«قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تۈگىمەس مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە»

日期:2023年06月02日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەر تارقاتتى

«قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تۈگىمەس مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە»


سىكاننېرلاپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان شىنخۇا ئاگېنتلىقى 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى «قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تۈگىمەس مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش − يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلغانلىقى توغرىسىدا خاتىرە» ناملىق چوڭ ھەجىملىك تەپسىلىي خەۋەرنى تارقاتتى.

«ھەربىر خىل مەدەنىيلىك بىر دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ مەنىۋى تومۇرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، بۇ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش، ئەۋلادمۇئەۋلاد قوغداشقا موھتاج، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، دادىل يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ موھتاج».

تارىخ تۇمانلىرىنى كېسىپ ئۆتۈپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى نەچچە مىڭ يىللىق بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تارىخىدا قېنىق، رەڭدار سەھىپىنى پۈتتى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋرنىڭ تارىخىي ئورنىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، مۇستەھكەم مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى، كەڭ تارىخىي نەزەر دائىرىسى، چوڭقۇر ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىش ئارقىلىق، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى توغرىسىدا بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئىجادىي ئايلىنىشى، يېڭىلىق يارىتىش خاراكتېرلىك تەرەققىي قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيەت تومۇرىنىڭ داۋاملىق گۈللىنىشى، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋرگە نەزەر سالساق، مىليونلىغان جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى 5000 يىلدىن ئارتۇق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئوزۇقىنى قوبۇل قىلىپ، يىلىكىگىچە چوڭقۇر سىڭگەن مەنىۋى تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، چوڭقۇر، جۇشقۇن جۇڭگو كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، چەكسىز مۇستەھكەم تارىخىي ئىشەنچ ۋە مەدەنىيەت ئىشەنچى ئارقىلىق، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە مەردانە قەدەم تاشلىدى.

ماقالە تۆت قىسىمغا بۆلۈنگەن: ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىش؛ ئۇلنى چىڭىتىپ روھنى تاۋلاپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ تەشەببۇسكار مەنىۋى كۈچ مۇجەسسەملەش؛ ئاساسنى مۇستەھكەملەپ، يېڭى سەھىپە ئېچىپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش؛ دۇنيانى قەلبكە پۈكۈپ، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، گۈزەللىكلەردە ئورتاقلىشىشتەك مەدەنىيلىك يولىنى بەرپا قىلىش.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: چوڭ يۈزلىنىشكە ئۇيغۇنلىشىپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇپ، داغدام يولدا مېڭىپ، ئېجىل - ئىناقلىقنى كۆزلەش كېرەك.

يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىدىن ئۈزلۈكسىز ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ - قۇۋۋەت قوبۇل قىلىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ سەلتەنەتلىك يۆگىمە رەسىمىنى ئورتاق سىزىپ چىقىدۇ!