دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىشىگە ئاساسەن، لى چياڭنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى بولۇشىنى قارار قىلدى

日期:2023年03月13日
来源:天山网
【字体:

14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى 4 - ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىشىگە ئاساسەن، لى چياڭنىڭ گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى بولۇشىنى قارار قىلدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رەئىس پەرمانى ئىمزالاپ تەيىنلىدى

3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 4 - ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىشىگە ئاساسەن، بېلەت تاشلاپ ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، لى چياڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى بولۇشىنى قارار قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ لى چياڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى 3 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا 4 - ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىشىگە ئاساسەن، بېلەت تاشلاپ ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، لى چياڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى بولۇشىنى قارار قىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1 - نومۇرلۇق رەئىس پەرمانى ئىمزالاپ، يىغىننىڭ قارارىغا ئاساسەن، لى چياڭنى گوۋۇيۈەن زۇڭلىلىقىغا تەيىنلىدى.

شى جىنپىڭ، لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىنغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2977 كىشى، قاتناشقانلار 2947 كىشى، قاتنىشالمىغانلار 30 كىشى، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

يىغىنغا يىغىن ئىجرائىيە رەئىسى، ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى ۋاڭ دۇڭمىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن ما شىڭرۇي، ۋاڭ شياۋخۇي، يىن خۇڭ، سۈن شاۋچېڭ، جاڭ يوۋشيا، جاڭ چىڭۋېي، جاۋ يىدې، شىن چاڭشىڭ، دۇڭ يۈنخۇ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.

بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ قارالمىلىرى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىشىگە ئاساسەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسىنى قارار قىلىش؛ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىشىگە ئاساسەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئەزالىرىنى قارار قىلىش؛ دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرىنى سايلاپ چىقىش؛ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقىنى سايلاپ چىقىش؛ ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشىنى سايلاپ چىقىش؛ 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىنى سايلاپ چىقىش.

شى جىنپىڭ گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى نامزاتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى كېڭەشتى. ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ كېڭىشىش پىكرىگە ئاساسەن، ھەيئەت رىياسىتى يىغىنى بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قارار قىلىپ تەيىنلىشىگە سۇنۇشنى قارار قىلدى.

يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى نامزاتىنى كۆرسىتىش خېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئەزالىرى نامزاتىنى كۆرسىتىش خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى مۇدىرىنىڭ نامزاتى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى نامزاتى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى نامزاتى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرى نامزاتىنى ھەيئەت رىياسىتى نامزاتلىققا كۆرسەتكەندىن كېيىن، ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى پىكىرلىشىپ كېڭەشتى. كۆپ ساندىكى ۋەكىللەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، ھەيئەت رىياسىتى يىغىنى رەسمىي نامزاتلار ئىسىملىكىنى بېكىتىپ، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ سايلام ئېلىپ بېرىشىغا سۇندى.

سائەت 9دىن 24 مىنۇت ئۆتكەندە، باش بېلەت نازارەتچىلىرى، بېلەت نازارەتچىلىرى ئېلېكتىرونلۇق بېلەت ساندۇقى ۋە ئېلېكتىرونلۇق سايلام سىستېمىسىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، خىزمەتچى خادىملار سايلام بېلىتىنى ئايرىپ تارقىتىشقا باشلىدى. ھەربىر ۋەكىل ئالتە پارچە سايلام بېلىتى ئالدى.

يىغىننىڭ سايلام ئۆتكۈزۈش ۋە تەيىنلەشنى قارار قىلىش چارىسىگە ئاساسەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى نامزاتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئەزالىرى نامزاتىغا ئاۋاز بېرىش بېلىتى ئىشلىتىش، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنى سايلاشتا سايلام بېلىتى ئىشلىتىش قارار قىلىندى.

بېلەت تولدۇرۇش، بېلەت تاشلاش، بېلەت ھېسابلاش ئارقىلىق، سائەت 11دە، خىزمەتچى خادىملار ئاۋاز بېرىش، سايلام بېلىتىنى ھېسابلاش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشقا باشلىدى.

رىياسەتچى يولداش لى چياڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ زۇڭلىسى بولغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى، لى چياڭ ئورنىدىن تۇرۇپ، ۋەكىللەرگە تەزىم قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈردى. ئارقىدىن، ئۇ شى جىنپىڭغا قاراپ بۇرۇلۇپ سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، شى جىنپىڭ ئۇنى تەبرىكلىدى. لى چياڭ يەنە يولداش لى كېچياڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ئۆزئارا ئېھتىرام بىلدۈردى.

ئارقىدىن، رىياسەتچى تەرتىپ بويىچە مۇنداق جاكارلىدى:

يولداش جاڭ يوۋشيا، خې ۋېيدۇڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولدى.

يولداش لى شاڭفۇ، ليۇ جېنلى، مياۋ خۇا، جاڭ شېڭمىن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى بولدى.

يولداش ليۇ جىنگو جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىغا سايلاندى.

يولداش جاڭ جۈن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقلىقىغا سايلاندى.

يولداش يىڭ يۇڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشلىكىگە سايلاندى.

159 نامزات 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا سايلاندى.

ھەربىر تۈرلۈك ئاۋاز بېرىش، سايلام نەتىجىسى جاكارلانغاندا، نەق مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش توغرىسىدىكى تەشكىلىي چارىسىگە ئاساسەن، ئومۇمىي يىغىننىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرى تاماملانغاندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ جىنگو، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى يىڭ يۇڭ ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئاساسىي قانۇن قەسىمى بەردى؛ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرى، ئەزالىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا كوللېكتىپ قەسەم بەردى.