدىيەۋى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، قانۇن - ئىنتىزام قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاش كېرەك. «چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىق» تەلىپى بويىچە ئالاقىدار تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىنتىزامنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بىخەتەرلىك رېشاتكىسىنى ياخشى بەرپا قىلىش كېرەك. ئاددىي - ساددا بولۇش ئىستىلىنى يېتىلدۈرۈپ، تۇرمۇش ئىستىلى مەسىلىسىنى تەكشۈرۈش - تۈزىتىشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ كاللىسىنى سەگەك تۇتۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توسمىسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

لى گەنجيې ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى، باش تېما تەربىيەسى مەركەز 1 - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى.