چەت ئەل رەھبەرلىرى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى

日期:2023年03月13日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى كەينى - كەينىدىن تېلېگرامما، خەت ئەۋەتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى دىئاز - كانېل مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ، سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، بۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان قىممەتلىك تۆھپىڭىزگە بولغان ئىشەنچىسىنى نامايان قىلدى. كۇبا سىز ۋە جۇڭگو خەلقى، پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان قويۇق دوستلۇقىدىن چوڭقۇر شەرەپ ھېس قىلىدۇ.

قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېف مۇنداق بىلدۈردى: مەن قازاقىستان خەلقى بىلەن بىرلىكتە، سىزنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىڭىزنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن. سىزنىڭ دانا تەدبىرىڭىز ھەمدە جۇڭگونىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغان ئىككى يىغىنىدا چىقىرىلغان مۇھىم قارارلار جەزمەن جۇڭگو خەلقىنى يۈكسەك قىممەت قارىشى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، جۇڭگونىڭ گۈزەل كەلگۈسى ۋە گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىدۇ.

قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروف مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىڭىز جۇڭگو خەلقىنىڭ سىزگە بولغان يۈكسەك ئىشەنچى ۋە قوللىشىنى ھەمدە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى تەشەببۇسىدا دۇنيانىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يولغا قويغان ئىچكى - تاشقى سىياسىتىڭىزنى دەلىللىدى. ئىشىنىمەنكى، سىزنى يادرو قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دانا رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى چوقۇم سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

تاجىكىستان زۇڭتۇڭى راخمان مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم جۇڭگونىڭ دۆلەت ئالىي رەھبىرى بولۇپ سايلانغانلىقىڭىز سىزنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ قەلبىدە يۈكسەك ئابرۇي ۋە ھۆرمەتكە ئىگە ئىكەنلىكىڭىزنى، سىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىدىيەيىڭىزنىڭ پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ بىردەك قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى. سىزنىڭ دانا رەھبەرلىكىڭىزدە، جۇڭگو تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات يولىنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە، خەلقئارادىكى ئىناۋىتى ۋە ئورنى ئۈزلۈكسىز ئۆسمەكتە.

تۈركمەنىستان زۇڭتۇڭى سەردار بەردىمۇھەممەدوف مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. سىزنىڭ دانا رەھبەرلىكىڭىزدە، جۇڭگو تېز تەرەققىي قىلىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى سىجىل ئۆسۈپ، خەلقئارا ئىشلاردا ئىجابىي رولىنى ئۈزلۈكسىز جارى قىلدۇرماقتا. مەن سىز بىلەن بىرلىكتە تۈركمەنىستان - جۇڭگو ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ دانا رەھبەرلىكىڭىزدە، جۇڭگو مىسلىسىز تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلقئارادىكى ئىناۋىتى كۆرۈنەرلىك ئۆسۈپ، كۈنسېرى ئومۇميۈزلۈك قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلانماقتا. سىزنىڭ پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىققانلىقىڭىز مۇھىم، زور تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە. سىز يەنە بىر قېتىم جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلاندىڭىز، بۇ، جۇڭگو تارىخىدىكى مۇھىم، زور ئىش. سىزنىڭ تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىزگە تىلەكداشمەن.

بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلانغانلىقىڭىزدىن ئىبارەت بۇ تارىخىي ئىش جۇڭگو خەلقىنىڭ سىزگە تامامەن ئىشىنىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى، شۇنداقلا سىزنىڭ يېڭى دەۋردە جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگونىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى ئۆستۈرۈشتە ئۇلۇغ تۆھپە، بۈيۈك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىڭىزنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى. شۇنىڭغا چوڭقۇر ئىشىنىمەنكى، سىزنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىڭىزدە، جۇڭگو جەزمەن ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

بىرۇنېي سۇلتانى خاسانئال مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىڭىزدە، جۇڭگو خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش جەھەتتە غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش مۇساپىسىدە ئۈزلۈكسىز ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ ھەم خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا ئىجابىي رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرىدۇ.

ھىندونېزىيە زۇڭتۇڭى جوكو مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىڭىزنى تەبرىكلەيمەن. ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشايلى.

سىنگاپور زۇڭتۇڭى خالىما مۇنداق بىلدۈردى: ئۆتكەن 10 يىلدا، جۇڭگو مۇھىم، زور تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى. سىزنىڭ دانا رەھبەرلىكىڭىزدە، جۇڭگونىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەۋاتقان سىنگاپور - جۇڭگو مۇناسىۋىتى سىجىل چوڭقۇرلىشىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىدۇ.

پاكىستان زۇڭتۇڭى ئالۋى مۇنداق بىلدۈردى: پاكىستان بىلەن جۇڭگونىڭ جانجىگەر دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىدۇ. مەن سىز بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ زۇڭتۇڭى كۈرىلسۇخې مۇنداق بىلدۈردى: سىز ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ توغرا رەھبەرلىكىدە، جۇڭگونىڭ باي - كۈچلۈك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش نىشانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

مالدىۋې زۇڭتۇڭى سالىھ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىڭىزنى باشلىغان پەيتتە، سىزنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى رەھبەرلىك ئىقتىدارىڭىز ۋە يىراقنى كۆرەرلىكىڭىز بىلەن جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىزگە تىلەكداشمەن. مالدىۋې جۇڭگو بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇستەھكەم بولغان مالدىۋې - جۇڭگو ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

بۇتاننىڭ 4 - ئەۋلاد پادىشاھى ۋاڭچۇك مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ سايلانغانلىقىڭىز سىزنىڭ دانا رەھبەرلىكىڭىزنى، خەلققە بەرگەن ۋەدىڭىزنى، ھەمدە قۇدرەتلىك، گۈللەنگەن جۇڭگونىڭ كېلەچىكىنى تارىخىي خاراكتېرلىك ئىسپاتلاپ بەردى. سىزنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان رەھبەرلىكىڭىزدە، جۇڭگو چوڭ دۆلەتلىك مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلىپ، دۇنياغا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە، جۇڭگو كۆزگە كۆرۈنەرلىك تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو ۋە ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت ياراتتى. جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى، سىزنىڭ جۇڭگوغا داۋاملىق رەھبەرلىك قىلىپ، ئۇزاققىچە تەرەققىي قىلىش ۋە گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن. ئىككى دۆلەتنىڭ تارىختىكى رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق يېتىلدۈرۈشىدە، سىنگاپور بىلەن جۇڭگو ئۇزاق ھەم يېقىن دوستلۇق ئورناتتى. مەن سىز بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن.

پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ سايلانغانلىقىڭىز سىزنىڭ قالتىس رەھبەرلىك ئىقتىدارىڭىزنى نامايان قىلدى، جۇڭگو خەلقىنىڭ سىزنىڭ دانا رەھبەرلىكىڭىزگە ئىشىنىدىغانلىقى ۋە قەتئىي ئىشەنچىسى بارلىقىنى نامايان قىلدى. سىزنىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراقنى كۆرىدىغان رەھبەرلىكىڭىزدە، جۇڭگو ۋە ئۇلۇغ جۇڭخۇا مىللىتى ئىنسانىيەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.

كامبودژا باش ۋەزىرى خۇڭسېن مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ دانا رەھبەرلىكىڭىزدە، جۇڭگو دۆلەت تەرەققىياتىدا ھەر تەرەپلىمە تارىخىي ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، سىز مۇقەررەر جۇڭگونى داۋاملىق يېتەكلەپ قالتىس مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز. كامبودژا - جۇڭگو دوستلۇقى مۇستەھكەم. كامبودژا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ كامبودژا - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

ياپونىيە باش ۋەزىرى ئەنتيەن ۋېنشيۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىڭىزنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن. بۇ يىل ياپونىيە - جۇڭگو تىنچلىق دوستلۇق شەرتنامىسى ئىمزالانغانلىقىنىڭ 45 يىللىقى، مەن سىز بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ، ئىجابىي، مۇقىم بولغان ياپونىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.

نېپال زۇڭلىسى پىراچاندا مۇنداق بىلدۈردى: نېپال بىلەن جۇڭگو ئىزچىل ياخشى قوشنا، يېقىن دوست ۋە ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ھەمراھ بولۇپ كەلدى. ئىشىنىمەنكى، سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە، نېپال - جۇڭگو مۇناسىۋىتى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلىدۇ.

ئالجىرىيە زۇڭتۇڭى تېببون مۇنداق بىلدۈردى: مەن ئالجىرىيە بىلەن جۇڭگونىڭ سەمىمىي دوستانە بولغان، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىدىغان چوڭقۇر تارىخىي مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇيمەن، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ ئالجىرىيە - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە ئورتاق مەنپەئىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايمەن.

سۇرىيە زۇڭتۇڭى بەشىر مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىشىڭىز جۇڭگو خەلقىنىڭ سىزنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بەردى. جۇڭگو ھەقىقەتكە، ھەققانىيلىققا ۋە خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىگە ئىنتىلىدىغان دۆلەت بولۇپ، دۇنيادا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى تارقىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقاردى. سۇرىيە خەلقى سۇرىيە - جۇڭگو ئەنئەنىۋى دوستلۇقىدىن چوڭقۇر پەخىرلىنىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن قويۇق ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى يارىتىشنى خالايدۇ.

كۇۋەيت ئەمرى ناۋاف مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ رەھبەرلىكىڭىزدە، دوستانە جۇڭگو ھەرقايسى ساھەلەردە گەۋدىلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، قەدىمىي مەدەنىيلىك يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى، خەلقئارادىكى ئورنى ئۈزلۈكسىز ئۆستى. مەن كۇۋەيت بىلەن جۇڭگونىڭ چوڭقۇر ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقىدىكى يېڭى ئىلگىرىلەشتىن چوڭقۇر پەخىرلىنىمەن.

پەلەستىن زۇڭتۇڭى ئابباس مۇنداق بىلدۈردى: سىز جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلىپ قالتىس تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردىڭىز، تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلانغانلىقىڭىز خەلق ئاممىسىنىڭ مايىللىقى بولۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ سىزگە يۈكسەك ئىشىنىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، سىز جۇڭگو ۋە جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ، داۋاملىق يېڭى مۇۋەپپەقىيەت ۋە يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ بېكىتىلگەن نىشان ۋە كەلگۈسى ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرالايسىز.

كېنىيە زۇڭتۇڭى رۇتو مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك سايلانغانلىقىڭىز جۇڭگو خەلقىنىڭ سىزنىڭ ئۇلۇغ دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىپ يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىدىغانلىقىڭىزغا يۈكسەك ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى. بىز جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى بىلەن بىرلىكتە بۇ مۇھىم پەيتنى تەبرىكلەيمىز. كېنىيە جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 60 يىلدىن بۇيانقى قويۇق مۇناسىۋەتنى داۋاملىق ساقلايدۇ ھەم زىچ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرىدۇ.

زىمبابۋې زۇڭتۇڭى منانگاگۋا مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىڭىز جۇڭگو خەلقىنىڭ سىزنىڭ قالتىس رەھبەرلىك ئىقتىدارىڭىزغا چەكسىز ئىشىنىدىغانلىقى ۋە قەتئىي ئىشەنچىسى بارلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى. سىزنىڭ دانا رەھبەرلىكىڭىزدە، ئۇلۇغ جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى گۈللىنىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. جۇڭگو ئىگىلىك ھوقۇق ۋە كۆپ خىللىققا ھۆرمەت قىلىش، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تۈپ ئاساس قىلغان يەرشارىۋى ھەققانىيەت ئىشلىرىنى قوغداشتا مۇھىم، زور رولىنى جارى قىلدۇردى.

موزامبىك زۇڭتۇڭى نيۇكشى مۇنداق بىلدۈردى: بىز غايەت زور خۇشاللىق ئىلكىدە سىزنىڭ سايلىنىپ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكىڭىزنى تەبرىكلەيمىز. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، سىزنىڭ دانا رەھبەرلىكىڭىزدە، جۇڭگو ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى داۋاملىق ئىشقا ئاشۇرىدۇ ھەم خەلقئارا سەھنىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ.

بۇرۇندى زۇڭتۇڭى ئېندايىشىمىيې مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىڭىز جۇڭگو خەلقىنىڭ سىزگە بولغان يۈكسەك ئىشەنچى ۋە سىزنىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالىدىغان داھىي سالاپىتىڭىزنى دەلىللىدى. بۇرۇندى جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاھىدە دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە داۋاملىق كۈچ چىقىرىدۇ.

سومالى زۇڭتۇڭى مەخمۇد مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىڭىزنى تەبرىكلەيمەن. سومالى - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخى ئۇزاق بولۇپ، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش ۋە ھەمكارلىشىش ئاساسىدا ئورنىتىلغان. بىز ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە بارلىق ساھەلەردە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

نىكاراگۇئا زۇڭتۇڭى ئورتېگا مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىشىڭىز دۇنيانىڭ ئادىللىقى، ھەققانىيلىقى، تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات پىرىنسىپى ۋە قىممەت قارىشىنى قەتئىي قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، جۇڭگونىڭ تېخىمۇ زور غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، نىكاراگۇئا - جۇڭگو ئىنقىلابىي دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى، نىكاراگۇئا تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئادىل، تىنچ، بىخەتەر، خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلەيدىغان دۇنيا بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

سالۋادور زۇڭتۇڭى بۇكېل مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىشىڭىز كۈچلۈك، قالتىس رەھبەرلىك ئىقتىدارىڭىز، جۇڭخۇا مىللىتى ئەنئەنىۋى قىممەت قارىشىدا قەتئىي چىڭ تۇرىدىغانلىقىڭىزنى ھەمدە پۈتۈن دۇنياغا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى ئاۋانگارتلىق ئورنىڭىزنى دەلىللىدى. سالۋادور قېرىنداش جۇڭگونىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ كۈچلۈك داۋاملىشىۋاتقانلىقىدىن خۇشاللىققا چۆمدى.

بولىۋىيە زۇڭتۇڭى ئارسې مۇنداق بىلدۈردى: مەن بولىۋىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن سىزنىڭ تارىخىي خاراكتېرلىك سايلىنىپ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىگەنلىكىڭىزنى تەبرىكلەيمەن. بىز جۇڭگو بىلەن بولغان قېرىنداشلارچە دوستلۇق ۋە دوستانە ھەمكارلىققا قەتئىي ئىشىنىمىز ھەم ئۇنىڭغا داۋاملىق كۈچ چىقىرىمىز.

گىۋىيانا زۇڭتۇڭى ئالى مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلانغانلىقىڭىز جۇڭگو خەلقىنىڭ سىزنىڭ قالتىس رەھبەرلىكىڭىزگە بولغان غايەت زور ئىشەنچىسىنى ئىپادىلەپ بەردى. جۇڭگو خەلقى پارلاق ھەم ئىشەنچلىك كېلەچىكىنى كۈتۈۋالدى. گىۋىيانا جۇڭگودەك مۇشۇنداق ئىستراتېگىيەلىك تەرەققىيات ھەمراھى ۋە دوستى بارلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ.

دومىنىكا زۇڭلىسى سكەيرىت مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن ئۇدا دۆلەت رەئىسى بولغانلىقىڭىز جۇڭگو خەلقىنىڭ سىزنىڭ دانا رەھبەرلىكىڭىز ۋە يىراقنى كۆرەرلىكىڭىزگە ئىشىنىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. يېڭى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىچىدە، سىزنىڭ جۇڭگوغا رەھبەرلىك قىلىپ تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىڭىزغا ھەم خەلقئارا ئىشلاردا تەسىر كۈچىڭىز ۋە ئىجابىي رولىڭىزنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولىدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىمەن.

بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنا ھەيئەت رىياسىتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىسى سىۋىيانوۋىچ مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىڭىز سىزنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ شۆھرىتى، تەسىر كۈچى ۋە مۇھىملىقىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن قالتىس تۆھپە قوشقانلىقىڭىزنى كۈچلۈك ئىسپاتلىدى. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، سىزنىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالىدىغان دانا رەھبەرلىكىڭىزدە، جۇڭگو مۇقەررەر يېڭى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. مەن سىز ۋە جۇڭگو خەلقىدەك مۇشۇنداق ھەقىقىي دوستىمىزنىڭ بارلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال ھەم پەخىرلىنىمەن.

ئافرىقا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى فاجى مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلانغانلىقىڭىز جۇڭگو خەلقىنىڭ سىزنى چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى، سىزنىڭ قالتىس رەھبەرلىك ئىقتىدارىڭىز ۋە كۆزگە كۆرۈنگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىڭىزگە يۈكسەك ئاپىرىن ئېيتىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. ئافرىقا جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە داۋاملىق قەتئىي كۈچ چىقىرىدۇ.