شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ ئەردوغاننىڭ يەنە بىر قېتىم تۈركىيە زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

日期:2023年05月30日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى تېلېگراممىسى5 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رەجەپ تاييىپ ئەردوغانغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ يەنە بىر قېتىم تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن تۈركىيە ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەت ۋە يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار دۆلىتى بولۇپ، كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا پائال ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. مەن جۇڭگو ـ تۈركىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەردوغان بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە بىر ـ بىرىنى چۈشىنىپ، بىر ـ بىرىنى قوللاپ، جۇڭگو ـ تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.