شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى

日期:2023年05月20日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، شىئەن، 5 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارياڭ يىمياۋ، ساۋ جيايۆ) 5 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى شىئەن خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف، تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان، تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى بەردىمۇھەممەدوف، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف بىلەن بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بايا، مەن ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق. بىز جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ دوستانە ئالاقىلىشىش تارىخىنى ئەسلەپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى رەتلەپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، يېڭى ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدۇق. بىز «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى شىئەن خىتابنامىسى»نى بىرلىكتە ئىمزالاپ، باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجە تىزىملىكىنى ماقۇللاپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈپ چىقتۇق.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ۋە پارلاق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، بىز قول تۇتۇشۇپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ، خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، تېخىمۇ زىچ بولغان جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا ئىرادە قىلدۇق.

بىز بىر ـ بىرىمىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقى، خەۋپسىزلىكى، زېمىن پۈتۈنلۈكى قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئىتىمىزگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، بىر ـ بىرىمىزنىڭ ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئاساسەن تاللىغان تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەرقانداق كۈچنىڭ ھەرقانداق باھانە بىلەن ئىچكى ئىشىمىزغا ئارىلىشىشىغا قەتئىي قارشى تۇرىمىز. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنىڭ دۇنيا تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

بىز «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ ۋە سېلىنما ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا قاتناش كارىدورى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ئېنېرگىيە تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى قوللاپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا ھەمكارلىقىغا ئىلھام بېرىپ، رايون ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، چوڭقۇر دەرىجىدە ئۆزئارا تولۇقلايدىغان، يۈكسەك دەرىجىدە ئورتاق نەپ ئالىدىغان ھەمكارلىق يېڭى ئەندىزىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىمىز.

بىز ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەنتەربىيە، ئارخېئولوگىيە، ساياھەت، داۋالاش، سەھىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى پائال قانات يايدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خەلقلىرىنىڭ مەدەنىيەت ـ سەنئەت يىلى ۋە جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا ياشلار سەنئەت بايرىمى پائالىيىتىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، خادىملارنىڭ بېرىش ـ كېلىشىنى كېڭەيتىپ، ياشلار ئالاقىسىگە ئىلھام بېرىپ، «مەدەنىيەت يىپەك يولى» پىلانىنى ئورتاق يولغا قويىمىز. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى ياش ئوقۇغۇچىلارنى ھۆكۈمەت ئوقۇش مۇكاپات پۇلى ئالىدىغانلار سانى بىلەن تەمىنلەپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا تېخىمۇ كۆپ لۇبەن ھۈنەرخانىسى، ئەنئەنىۋى تېبابەت مەركىزى تەسىس قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى ساپالىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ.

بىز ھەرقانداق شەكىلدىكى تېررورىزم، بۆلگۈنچىلىك، ئەسەبىزم ھەمدە زەھەر ئەتكەسچىلىكى، دۆلەت ھالقىغان تەشكىللىك جىنايەتكە قەتئىي زەربە بېرىپ، بىيوبىخەتەرلىك، تور بىخەتەرلىكى، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئافغانىستان خەلقىنىڭ خەۋپسىزلىك، مۇقىملىقنى قوغداش، تىنچ قايتا قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا داۋاملىق ياردەم بېرىپ، قول تۇتۇشۇپ توقۇنۇشتىن يىراق، مەڭگۈ تىنچ بولغان ئوتتۇرا ئاسىيانى قۇرۇپ چىقىمىز.

بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا قاتتىق ئەمەل قىلىپ، كۆپ تەرەپچىللىك ھەمدە ھەممە ئېتىراپ قىلغان خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت مىزانىنى قەتئىي قوغداپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، خەلقئارا تەرتىپ ۋە يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز. ھەرقايسى تەرەپلەر يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قوللايدۇ ھەم پائال ئەمەلدە كۆرسىتىشنى خالايدۇ، بۇ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداش، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارايدۇ.

بىز بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار ئۇچرىشىش مېخانىزمىنى رەسمىي ئورنىتىپ، ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزىمىز، نۆۋەت بىلەن جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئۆتكۈزىمىز. كېلەر قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى 2025 ـ يىلى قازاقىستاندا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بىز مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، جۇڭگودا دائىمىي كاتىبات باشقارمىسى تەسىس قىلىپ، قاتناش، ئىقتىساد ـ سودا، سېلىنما ۋە كەسىپ، يېزا ئىگىلىكى، ئېنېرگىيە، تاموژنا، ئادىمىيەتنى ئالدىنقى يۆنىلىش قىلىپ، ئالتە دۆلەتنىڭ ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق ھەمكارلىقىنى پۇختا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىمىز.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقى ئۈچۈن بىر ياخشى باشلىنىش بولدى. كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت پاراخوتى چوقۇم دولقۇن يېرىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئالتە دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە يېڭى كۈچ قوشىدۇ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچ قوشىدۇ.

سەي چى، ۋاڭ يى، چىن گاڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.