چەت ئەل رەھبەرلىرى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى

日期:2023年03月15日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 13 - كۈنى تېلېگراممىسى يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى كەينى - كەينىدىن تېلېگرامما، خەت ئەۋەتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

زامبىيە زۇڭتۇڭى خىچىلېما مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئاساسلىق قاتناشقۇچىسىغا ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ جەمئىيەت، ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقى جۇڭگو خەلقىنىڭ داۋاملىق شى جۇشىنىڭ رەھبەرلىكىدە تىنچلىق، خەۋپسىزلىك، گۈللىنىش - تەرەققىيات يولىدا چىڭ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. زامبىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن تېخىمۇ قويۇق مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

رىۋاندا زۇڭتۇڭى كاگامې مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ سايلانغانلىقىڭىز جۇڭگو خەلقىنىڭ سىزگە ئىنتايىن ئىشىنىدىغانلىقى ۋە ئىشەنچىنى نامايان قىلدى، سىزنىڭ جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلىپ تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن. مەن سىز بىلەن قويۇق ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ قالتىس دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشنى خالايمەن.

كورېيە زۇڭتۇڭى يىن شىيۆ مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىڭىزنى تەبرىكلەيمەن. بۇلتۇر 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، مەن سىز بىلەن تۇنجى قېتىم كورېيە - جۇڭگو باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا پايدىلىق سۆھبەت ئۆتكۈزگەنىدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن سىز بىلەن داۋاملىق قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

بېنگال زۇڭلىسى خاسىنا مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىڭىز بارلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ سىزگە بولغان قەتئىي ئىشەنچى ۋە چوڭقۇر ئىشىنىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. سىز يىراقنى كۆرەرلىكىڭىز ئارقىلىق ئۇلۇغ جۇڭگونىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىشىگە رەھبەرلىك قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرالايسىز.

گىرېنادا زۇڭلىسى مىچېل مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو خەلقى سىزنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكىڭىزگە تولۇق ئىشىنىدۇ. ئىشىنىمەنكى، سىزنىڭ بۇرچ تۇيغۇسىغا باي رەھبەرلىكىڭىز جۇڭگونىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.

كۇبا ئىنقىلابىنىڭ داھىيسى، گېنېرال رائۇل كاستىرو مۇنداق بىلدۈردى: سىز دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەلق ئۈچۈن پۈتۈن زېھنىڭىزنى سەرپ قىلىپ، كۆپ تۈرلۈك يەر شارىۋى تەشەببۇسقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتتىكى مۇتلەق كۆپ ساندىكى دۆلەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتىڭىز. كۇبا − جۇڭگو دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى قىممەتلىك تارىخىي ۋارىسلىق قىلىشقا، ئىستراتېگىيەلىك ئالاھىدىلىككە ۋە داۋاملاشتۇرۇش كاپالىتىگە ئىگە، كۇبا كۇبا بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ ھەم ئۇنىڭغا داۋاملىق تۈرتكە بولىدۇ.

ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى گايت مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىڭىز جۇڭگو خەلقىنىڭ سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزگە ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ئەقىل - پاراسىتىڭىزگە ئىشەنگەنلىكىنىڭ ئەڭ ياخشى دەلىلى، دوستانە جۇڭگو خەلقىنىڭ تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەش ۋە ئۇزاققىچە گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تىلەكداشمەن. ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرۈشنى خالايدۇ.