شى جىنپىڭ 36 - نۆۋەتلىك ئافرىقا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

日期:2023年02月19日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 2 - ئاينىڭ 18 - كۈنى 36 - نۆۋەتلىك ئافرىقا ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە خەلقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۆتكەن بىر يىلدىن بۇيان، ئافرىقا ئىتتىپاقى ئافرىقا دۆلەتلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، يەرشارىۋى خىرىسلارغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، ئافرىقا ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئافرىقىدىكى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى مۇرەسسە قىلىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئافرىقىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە تەسىر كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى. ئافرىقا دۆلەتلىرى ۋە خەلقىنىڭ تەرەققىيات، گۈللىنىش يولىدا تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئۈزلۈكسىز قولغا كەلتۈرۈشىگە چىن قەلبىمدىن تىلەكداشمەن.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 2022 - يىلى، جۇڭگو - ئافرىقا مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز تۈردە ھەر تەرەپلىمە، كۆپ قاتلاملىق، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىپ، خەلقئارادا ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭدى. مەن ئافرىقا دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - ئافرىقا دوستانە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.