شى جىنپىڭ كونگو(كىنشاسا) زۇڭتۇڭى چاسېكېدى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

日期:2023年05月28日
来源:天山网
【字体:

5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن كونگو(كىنشاسا) زۇڭتۇڭى چاسېكېدى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن چاسېكېدى ۋە رەپىقىسى دېننىس بىلەن سۈرەتكە چۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى تېلېگراممىسى 5 - ئاينىڭ 26 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن كونگو(كىنشاسا) زۇڭتۇڭى چاسېكېدى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئالىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى جاكارلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن كونگو ئىككى دۆلەت مىللەتنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەرىكىتى ۋە مۇستەملىكىچىلىك، تاجاۋۇزچىلىققا قارشى تۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدە چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇق ئورناتقان بولۇپ، كەڭ ئورتاق سۆزگە ئىگە بولغان، مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئورتاق ئىلگىرىلەيدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىسى مول بولدى، جۇڭگو ئۇدا كۆپ يىل كونگو(كىنشاسا)نىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى ۋە ئەڭ چوڭ تاشقى مەبلەغ مەنبەسى دۆلىتىگە ئايلىنىپ، ئىككى تەرەپ زىچ بولغان مەنپەئەت ئورتاق گەۋدىسى ۋە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈردى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى شۇنى بىلدۈردىكى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش ھوقۇقى بار ۋە ئىقتىدارىمۇ بار. جۇڭگو تەرەپ كونگو(كىنشاسا) بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات، گۈللىنىش يولىدا ئۆزئارا قوللاش، ھەمكارلىقنى ئورتاق كۆزلەش، تەرەققىياتنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق ئىلگىرىلەشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ كونگو(كىنشاسا)نى تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق پۇرسىتى ۋە تېخىمۇ كەڭ بازار بىلەن تەمىنلەپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ ئىلگىرىكىدەكلا كونگو(كىنشاسا)نىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىپ، كونگو(كىنشاسا)نىڭ سانائەتلەشتۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى قوللاپ، ئېنېرگىيە، كان مەھسۇلاتلىرى، يېزا ئىگىلىكى، ئۇل ئەسلىھە، ياسىمىچىلىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رەقەملىك ئىقتىساد، مائارىپ، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىشنى خالايدۇ، كونگو(كىنشاسا)غا يېزا ئىگىلىك تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى گۇرۇپپىسى ئەۋەتىشنى خالايدۇ. كونگو تەرەپنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ كونگو(كىنشاسا)غا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىنى سىياسەت مەدىتى ۋە مۇلازىمەت قولايلىقلىقى بىلەن تەمىنلەپ، ئادىل، ھەققانىي، بىخەتەر بولغان تىجارەت - سودا مۇھىتى بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. جۇڭگو تەرەپ كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردا كونگو تەرەپ بىلەن بولغان ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئورتاق ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداشنى خالايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت، ئافرىقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئەڭ مەركەزلەشكەن چوڭ قۇرۇقلۇق، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا ئەزەلدىنلا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەتتە، جۇڭگو ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئېھتىياجلىق. ئىككى تەرەپ خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قارشى تۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقىنىڭ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئافرىقىنىڭ دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيلىكىدىكى مۇھىم بىر قۇتۇپقا ئايلىنىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئۆزىنىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق ئافرىقا دۆلەتلىرىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، ئافرىقىدىكى قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى داكار يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئافرىقىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللاپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

چاسېكېدى مۇنداق بىلدۈردى: مەن كونگو(كىنشاسا) خەلقىگە ۋاكالىتەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيى ۋە جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم قىزغىن تەبرىكلەيمەن، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىلىقىغا ۋە جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە ئۇدا سايلانغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم قىزغىن تەبرىكلەيمەن، جۇڭگونىڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە يېڭى دەۋردە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو جەزمەن ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ. يېرىم ئەسىردىن بۇيان، كونگو - جۇڭگو دوستانە ھەمكارلىقى ۋاقىتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ، مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، بۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق قەدىرلىشىگە ئەرزىيدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان كونگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن تەمىنلىگەن مۇھىم ياردىمى ۋە قىممەتلىك مەدىتىگە رەھمەت ئېيتىمەن. كونگو تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ. كونگو تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىقتىساد - سودا، بايلىق، ئۇل ئەسلىھە، داۋالاش، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كونگو - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىپ، پىشىپ يېتىلگەن، مۇقىم ۋە ئىجادىيلىققا ئىگە كونگو - جۇڭگو مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى مەبلەغ سېلىش، يېشىل ئىقتىساد، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا چاسېكېدى ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

چاسېكېدى يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپكە تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو - كونگو ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. چاسېكېدى شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ۋە چاسېكېدىنىڭ رەپىقىسى دېنىسې ھەمراھ بولۇپ قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا چاسېكېدى ۋە رەپىقىسى دېنىسې ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

ۋاڭ يى قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.