تېلېگرامما ئەۋەتىپ شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

日期:2023年03月13日
来源:天山网
【字体:

ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ، ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى ۋۇ ۋېنشاڭ

تېلېگرامما ئەۋەتىپ شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، ۋىيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى رۇەن فۇجۇڭ، ۋىيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى ۋۇ ۋېنشاڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

رۇەن فۇجۇڭ، ۋۇ ۋېنشاڭ مۇنداق بىلدۈردى: سىز يەنە بىر قېتىم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلىنىپسىز، بىز سىزنى ئەڭ قىزغىن تەبرىكلەيمىز. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن، سىز جۇڭگودىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە ۋە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە داۋاملىق رەھبەرلىك قىلىپ، جۇڭگونى باي - كۈچلۈك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق، گۈزەل سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش يېڭى مۇساپىسىدە ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ زور غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز. ۋىيېتنام پارتىيەسى، دۆلىتى ۋە خەلقى باشتىن - ئاخىر جۇڭگو بىلەن بولغان ئىناق قوشنىدارچىلىق، دوستلۇق ۋە ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ، بۇ، ۋىيېتنامنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تاللاش ۋە بىرىنچى دەرىجىلىك ئالدىن تاللاش. بىز ۋىيېتنام - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىگە داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ ۋە ئۇنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ پۇختىلاشنى، خەلق رايى ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشنى خالايمىز. سىزنىڭ ئالىي ئىش ئورنىدا داۋاملىق يېڭى تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىزگە تىلەكداشمىز.